مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4058|ئىنكاس: 19

سۆيگۈ مەكتۇبى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەممە نەرسە كۈلك

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32090
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1275
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 1340 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2011-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 06:38:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         تاتلىقىم ،مەن بۇ سۆزلىرىمىنى باشلاشتىن ئاۋۋال سېنى مۇشۇنداق چاقىرشىمغا رۇخسەت قىلىشىڭنى سورايمەن.
         تاتلىقىم ، بۇ نېمدىگەن تاتلىق ھەم يېقىملىق سۆز ھە ؟! گەرچە سېنى شۇنچە كۈتۈپمۇ بۇ سۆزنى يۈز تۇرانە ئېيتىشقا مۇيەسسەر بولالمىغان بولساممۇ لېكىن سەن بىلەن دائىم خىيالى پاراڭلاشقاندا سېنى دائىم مۇشۇنداق چاقىرىمەن .
          تاتلىقىم ،ئويلاپ باقسام ئىككىمىز تونۇشقىلى بۈگۈنكى كۈننى ھېساپلىغاندا ساق تۆت يىل يەتتە ئاي 28  كۈن بوپتۇ.سىنى خىيالەن سېغىنىپ ،ئوتۇڭدا كۆيۈپ يۈرگىنىمگىمۇ تۆت يىل يەتتە ئاي 28كۈن بوپتۇ.
       توۋا،كونىلارنىڭ‹ بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش› دېگەن سۆزلىرنى ئاڭلىغاندا پەقەتلا ئىشەنمىگەن ئىدىم ،بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن دەپ ئويلايتىم ،لېكىن ئەمدىلىكتە بۇ ئىشلار ئۆز بېشىمغا كەلگەندە بولسا نېمە قىلىشىمنى،نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم .
       بۇ ئىشلار يۈز بەرگىلى گەرچە تۆت يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ،لېكىن خاتىرەمدە تېخى تۆنۈگۈنلا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردەكلا ئېنىق ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.
      سەن بىلەن تۇنجى قېتىم ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا ئۇچراشتۇق،گەرچە سىلەر بىلەن بىللە ئوقۇمىغان بولساممۇ دوستۇمنىڭ زورلىشى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانىدىم ،سېنى تۇنجى رەت كۆردۇم،كۆردۈم يۇ ،  نېمە بولغانلىقىمنى بىلمەيلا قالدىم .بەلكىم كونىلار ئېيىتقاندەك ‹بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش› مۇشۇ بولسا كېرەك.شۇ چاغدا سېنى كۆرۈپ كۆزۈمنى ئۈزەلمەيلا قالدىم.لېكىن سەن بۇنىڭدىن بىخەۋەر دوسىتلىرىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىڭ،ساڭا قاراپ قانچىلىك تۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن،بىر چاغدا دوستۇمنىڭ نوقۇپ چاقىرىشىدىن ئېسىمگە كېلىپ قارىسام يېنىمدىكىلەر پىخىلداپ كۈلۈشكىلى تۇرۇپتۇ،بۇنىڭدىن سەل خىجىل بولۇپ قالدىم .شۇنىڭ بىلەن يەنە باشقىلارنىڭ مەسخىرسىگە قالماسلىق ئۈچۈن بىردەم ،يېرىمدەم باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراي دەپ توپلىشىپ ئويۇن ئويناۋاتقانلارنىڭ ئارسىغا قېتىلدىم ،لېكىن ئۆزۈم باشقا يەردە بولغان بىلەن خىيالىم سەندە.كۆزلىرىم ھەر تەرەپتىن سېنى ئىزدەيدۇ،توساتتىن سېنى ئىزدەپ يۈرگەن كۆزلىرىم كۆزلىرىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى،پۈتۈن بەدىنىم جىغغىدە قىلىپ قالدى.شۇ چاغدىكى ھېسياتىمنى ھازىر تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئاجىزمەن.كۆزلىرىمىز ئۆز-ئارا ئۇچراشقاندا سەن تېزلا كۆزلىرىڭنى ئېلىپ قاچتىڭ،مەن يەنە شۇنداق ئۇچرىشىشقا شۇنچە ئىنتىزار بولساممۇ لېكىن سەن مەن تەرەپكە قايتا قارىمىدىڭ.
  شۇ كۈندىكى يىغىلىش قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلاشتى ،سەندىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئۆيگە قايتتىم .شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خىيالىمدا سەن،چۈشلىرىمدە سەن .شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن سېنى نەق بىر يىلدىن كېيىن ئۇچراتتىم ،سېنى كۆردۈميۇ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قاققان قوزۇقتەك جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم ،يېنىڭدا باشقا بىرى،باشقا بىر ئوغۇل بالا بىلەن ناھايىتى قىزغىن پاراڭلىشىپ ،چاقچاقلىشىپ يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتىڭ،بۇنىڭغا چىدىمايلا قالدىم ،مەنمۇ بىر ئوغۇل بالا بولۇش سۈپتىم بىلەن يېنىڭدىكى بالىغا ھەۋسىم كەلدى،ئىچى تارلىقىم قوزغالدى ،مۇناسۋىتىڭلارنى ئېنىقلاپ باققۇم كەلدى، ‹مۇھەببەت ئىچى تارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ،›بەلكىم بۇ سۆزلەر ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان بولسا كېرەك.كېيىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم ئۇ سېنىڭ  ئاكاڭ ئىكەن ،ئەمدى ئويلاپ باقسام ئۇ ئىشلىرىمغا ھازىر كۈلگۈم كېلىدۇ،سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم بىر سورۇندا ئولتۇرۇش پۇرسىتىگە قايتا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ،دوستۇمدىن سېنىڭ تېلىغۇن نومۇرۇڭنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالدىم،لېكىن ساڭا تېلىغۇن قىلىشقا پېتىنالمىدىم ،چۈنكى سېنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى خالىماي قالساڭ خىيالىمنىڭ پۈتۈنلەي كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىشىدىن قورقتۇم .بەلكىم سېنىڭ ئوغۇل دوستۇڭنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن بەكرەك ئەنسىرىگەن بولسام كېرەك ،سېنىڭ شۇ ئىشلىرىڭنى ئېنىقلاپ ،سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى ساقلاپ يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى.سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم خۇددى تەقدىرنىڭ چاقچىقىدەكلا ئۇچرىشىپ قېلىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن، شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش مەن ئۈچۈن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىۋەتتى.
     ئۇ كۈنى سەن ئىنىڭنىڭ مىجەزى يوق ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىققان ئىكەنسەن،ماشنا ساقلاپ تىت-تىت بولۇپ تۇرغىنىڭدا مەن موتسىكىلىت بىلەن ئۈلگۈرۈپ كېلىپ قاپتىمەن .شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويدۇم،شۇندىن ئېتىبارەن پات-پات ئالاقە قىلىشىپ ئۇچرشىپ تۇردىغان بولدۇق، لېكىن شۇ جەرياندا ساڭا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىش پۇرسىتى نەچچە قېتىم كەلگەن بولسىمۇ،يۈرەكسىزلىكىم ،جۈرئەتسىزلىكىم تۈپەيلى ساڭا سۆزلىرىمنى ئوچۇق ئېيتالمىدىم .شۇنداق قىلىپ يەنە ھەش-پەش دېگۈچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى ،مۇشۇ جەرياندا سېنىڭ ئوغۇل دوستۇڭنىڭ يوقلىقىنى ئۇقتۇم،بۇ مەن ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىدى.كۆيۈك ئوتىدا كۆيۈپ ،پۇچىلىنىپ،سەكپارە بولۇش نېمىدىگەن ئازاب ،يايرىڭ كۆز ئالدىڭدا تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا ئۆز كۆڭلۈڭنى ئىزھار قىلالمىساڭ دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك.
     شۇنداق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرىدىن‹قىزلار يۈرەكسىز ئوغۇللارنى ياقتۇرمايدۇ...بۇنداق ئوغۇللاردىن ھەممە قىزلار بىزار ›دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالدىم .
     تاتلىقىم، سەنمۇ مېنىڭدىن بىزارمۇسەن؟بۇنداق بولمىسۇن،مەن سېنى دەپ نەچچە كېچىلەرنى كىرپىك قاقماي تاڭغا ئۇلىدىم .غورۇرلۇق بىر ئوغۇلنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزغا ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن .گەرچە سەن بىخەۋەر ساڭا كۆيۈپ يۇرگىنىمگە شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ساڭا بۇ سۆزلەرنى يۈز تۇرانە ئېيتىشقا ئامالسىزمەن،ئەگەر مېنى ياقتۇرغان بولساڭ،مېنى خالىساڭ،تەكلىپىمنى رەت قىلماي قوبۇل قىلساڭغۇ بېشىمنىڭ كۆككە يەتكىنى شۇ،ئەممە كۆڭلۈڭگە پۈككەن باشقا بىرى بولسا ،مېنى رەت قىلساڭ مەن ئالدىڭدا ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويىمەن .شۇڭا ساڭا بۇ سۆيگۈ مەكتۇبىنى، غېرىپ،مىسكىن كۆڭلۈمنى،ئوتلۇق، سەمىمىي مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلىپ يازدىم ،
      خەتلىرىمنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن خالىساڭ،كۆڭلۈڭدە باشقا بىرى بولسا جاۋاب خېتىڭدە ئوچۇقلا دېگىن،مەن چۈشىنىمەن.مۇھەببەت بىر ئەمەس بەلكى ئىككى يۈرەكنىڭ قوشۇلىشىدىن بىخ سۈرۈپ ، يىلتىز تارتىدۇ، ئەگەر خالىمىساڭ مەيلى،مەن يەنىلا سەن بىلەن ياخشى دوسىتلاردىن بولالايمەن. سېنىڭ خوشاللىقىڭنى ،بەختىڭنى كۆرۈش مەن ئۈچۈن بەخىت. ئەگەر كۆڭلۈڭگە پۈككەن لايىقىڭ بولمىسا مەندەك تۆت يىل ئىشىق ئوتۇڭدا ئازابلىنىپ،پۇچىلىنىپ يۈرگەن بىچارە ،غېرىپنى ئويلىشىپ كۆرەرسەن.
      خەيىر ،خەتلىرىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي .
           سەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ قالغۇچى ،  يېگانە غېرىپتىن .  


        مەنبە . قەلىمىم

ماختىنىپ باشقىلارغا كۆرسەتمە كىبىر، ئويلىما دۇنيادا مەن  پەقەتلا  بىر . ئېچىلار بىر كۇنى ئىچىڭدىكى سىر ، شۇ چاغ تۇرمىغىن تىتىرەپ دىر-دىر .

~كۈلگىنچەك مەلىك

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25613
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5243
تۆھپە نۇمۇرى: 287
توردا: 857 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 09:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بولسام:
رازىمەن سۆزلىرىڭ ھەقىقى بولسا،
تەييارمەن ئۆلۈمگە سۆيگۈڭلا بولسا،
چىن ئاشىق يۈرەككە زەمزەم بولۇپمەن،
بولىمەن مەشۇق ھەردەم ئاشىقلا بولسا.

تەقدىرگە بويسۇنىمەن!چۈنكى_ــ                            ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 690
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11641
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 1165 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 10:13:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىت يار بولسۇن~!راست..يۈرەكلىك بۇلۇڭ.

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئامانلىقىنى پەق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30179
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1319
تۆھپە نۇمۇرى: 109
توردا: 1389 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 10:40:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىىزگە مەدەت تىلەيمەن بەخىت سىلەرگە مەڭگۈ قۇچاق ئاچسۇن

تۇغۇلدۇم چىقتىم بازارغا،ئالدىم كىپەنلىك ياندىم مازارغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6132
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5663
تۆھپە نۇمۇرى: 267
توردا: 1198 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 10:56:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەت قىلىڭ،سىزنىڭ چوقۇم ئۆز بەختىڭىزنى تېپىپ مۇرادىڭىزغا يېتىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7535
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 989 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 12:14:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ دائىم مەندىن ، مىنى  نىمە دەيتىڭىز ؟ دەپ سورايتى . مەن : جېنىم ، تاتلىقىم ، مىنىڭ تاتلىقىم . دىسەم  ئۇمۇ كەينىدىن ئۇلاپلا : جېنىم ، تاتلىقىم دەيتى ...............ئۇھ!!!!!!!!!!!!.............
يۇرىگىم چىمدىغاندەك ئېچىشىپ كەتتىغۇ ...........

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32373
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1334
تۆھپە نۇمۇرى: 128
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2011-3-2
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 02:00:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈز-تۇرانە دىگەن بولسىڭىز ياخشىراق بولاتتى، ئىككىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن، غەيرەت قىلىڭ، ەلكىم ئۇمۇ سىزنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىڭىزنى كۈتۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
------------------
مەن ئۇنى خىيالىمدا، جېنىم، تاتلىقىم دەپ ئاتايمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن ئەمەسمۇ [s:151]

ئارمانلىرىمىزغا كۆز تەگمىسۇن...!

ئىزىز جان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25604
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3773
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 11:39:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمۇتۋار بولۇڭ ئاللاھ مورادڭىزنى ھاسىل قلغاي.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 03:55:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەت قىلىڭ ئاللاھ مۇرات-مەخسىدڭىزگە يەتكۈگەي..........................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38469
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 3
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2011-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 11:01:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت  ،بىرىگە كۈڭۈل ئىزھار قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس.  [s:136]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش