شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇتتى
شىرئەلىجان شوتىغا يامىشىپ تۇرۇپ گارغا توپ سالماقچى .
ئىككىنجى مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويمىغان بولساق ، ئۈچ مەيدان ئۇتقان بۇلاتتۇق .... ئىسىت .......
تۈنۈگۈن ( 4- ئاينىڭ 20 -كۈنى ) 17:30 دا ئۆتكۈزىلگەن مەملىكەتلىك cba لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 3- ئايلانما مۇسابىسىدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى 85 گە قارشى 118 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن كوماندىسىنى يەڭدى ھەمدە ئومۇمى نەتىجىدە 1:2 نەتىجە بىلەن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىدى . بۇ گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نومېر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ مۇسابىقىدە شىنجاڭ تەرەپتىن دۇبى پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى نومېر 28 نومېر ئالدى. گەرچە شىرئەلىجان ئاران 11 نومېر ئالغان بولسىمۇ بۇ مۇسابىقىدىكى ئەڭ ياخشى ماھىر بولۇپ باھالاندى. ئۇ پاس بېرىش، مۇداپىئە ۋە تەشكىللەش جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ جاڭ تېرىننىرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى ۋە 39 مىنۇت ئويناش ئارقىلىق تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئوينىغان توپچى بوپقالدى. مۇسابىقىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان مۇخبىر ۋە توپ مەستانىلىرى ئۇنى ئورېۋېلىپ زىيارەت قىلدى، ئىمزا قويغۇزدى ھەتتتا بەزىلىرى بىللە رەسىمگە چۈشۈپ ئۈلگۈردى.
بۇ ئىىككى كوماندىنىڭ 4- ئايلانما مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ 22 -كۈنى دۇڭگۇەن شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدۇ
بىز ئۇلارغا ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمىز!
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★
http://urraclub.com/bbs,ئەسلى تېما ئادرىسى:
http://urraclub.com/bbs/read.php?tid=2169