ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت elkelem كە 2011-04-24 10:30 AMئەۋەتىلدى :
يەنە شۇ قۇرۇق گەپ،ئىلمىيلىك، ئىلىميلىك، ئىلمىيلىكنىڭلا گېپى، قوڭامدا ئىشتىنىم يوق ئىسمىم مارجان بۈۋى دەپ،يا شۇ پۇتاق تاپقانلار بىرەر پارچە سۈرەتنى ئىلمىيلىككە ئۇيغۇن ھالدا سىزىپ ياكى باشقا بىر رەسسسامغا سىزدۇرۇپ يوللىمىدى. بىزمۇ شۇنى كۆرۈپ باھا بىرىپ باقساق،. ئۆلگەن ئادەم دېگەن خىيالىڭىزدا قانداق تەسەۋۋرۇ قىلسىڭىز شۇنداق ھالەتتە ئېڭىڭىزدا ئەكسى ئېتىدۇ. يەنە بىرسى سىزگە سىزىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىن ئىۋەن تاپىمەن دېسىڭىز، تاپقىلى بولىدۇ،خۇدا ياراتقان ئەڭ گۈزەل لىۋەن ساھىپجاماللاردىن ئىۋەن تېپىلغان يەردە مىڭ يىلدىن ئىلگىرى ياشىغان ئادەمنىڭ ھازىرقى دەۋردە سىزىلغان سۈرىتىدە ئاندا-ساندا ئىۋەنلەر بولماي قالارمىدى؟ ماقالىنى يوللىغان تاھىرجان بېكار قالغان چېغىۋا.
توغرا دەيسىز،ھە دەپ ئىلمىلىكتىن چۈشىدىكەنمىز،ئىككى كىتاپنى قانچە ئوقۇسىڭىزمۇ ئىككى ئالىمنىڭ پورتىرىتىى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق،ئەجىبا مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك پورتىرىتى=مۇشۇ ئىككى ئالىمنىڭ پورتىرىتىما؟ مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرق ئالاھىدىلىگىنى تەتقىق قىلىشتا ئىككى كىتاپنى ئوقۇشلا كۇپەيە قىلمايدۇ،بۇنىڭدا نۇرغۇن تارىخى سېلىشتۇرما تەتقىقاتلار،ئىنسانشۇناسلىق،ئىرقشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن چوڭقۇر ئىشلىنىشى كېرەك،دۇنيا ئىلىم ئەھلىنى قايىل قىلارلىق ئىلمى نەتىجىلەر بولىشى كېرەك،ئەمما بىزدە بۇ ھەقتە تېخى مۇكەممەل تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلمىدى،باشقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىسىڭىز،بىزنى تارىختىن موڭغۇل ئىرقىغا ئايرىيدۇ،ھازىرمۇ سىزنى موڭغۇل ئىرقىغا ئايرىيدۇ،مەيلى سىز قايىل بولۇڭ بولماڭ،ئەھۋال شۇنداق،شۇڭا قەغەز يۈزىگە تايىنىپ،ھەرقانچە گەپدانلىق قىلغىنىمىز بىلەن،ھىسسىياتلانغان بىلەن،ئاقىۋەت ھىچكىم ھىچكىمنى قايىل قىلالمايدۇ.
قايسى بىر ھەۋەسكارنىڭ تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ يازمىسىدىن ئىلھام ئېلىپ سىزغان بىر رەسىمى،مىسرانىمغا يوللاندى،ئەجىبا ئىسلام دىنىدىكى ئوردا يۇقۇرى قاتلام زىيالىلىرىنى قانداقتۇ ئۇزۇن پاخما چاچ قويۇپ،كۇلا كەيگۈزۈپ ئوۋچىلاردەك تەسۋىرلەش ئەقىلگە سىغامدۇ؟
تارختىن خەۋىرى بارلار شۇنى بىلىدۇ، قاراخانىلار دەۋرى ئۇيغۇر تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر دەۋر،ئۇيغۇرلارنىڭ تارختىكى غايەت زور مىللى يۇغۇرلۇش باسقۇچى.قاراخانىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىندا نۇرغۇن مىللەت.ئىرق ئورتاق ياشايدۇ،ئۇيغۇر،قارلۇق،تاجىك،پارىس،قىپچاق،موڭغۇل،خەنزۇ....ۋە باشقىلار،مۇشۇ كەڭ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەرمىللەت خەلقىنىڭ شۇ دەۋردە ئۇيغۇرلىشىپ مېڭىشى ئەڭ تېز بولغان.شۇنىسى ئايانكى ئۇيغۇرلار ئىرق جەھەتتە قانداقتۇ مەلۇم ساپ ئىرق ھالىتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ،ھەم مۈمكىن ئەمەس.شۇڭا ئايرىملىق ئارقىلىق ئومۇمىلىققا ھۆكۈم قىلىش پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ،ھەم ئومۇمىلىق ئارقىلىق ئايرىملىقنى ئىسپاتلاشمۇ ئىلمىلىك ئەمەس. ئەمما تارىخى شەخسلەرنىڭ پورتىرىتىنى ياراتقاندا ،ئومۇمىلىقنى ئاساس قىلىپ،ھەرخىل تىپلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ،ھەر جەھەتتىن مۇۋاپىق بولغان تىپىك ئوبراز يارىتىش خاتا ئەمەس.
ئىككى ئالىمنىڭ پورتىرىتى ئارقىلىق 1000يىل بۇرۇنقى مىللەتنىڭ ئىرقى ئالاھىدىلىگىنى ئىسپاتلايمەن دېيىش سەل ئاشۇرۋېتىلدۇمۇ قانداق؟
ئىككى ئالىمىمىزنىڭ رەسىمىنى پۈتۈنلەي ئەينەن سىزىپ چىقىشمۇ مۈمكىن ئەمەس،پەقەتلا رەسساملارنىڭ ئىجادى ئەمگىگىدىن بىز ئۇلارنى خەلققە تونۇتىمىز.ئىككى ئالىمنىڭ غازى ئەھمەد ياراتقان پورتىرىتى ئومۇمى جەھەتتىن مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان،خەلق بىر قاراپلا قوبۇل قىلالايدۇ.روشەن ئاشۇرۋېتىلگەن،ياكى كەمتۈك يەرلەر يوق،ئالىملىرىمىزنىڭ سالاھىيىتىگە تولىمۇ ماس كەلگەن.
ئەگەر ئىككى ئالىمىمىزنىڭ پورتىرىتى تارىخى چىنىلىقتىن چەتنەپ كەتتى،بىز ئۇ چاغدا قىزىل چاچ،كۆك كۆز ئىدۇق دېگۈچىلەر،ھازىر ئۆزىڭىزنىڭ چىرايىغا قاراپ بېقىڭ،ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ بېقىڭ،بۇلارنىڭ مۇشۇ ئىرقى ئالاھىدىلىگى شەكىللەنگىلى قانچىلىك بولغاندۇ؟ئىلمىلىك بىلەن ئالدىغا سۈرۈپ باقمامسىز؟ھازىرقى ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي ئەسلى ھالىتىنى يوقاتقان شالغۇتلارمۇ؟شەرقى شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىمىز قانچىلىك تارىخقا ئىگە؟
پارىسلار،تاجىكلار ئاقتەنلىك ئىرقىغا مەنسۇپ،ئۇلار تارىختا موڭغۇل ئىرقىنىڭ تەسىرىگە بىزگە قارىغاندا ئاز ئۇچرىغان،ئەجىبا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئالىملىرىنىڭ چىراي تۇرقىدا قانداقتۇ قىزىل چاچ،كۆك كۆزلەر يوققۇ؟
تۈركلەرنى مىسالغا ئالايلى،تۈركلەر قاراخانىلاردىن بۇرۇن غەرپكە كۆچۈپ كەتكەن،دىمەك ئۇلار بىز بىلەن قېرىنداش بولۇش سۈپۈتى بىلەن ساپ ھالەتتە كەتكەن بولىشى مۈمكىن(موڭغۇل ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرىغان).ئۇلار كۆچكەن زېمىن ئاقتەنلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ،تارىختا ئۇلار گرېك،بۇلغار،سلاۋيانلارنى كۆپلەپ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى تۈرك مىللىتى شەكىللەندى،ئەسلى ئۇلار ئىرىق جەھەتتە تېخىمى ئاق يۈز،سېرىق ياكى قىزىل چاچ،كۆك كۆز بولۇپ كېتىشى كەرەكئىدى،لېكىن ئۇلار يەنىلا تارىختىكى ئىرقى ئالاھىدىلىگىنى ئاساسەن ساقلاپ قالدى.تۈرك ئەركەكلىرىدە يەنىلا قارا چاچ،قوي كۆز،بۇغدايئۆڭ،ساقال-بۇرۇتلىرى تەرەققى قىلغان كىشىلەر ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
ئەگەر ئىككى ئالىمىمىزنى قازاقىستان،قىرغىسىتان يېقىندا نەشر قىلىپ تارقىتىۋاتقان تارىخ ،دەرسلىك كىتاپلىرىدا،تەشۋىقاتلىرىدا،پۇللىرىدا ياراتقان پورتىرىتلىرىدەك ،ياپما قاپاق،پىت كۆز،مەڭزى سۆڭىگى بۆرتۈپ چىققان،سەللىنى پايتما ئورىغاندەك ئورىۋالغان،سىم ساقال قىپچاق ئاقساقىلىدەك سىزغان بولسا ئىدى.
مانا بۇ تارىخقا خالىغانچە چاخچاق قىلغانلىق،ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق بولىدۇ. بىۋاستە ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىنغان مۇشۇنداق ئىغۋانى تارىخچىلىرىمىز،تەتقىقاتچىلىرىمىز قىلچىمۇ تەخىر قىلماي ۋاختىدا قايتۇرما جاۋاپ بېرىشىلىرى كېرەك!ئۆزىمىزنىڭ تارىخى مىراسلىرىمىزنى،قوغدىشىمىز، قۇدرەتلىك دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىدىن پايدىلنىپ ئېتىرازنامە بىلدۈرشىمىز كېرەك،بىز ئىگە چاقىسىز مىللەت ئەمەس!!!
ئاخىردا دەيدىغىنىم مۇشۇ ئورۇنسىز تالاش-تارتىشنى قىلىشماي،تارىخىمىزنى ئۆزىمىزگە تەۋە مىراسلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ خالىغانچە تالان-تاراج قىلىشى،تارتىۋېلىشىغا ئىلمى ئۇسۇلدا،ئېنىق پوزىتسىيىمىزنى بىلدۈرۈپ قويىشىمىز كېرەك!يەنە بىر تەكىتلەپ قوياي،مىللەتلەر مەسىلىسىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەردە ئىلمى مۇھاكىمە،دەلىل-ئىسپاتنى ئاساس قىلايلى(چۈنكى ھەقىقەت سىزنىڭ قولىڭىزدا)،ھەرگىزمۇ ھىسسىياتقا تايىنىپ ئاغزىمىزغا كەلگەننى دەپ قويۇپ باشقىلارنى بالاغا ئىىتىتىرمەيلى!بىلمىسىڭىز سۈكۈت قىلسىڭىز ئەڭ توغرىسى شۇ!