مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2664|ئىنكاس: 12

مۇئەللىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋاقىت ئۆتۈپ كېتى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9669
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 40771
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 8722 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 05:35:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

 X مۇئەللىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسدىن

(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)

 

×× يىلى ×× ئاينىڭ ×× كۈنى

[align=justify]مۇدىرنىڭ موتوسىكىلىت مىنىپ يېقىلىپ كېتىپ، دوختۇرخانىغان كىرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىچىمدە خۇشال بولدۇم، ئەمما مۇدىرىمىز تېخى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلماپتۇ.

ئىككى قېتىم موتوسېكىلىتتىن يىقىلىپ چۈشۈپمۇ ئۆلمىدى بۇ...

« غەزەپ بىلەن ئىچىمدە ‹قاغاشلىرىم› تۇتقان چېغى» دەپ خۇشال بولۇپ كەتسەم، يەنە ئۆلمىگىنىنى... قارىغاندا تەرەتنى چالا ئېلىپ قارغىسا، ئاشۇنداق چالا تۇتىدىغان ئوخشايدۇ.

 

×× يىلى ×× ئاينىڭ ×× كۈنى

[align=justify]

مانا بۈگۈن بىز تەتىلدىن يىغىلىپ، مەكتەپكە كەلدۇق. يەنە شۇ مۇدىرىمىز رەئىس سەھنىسىدە غادىيىپ ئولتۇراتتى.

تېخى يېڭى ماۋسۇم باشلىنار- باشلانمايلا يىغىن ئېچىپ، ئادەمنى سېسىق گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتتى قاراڭ، ئۇ گەپلىرىنىڭ قاملاشقىنىنى، ئاڭلىغان كىشى ئۇنى ھەرگىزمۇ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى دېسە ئىشەنمەيدۇ. تېخى بەزى تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ بوۋىلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن ماقال- تەمسىلدىن تۆت ئېغىزنى جايىغا ئىشلىتەلمەي،  قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىپ، دەرس ئۆتۈپ چىقىدۇ. بىزنىڭ بۇ مۇدىرچۇ؟ گەپ قىلسا ئېغىزىغا قاراپلا قالىسىز. خۇددى ئۇنۋان ئالغان پەيلاسۇپلاردەك.

 

×× يىلى ×× ئاينىڭ ×× كۈنى

[align=justify] 
بۈگۈن مەن ياتاقتا ئۇخلاپ قوپۇپ، يىغىن زالىغا كېچىكىپ كىرىپ قاپتىمەن. ھەدەپ قىزغىن كەيپىياتتا سۆز قىلىۋاتقان مۇدىر مېنىڭ ئۇدۇللا بېرىپ ئورنۇمغا ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ، سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ماڭا ئۇلاپلا داۋاملاشتۇردى: «ھە، شۇنداق قىلىپ، بۇ ماۋسۇمنىڭ بېشىدىن باشلاپ ‹ئىككى ئاساسەن› خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا، ياخشى ئارخىپلاشتۇرۇپ ماڭمىساق، ھەرقانچە يۈزىمىز قېلىن بولسىمۇ، باشلىقلارنىڭ ئالدىدا X مۇئەللىم (مېنى دەۋاتىدۇ) گە ئوخشاش قىزىرىپ كېتىدىغان ئىش چىقىدۇ. دەرسلەرگە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، ياخشى ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭمىساق، كېيىن يەنە X مۇئەللىمنىڭ ئالدىنقى ماۋسۇمدىكى نەتىجىسىگە ئوخشاش، 12پىرسەنت بولۇپ قالسا، يەنە شۇ X مۇئەللىمگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئالدىدا قىزىرىپ تۇرىدىغان ئىش بولىدۇ....

ئىچىمدە ئۇنى «بالدۇرراق ئۆلەرسەن» دەپ قارغىدىم. ھەرنىم بولسا تېخى ئاخشاملا مۇنچىغا چۈشۈۋاپتىكەنمەن ئەمدىغۇ قارغىشىم تۇتار.. شۇنداق دەپ ئويلاپ، نېمىشقىدۇر ئارقىمدىكى ئوقۇتقۇچىغا گەپ قىلىپ تاشلاپتىمەن. مۇدىر بۇنى كۆرۈپ قالغان چېغى يەنە قوشاققا قېتىشقا باشلىدى. « ‹سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ› دېگەندەك، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوقۇتقۇچىلار دەرسكە كىرسە خۇددى X مۇئەللىمگە ئوخشاش، ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەۋاتقاندا ئارقىدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە سۆزلىگىنىنى ئاڭلىماي ئولتۇرىدۇ» ئاخىرى چىدىمىدىم، شۇڭا شوجاڭ بىلەن زوكۇنلاشقۇم كەلدى. «شو .....»ئەمما ئېغىزىمنى ئۆمەللەپ بولغۇچە، مۇدىر سۆزۈمنى بۆلدى، « ھازىرچە مەن سۆزلەي، مېنىڭ سۆزۈم تۈگىگەندە ئاندىن سىزگە پۇرسەت بېرەي!» دېدى. ئەمدى قوپاي دەۋاتقان جايىمغا ئولتۇرۇپ قالدىم. مۇدىر سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «شۇنداق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىش- ھەرىكەت، گەپ- سۆزدىمۇ ئۈلگەبولۇپ قالماي، يەنە ئۇلارغا سىيلىق- سىپايە مۇئامىلە قىلىش لازىم، تەن جازاسى بېرىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا X
مۇئەللىمگە ئوخشاش، بىرنى دېگۈچە ئوننى دېيىشكە ئاران تۇرىدۇ». ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراپ ئىچىدە پىخىلدىشىپ كۈلۈۋاتاتتى. «شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئوقۇغۇچىلار خۇددى بىزنىڭ مۇئەللىملەرگە ئوخشاش دەرس ئىنتىزامىنى بۇزۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى زاڭلىق قىلىپ كۈلىدۇ». ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈلكىسى شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى.....

 

×× يىلى ×× ئاينىڭ ×× كۈنى

[align=justify]

-X شوجاڭ، مېنىڭ 8-يىللىق 2-سىنىپتىكى دەرسىمنى باشقا سىنىپقا ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە بولامدىكىن؟ ئىلمىي مۇدىرغا دېسەم، «ھازىر ئوقۇتقۇچى كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماۋسۇم ئاخىرلىشىپ قالدى، بۇنداق چاغدا دەرس ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دەيدۇ. 

-نېمىشقا ئالماشتۇرماقچى؟

- ئوقۇغۇچىلار دەرسىمنى پەقەت ئاڭلىمايدىغان، دەرستە بىر-بىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، دەرس ئۆتۈش مۇمكىن بولماي قالدى. شۇڭا....

- ھە، قانداق بولىدىكەن؟  سىلى مۇدىر چاغدا مەن سىلىگە نەچچە قېتىم بۇنداق مەسىلىنى ئىنكاس قىلغاندىمەن؟ سىلى شۇ چاغدا قانداق ئويلىغان؟ ماڭا نېمە دېگەن؟

- بۇ، بۇ ......

- ھە، ئۆتۈپ تۇرىلى. ھازىر ھەممە ئوقۇغۇچىلار شۇنداق.

......

مۇدىرلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتسام، كىمدۇر بىرى مېنى تۈرتۈپ ئۇيغاتتى. كۆزۈمنىمۇ ئاچماي « ئالىماخۇن، ئۇخلىغىلى قويۇڭلار!، مەن سىلىگە ئوخشاش شوجاڭدىن قورقۇپ كەتمەيمەن، يوق قىلىۋەتسە، شۇ مائاشنى تۇتار!» دېدىم. 

-X
مۇئەللىم، ئاۋۇ بالىلارنى سىلەرنىڭ ئېتىزلىقنىڭ بۇغدىيىنى ئوردۇرۇشقا ئاپارساق بولارمۇ؟

يىغىن زالىدا تولا ئاڭلاپ تونۇش بولۇپ كەتكەن ئاۋازنى ئاڭلاپ، ھېلقى تاتلىق ئۇيقۇلىرىم نەگىدۇر قېچىپ كەتتى. ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇرسام، بىزنىڭ مۇدىر ئىككى قولىنى بېلىگە تېرەپ، بېشىمدا دېۋەيلەپ تۇرۇپتۇ. ئىچىمدە «شوجاڭنىڭ دەستىدىن چۈشىدىمۇ خاتىرجەم شوجاڭ بولالمىغان ئادەم!» دەپ ئويلاپ كەتتىم. .....

-
ئا دەرسلىرىنى «باشقىلارغا ئەمدى ئالماشتۇرساق بولمايدۇ، ئۆتۈپ تۇرسىلا» دېگىنىمنى ئۇنتۇپ قاپتىلا دە؟

ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. مەن چۈشۈمدە كۆرگەن ئىش تېخى تۈنۈگۈن مۇدىر بىلەن ئىككىمىز ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن دىئالوگ ئەمەسمىدى. .... » كەچتىكى يىغىندا «يەنە نېمىلەرنى دەر؟» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

«مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، دەرھال مەكتەپ يىغىن زالىغا يىغىلىڭلار!، يىغىن ئېچىلىدۇ» مەكتەپ رادىئوسىدىن ئاڭلانغان ئاۋاز خۇددى «مەھبۇسلار! شامالداش ۋاقتى توشتى، ئەمدى كامىرغا قايتىڭلار!» دەۋاتقاندەك تۇيۇلدى. كىرمەي دېسەم مەكتەپ بويتاق ئوقۇتقۇچىلارغا ئاجرىتىپ بەرگەن ياتاق شوجاڭ ئۈچۈن قوغۇنلۇقنىڭ يولى، ھەركۈنى نەچچە قېتىم ئارىلاپ، مەندەكلەرنىڭ دەككىسىنى بېرىپ تۇراتتى.، كىرەي دېسەم، يىغىننىڭ ماڭىلا ئېچىلىدىغىنىنى بىلىمەن. ئاخىرى بوينۇمدىن باغلىغاندەك كىردىم. مۇدىر ئاللىقاچان رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئورۇن ئېلىپ بولۇپ، ماڭىلا قاراپ تۇرغاندەك، مەن ئىشىكتىن پۇتۇمنى ئېلىپ بولغۇچە، باشقىلارنىڭ كىرىشىنىمۇ ساقلىماي سۆزىنى باشلىدى. «بالدۇرراق كىرىۋالاي» دەپ پايپاسلىغانلىرىم يەنە بىكارغا كەتتى.

- دىققەت قىلىلى! يىغىننى باشلايمىز!

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىچىر- پىچىر، توروك- توروك ئاۋازلىرى پەسكويىغا چۈشتى. كېچىكىپ كىرىۋاتقانلارمۇ، ماڭا ئوخشاش كۈنگە قېلىشتىن قورقتى بولغاي، ئامال بار ئاۋازىنى چىقارماسلىققا تىرىشىپ، ئاۋايلاپ دەسسىشىپ كېلىپ جايىغا ئولتۇرۇشتى.

-
بىزنىڭ مۇئەللىملەرنىڭ ئارىسىدا شۇنداق بىر ئادەت بار ئىكەن. بۈگۈن گەپ قىلسا ئەتىسى جاۋاب بېرىغان.  ئۇقتۇرۇش قىلغىلى 10مىنۇت بولسىمۇ، تېخى ھازىرغىچەكىرىپ بولالماي، مودا كىيىم كۆرگەزمىسىدىكى قىزلاردەك تەڭ ئارلىق تاشلاپ ئۈزۈلمەي كىرىۋاتىدۇ. سىلەرگە ئوخشاش ئاڭلىق ئوقۇتقۇچىلار موشۇنداق كېچىكىپ كېلىۋاتقان يەردە، قارا دېھقاننىڭ پەرزەنتلىرىدىن قانداقمۇ ئاغرىنغىلى بولسۇن؟ .......

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «كىنو يەنە باشلاندى»، «بۇ ئىتوت قاچانغىچە داۋاملىشار؟» دېگەنگە ئوخشايدىغان كوتۇلداشلىرى باشلاندى. ئەمما مەن «بۈگۈن ماڭا نۆۋەت تەگمەيدىغان بولدى» دەپ ئىچىمدە خۇشال بولۇپ ئولتۇردۇم. ئەمما بىزنىڭ شوجاڭ قانداقمۇ مېنى ئاياپ قويسۇن؟

- «ئېتىزغا ئوغۇتنى قانچە كۆپ چاچقانسېرى، ئېتىز پاڭ بولۇپ كېتىپ، زىرائەت ئوخشىمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار ئىدى، مەن بۇنى نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن، بۈگۈن چۈشەندىم. سىلەر مۇئەللىملەرگە قانچە كۆپ سۆزلەپ، يىغىن ئاچقانسېرى، سىلەرنىڭ تېزىڭلارنى سۈرتسە، مېزىڭلار چىققىلى تۇردى. شۇنداقمۇ X
مۇئەللىم؟

- ....  مەن گەپمۇ قىلالماي يەرگە قاراپ ئولتۇرۇۋەردىم.


- ئورنىڭلىدىن تۇرۇپ بېقىڭلار، باشقا مۇئەللىملەر سىلىنى ياخشىراق كۆرۈۋالسۇن.

مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.

- كۆردۈڭلارمۇ؟ مانا بۇياق مەن ئوغۇتنى كۆپ سېپىپ پاڭ قىلىۋەتكەن ئېتىزنىڭ مىسالى. X مۇئەللىم بۇندىن كېيىن بىلگەنلىرىنى بىر قىلسىلا!، ئەمدى ئۇنداق سىلىگە ئۇپراپ يۈرمەيمەن.


 

×× يىلى ×× ئاينىڭ ×× كۈنى

[align=justify] 
مۇدىرنىڭ ئۆتكەن قېتىمقى گېپىدىن كېيىن، ئۆزۈممۇ سەل خىجىل بولغاندەك، خېلىلا دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. «ئەمدىغۇ شوجاڭ يەنە مېنى مىسالغا ئالماس» دەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇدىر يەنە مېنى تىلغا ئېلىپ قالدى: «مانا X مۇئەللىم تۈزۈلۈپ قالدى. ئالدىنقى يىلى كۆپ سېپىۋەتكەن ئوغۇت، ئەمدى كۈچىنى كۆرسەتكەن چېغى. شۇنداقمۇ X مۇئەللىم؟» دەپ سورىدى ماڭا تىكىلىپ. ....

 

×× يىلى ×× ئاينىڭ ×× كۈنى

[align=justify]

شۇنداق قىلىپ مۇدىرنىڭ سۆزلەشلىرىمۇ پەسىيىپ قالدى. ئەمما تۇيۇقسىز بىر كۈنى مەن دەرس ئۆتىدىغان سىنىپقا دەرسىمنى ئاڭلىغىلى كىردى. مەن ئىچىمدە«دەرسنى قانداق ئۆتىمەنكىن، كۆرۈپ باق! بەرىبىر سەن خەنزۇتىلىنى بىلمىگەندىكىن» دەپ ئويلىدىم ۋە دەرسنى باشلىدىم. ئەمما بۇ پاينەك باشنىڭ كۈندە يېرىم كېچىگىچە ئىشخانىدىن چىقماي، خەنزۇتىلى ئۆگىنىدىغىنىنى، مەندەك ئالىي مەكتەپتە يوقنىڭ ئورنىدا ئوقۇپ، پۇلغا تايىنىپ خىزمەتكە چىقىۋالغان سويمىغا دەرس ئۆتەلىگۈدەك سەۋىيىگە ئىگە بولۇۋالغىنىنى نەدىن بىلەي؟ مېنىڭ ئۆتكەن دەرسىمنى تىتما- كاتاڭ قىلىپ، بىر پۇڭغا ئەرزىمەس قىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مېنى 15كۈنلۈك دەرس ئۆتۈشتىن توختىتىپ، دەرس ئاڭلاشقا قويدى.

ئىچىمدە مۇدىردىن خۇش بولدۇم: «دەرسنى خۇشياقسا ئاڭلايمەن، خۇشياقمىسا ئاڭلىمايمەن. بىكار يۈرسەممۇ مائاش ئالىدىغان بولدۇم، بۇنى باشقا مۇئەللىملەر كېچە- كۈندۈز تىلەۋاتقان تۇرسا؟»

 

×× يىلى ×× ئاينىڭ ×× كۈنى

[align=justify]

مانا مەن ئارزۇ قىلغان «دەرس ئۆتمەي مائاش ئېلىش» تەك بىكارچىلىق ھەپتىگە سوزۇلغاندا، بىكارچىلىقتىن ئىچىم پۇشۇپ كېتىپ، بازارنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى، دائىم بىز ئوقۇغۇچىلارنى ھەيدەپ كىرىدىغان ئويۇنچۇقخانىغا كۆنۈۋالدىم. تېخى ھەپتە بۇرن مائاش ئالغان بولغاچقا، پۇلدىن غېمىم يوق، بەزىدە خېلى كۆپ كىرىم بولۇپ قالاتتى. ئەمما بۇنداق ئۇتۇش ماڭا شۇ بىر كۈنى نېسىپ بولدى. ئەتىسى تۈنۈگۈنكى خۇشاللىقتا يېنىمدا بار پۇلنىڭ ھەممىنى تېكىۋەتتىم. مانا كېلىدىغۇ دەپ ئولتۇرسام، نەدىكىنى دەسمىيدىن ئايرىلىپ قالدىم.

كەيپىم ئۇچۇپ، ئۇ يەردىن قايتىپ چىقىپ، بىز نەچچە خىزمەتداش دائىم بىرگە ھاراق ئىچىدىغان قاۋاققا كىرىپ، نېسىگە ئىچىشكە باشلىدىم. پۇلنىڭ ئاچچىقىدا تېزلا كەيىپ بولۇپ قاپتىمەن. بىر چاغدا ماڭا رىئاكسىيە قىلىدىغان ھېلقى ئاۋاز قۇلىقىم تۈۋىدە ئاڭلاندى: - X
مۇئەللىم، يەنە بىرنى قۇيۇپ بېرەيمۇ؟

كەيىپچىلىكتە بېشىمنى تەستە كۆتۈرۈپ، قارىسام يەنە شۇ پاينەك باش مۇدىر.

-
ئا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلىرى سىلىنى «كۆرگۈمىز كېلىپ كەتتى» دەپ غەلۋە قىلىۋاتىدۇ. قارىغاندا تازا قارىيالمىغان ئوخشىماملا؟

- ...


- قوپسىلا، ئوقۇغۇچىلار سىلىدىنمۇ ئېغىر كەيىپ بولۇپ قاپتۇ. قارىغاندا بىر نەچچە ئوقۇغۇچىلىرىغا تەڭ كېلەلمەي، سىلى يېتىپ قاپتىلا دە؟


شۇ چاغدىلا، كاللام سەگەكلىشىپ، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ يېنىغا ھەپتىدىن بېرى كىرمىگەنلىكىم ئېسىمگە كېلىپ، بالىلارنىڭ بىرەر چاتاق تېرىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

-
قوپسىلا!

....

 

×× يىلى ×× ئاينىڭ ×× كۈنى

[align=justify]

مانا 15كۈنلۈك بىكارچىلىقنىڭ ئاخىرى چىقىپ، مېنىڭ بۇ ئايلىق مائاشىمنى تۇتۇپ قېلىشتى، ھەمدە يىل ئاخىرىدا لاياقەتسىز باھالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

-
شۇ پۇلغا شوجاڭ ئۆيىدىكىلەرگە مانتا ئېلىپ بەرسۇن! دېدىم ئاچچىقىمدا.

ئەمما پۇلنىڭ قەدىرى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ئۆزۈمنى ئۆزۈم نېسىگە مېھمان قىلغاندىن كېيىنكى نەچچە كۈننى باشقىلاردىن پۇل قەرىز ئېلىپ، «يەنە 10كۈن ئۆتسىلا مائاش بېرىدىغۇ؟» دەپ ئىچىمدە سوقۇپ يۈرگەن چوتۇم يوق بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېڭى ئاينىڭ 30كۈنىنى قانداق تولدۇرارمەن؟ ئۆيىدىكىلەرگە دەي دېسەم، تېخى ئۆتكەندىلا بىر ئوقۇغۇچىنى قاتتىقراق ئۇرۇپ سېلىپ، ئۇنىڭ دوختۇر چىقىمىنى ئۆيدىكىلەر چىقارغان ئىدى، خىزمەتكە چىققىلى 3يىل بولغان بىلەن ئۆيدىكىلەرگە بېرىش ئەمەس، ئۇلاردىن ئالماي ئۆز مائاشىمغا ئۆز كۈنۈمنى ئۆتكۈزگەن بولسام نېمە دەي؟  خەپ شوجاڭ مېنى ئەجەپ كۈنلەرگە قويدۇڭ!

.....

 

×× يىلى ×× ئاينىڭ ×× كۈنى

[align=justify] 
بۈگۈن بۇ بازاردا تونۇشۇپ قالغان بىرقانچە شوپۇر ئاغىنىلەر بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالدىم.

سورۇن خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە داۋاملاشتى. ھەممەيلەن مەست بولۇپ، قالايمىقان پاراڭلار ئاۋۇشقا باشلىدى. سورۇنغا قاسىم ئىسىملىك بىر شوپۇرمۇ كىرگەن بولۇپ، مەن تېخى ئۇنىڭ بىلەن موشۇ سورۇندا تونۇشقان ئىدىم. ئۇ ئاستا يېنىمغا سۈرۈلۈپ كېلىپ:

- X ئاداش، سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى ×
  خانىمنىڭ بەك پەيزى بار ئىكەن جۇمۇ؟

- ھە؟ مەن بىلمەيدىكەنمەن.

- ئۆتكەندە دەم ئېلىشقا قايتقان چېغىڭلاردا مېنىڭ ماشىنامدا ئولتۇرغان ئىدى. يولدا بارغۇچە گەپ ئېتىپ، ھەر گەپلەرنى قىلىدۇ. ناھىيە بازىرىغا بارغاندىن كېيىن «ئۇستام، ئاي ئاخىرى بولۇپ قالغاچقا، يېنىمدا پۇل قالماپتۇ. كېيىنكى قېتىم بىراقلا....» دەپ قېشىنى ئېتىپ قويۇپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى. بۇ قېتىمقى دەم ئېلىشتا بىز شەھەرگە كىرىپ،....

- ......

ئاڭغىچە يېنىمىزغا كېلىپ قالغان، ئالىممۇ گەپ قىستۇردى:

-   ۋايەي، ئۇنى بىر دېمە،  ×
  ئىسىملىك يەنە بىرى بارغۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈۋاتقىلى خېلى بولدى. ...

بۇنداق گەپلەرنى باشقا شوپۇرلارنىڭ ئېغىزىدىنمۇ ئاڭلىغان بولغاچقا، باشقا گەپ قىلالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ بىر خانىم (ئايال ئوقۇتقۇچى) بىلەن.... 

   

×                  ×                    ×

[align=justify]مانا بۇ × مۇئەللىمنىڭلا ئەمەس، جەمئىيىتىمىزدىكى خېلى كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىنلا ئەمەس، چوقۇم شۇنداق.

مانا بۇ مىللىي مائارىپىمىزنىڭ بۈگۈنى، ئەتىسىچۇ؟



مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە يوللايمەن
مەنبە: ئۆزۈم


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
sarhati + 1 ياغشې
YuqunAdam + 100 تەربىيسى زوركەن
OTYAK + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 201   باھا خاتىرىسى

سىز بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بۈگۈن ،تۈنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى....

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 06:09:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك خاتىرىلەر ئىكەن.

~كۈلگىنچەك مەلىك

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25613
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8567
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 938 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 06:13:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىز يازغاندىكىن بىلىپلا ئىسىم قويۇپ يېزىۋەتمەي........

تەقدىرگە بويسۇنىمەن!چۈنكى_ــ                            ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!

زامان ساڭا باقمى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8692
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8534
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3476 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 06:23:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خاتىرىدىكى كۆپىنچە ئىشلار ھەقىقىي ئىشلاردەك قىلىدۇ. بۇنداق ئىشلار يوق ئەمەس!!!

دۇنياغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ دەرت ئەلەم ئىچىدە ئۆلگۈم كېلىدۇ بىراۋدىن كەلمىگەچ قىلچىلىك شەپقەت تەنھا جىمجىت يۈرگۈم كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27492
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6940
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 06:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەنۇپتىكى بىر قىسم مەكتەپ مۇدىرلىرى يىزىلدىمۇ نىمە ؟؟؟ ھەم قىزىقارلىق ھەم تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار يىزىلىپتۇ !!!

ھايات-ھەر ۋاقىت يۇشۇرۇن خىرىسلارغا تەييار تۇرۇشتۇر!!!

ئەخلاقنى ئەخلاق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12067
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8813
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2014-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 06:48:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى دىگەننىڭ مەنىسى نىمە؟ۋەزىپىسى چۇ؟ ئاز ساندىكى  ئوقۇتقۇچىلار  بۇنى بىلمىسە كىرەك.  ئوقۇتقۇچىدا بىلىمدىنمۇ مۇھىم كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە ئەخلاق، ئوقۇتقۇچى نىمىنى بىلسە ئوقۇغۇچىغا شۇنى ئۆگىتىدۇ،ھەي ئاز ساندىكى مۇئەللىملەر ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۇسىگە جاۋاپكار بولۇپ قالماڭلار،پاك ئەخلاقىڭلار بىلەن ساپ بىلىمىڭلار بىلەن پەرزەنت تەربىيلەڭلار،تەرەققىياتنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا ئوقۇتقىچىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 07:01:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇرۇن كۈندىلىك خاتىرە يازغان، بىراق باشقىلار كۆرۈپ مۇ كۈندىلىك خاتىرە بولماپتۇ، كۈندە قىلغان ئىشنى خاتىرلەش بوپتۇ دەپتى، شۇنىڭدىن كېيىن يازماسلا بولدۇم، ھى ھى ھى

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10700
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 10:27:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز كۈچىگە تاينىپ ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىدا ئوقۇپ كىلىپ ئوقۇتقۇچى بولغانلار پۇتۇن ۋۇجۇدىنى ئوقۇغۇچىلارغا بېغىشلاپ ياخشى ئۇلگىلەرنى قالدۇرۋاتىدۇ . ئەمما پۇل ۋە ھوقۇقتىن مائارىپ سېپىغا كىرۋالغانلار بولسا مائارىپ سېپىنى بۇلغاپ ، مائارىپچىلارغا ھاقارەت كەلتۇرۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئۇستىگە بىر قىسىم ساپاسىز مۇدىرلارمۇ ئىقتىساس ئىگىللىرى بىلەن ھەپىلشىپ (چۇنكى ئۇلار خۇشامەت قىلىپ تۇرمىغاچقا ) ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشتۇرۇپ ، تۇگەشتۇرۋاتىدۇ .
     ھەي !!!!!!!!!!!!!   قانداق قىلمىز ئەمدى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟
  بەزىدە مەنمۇ دەپ قالمەن مۇشۇ بىزنىڭ مەكتەپتىكىمۇ بىر قىسىم قېرى كوت - كوت پىشقەدەملەرنى ، ئۇلار ي بىر سائەت دەرىسنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ ، يا خەنزۇتىلنى بىلمەيدۇ ، يا كومپىيوتىر بىلمەيدۇ . نىمە بىلىدۇ دىسەڭلار ؟  شۇ ، ياش ئىقتىساتلىقلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىشنى ، ئۇنىڭغا بۇنى ، بۇنىڭغا ئۇنى چاپلاشنى ، ياخشىلارنى كۆرەلمەي چېقىشنى بىلىدۇ . شۇڭا شۇلارنى ، مۇستاپا كامال موللىلارنى سۇغا چۆكتۇرۋىتىپ ، تەرەققىي قىلغانلىقىدەك ، مائارىپ سىپىدىن قوغلاپ چىقىرساق ، ئاندىن مائارىپ تۇزىلەرمىكى دەيمەن . بولمىسا راستىنلا ئامال يوق ..........
 مەن بۇنىڭغا بۇ سۆزنى يەنە تەكرارلىغۇم كىلۋاتىدۇ.
    بىز ھېچ قانداق دوستخاننى چىۋىندىن خالىي بولسۇن دىيەلمەيمىز ئەمەسمۇ ؟
                                                                             ئابدۇقادىر جالالىدىن .

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24960
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5857
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2011-1-4
ئاخىرقى: 2011-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 11:35:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
12-قەۋەتتىكىدەك ئەھمىيەتلىك ئىنكاسلار بولسا يېزىڭلار بولمىسا قالايمىقان گەپلەر بىلەن ئۆز شەخسى ھىسياتىڭلارنى قالايمىقان ئىپادىلەۋەرمەڭلەرچۇ ، بەزى گەپلەرگە سەل ئاچچىقىمىز كېلىپ قالىدىكەن . مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇقۇتقۇچى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان! قالايمىقان تىل تەككۈزمەڭ

ۋاقىت ئۆتۈپ كېتى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9669
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 40771
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 8722 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 05:41:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

12-قەۋەت (KANAN) نىڭ يازمىسىغا

ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. گەرچە مەنمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولساممۇ، لېكىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، مىللىي مائارىپىمىز كومپيۇتېر، خەنزۇتىلى بىلگەن ئوقۇتقۇچىلارغا قارىغاندا دەرس ئۆتۈشنى بىلگەن ئوقۇتقۇچىلارغا  بەكرەك  مۇھتاج ئىكەن.

سىز بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بۈگۈن ،تۈنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش