ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 22قەۋەت musulmankizi كە 2011-04-28 04:58 PMئەۋەتىلدى :
ئىرىڭىزگە تەگمەكچى بولغان قىز بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندىكى ئىشلارنى كۆرۈپ ئويلاپ يۈرۈكۈم پىژژىدە قىلىپ كەتتى، شۇ ۋاقىتتا قانداقمۇ چىدىغانسىز.... ئەگەر ئۇ كەتمىگەن بولسا ھەقىقەتەن ئۇ قىزنى ئىرىڭىزگە ئېلىپ بېرەمتىڭىز؟ ھەي... دىمەك ئوڭاي بولغىنى بىلەن شۇ ۋاقىتتا ئىشەنمەيمەن....
شەرىيەتتە ئەرلەر كۆپ خوتۇن ئالسا بولىدۇ دىگىنى مىنىڭچە شۇ ۋاقىتتىكى قىيىنچىلىق، ئاچارچىلىقتا قالغان، ئامالسىز قالغان ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىپ ساۋاپلىق تېپىشمىكىن دەيمەن، لىكىن ھازىرقى ئەرلەرچۇ پەقەت كۆڭۈل خوشلۇقىنى دەپلا شۇنداق قىلىدۇ؟ نىمىشقا ماۋۇ ماڭا چىندىل خوتۇنۇمنىڭ كۆڭلىگە كېلەرمۇ؟ كىيىن باللىرىمغا ياخشى تەسىر قالارمۇ؟.................................دىگەننى نىمىشقا ئويلىمايدىغاندۇ؟ ئەرلەر مۇشۇنداق قىلىۋەرسە چىندىل ئاياللارمۇ بارا - بارا.....
قوللانغان ئېسمىڭىز شۇنداق چىرايلىق ئىكەن، مۇسۇلمان قىز دەپ. لىكىن سىزگە سەمىمىي تەكلىپ بىرەي، ئىسلام شەرئىتىگە <مىكىن،منىڭچە، مەن ئويلايمەن،> دىگەندەك ئۇلى ئاجىز گەپلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
ئىسلام دىنى دەلىل-پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ. دەلىل ئىنىق بولمىسا بۇنداق قالايمىقان گەپتىن ئۆزىمىزنى تارتقىنىمىز ياخشى. سىز دەل مۇشۇنداق دىگەن يەرلەرگە ئىسلامغا يىڭىدىن كىرگەن قىرىنداشلىرىمىز كىرىپ قالسا ۋە ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ قالسا ئۇلار شەرىئەت توغرىلىق باشتا نىمىنى كۆرگەن بولىدۇ؟ بۇنى ئويلاشتىڭىزمۇ...؟
گىپىمنى ئارتۇقچە دەپ ئويلىسىڭىز ئۆزۈرلۈكمەن.....