مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 853|ئىنكاس: 6

بالىلىرىمىزنىڭ  ئالدىدا ئوبرازىمىزنى ساق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2881
يازما سانى: 986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9631
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 2974 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 08:00:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بۈگۈن دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر خىزمەتدىشىمنى يوقلاش ئۈچۈن كۇچا ئاپتۇۋۇزىغا ئولتۇردۇم.
-مىنىڭ بالام تېخى بەش ياشقا كىردى ،بەش ياشقا كىرگەن بالىغا بىز نىمىشقا بېلەت ئالغۇدەكمىز ؟
دەپ  بىشەملىك بىلەن شوپۇر بىلەن سۇقۇشۇپ توققۇز-ئون ياشلار چامىسىدىكى بالىسىغا بېلەت ئېلىشتىن قېچىۋاتقان ئاتا -ئانىغا قاراپ ئىختىيارسىز ياقامنى سىقتىم.
ئۇلار بىريۈەن پۇلنى دەپ يالغانچىلىق قىلىپ باشقىلار بىلەن سۇقۇشسا ئۇلارنىڭ شۇ بالىسى قانداق ئويلاپ قالار دىگەن ئوي تۇيۇقسىز كاللامدىن كەچتى،بۇ بالا يالغان سۆزلەش ئارقىلىق باشقىلارنى ئالدىسا پايدىغا ئېرىشكىلى بولدېكەن دىگەن بىر ئاڭ كاللىسىدا چۇقۇم شەكىللىنىشى مۇمكىن ،ئاتا -ئانا بولغۇچى بىريۇەن پايدا ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتى ئالدىدا بىلىپ- بىلمەي مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە چوڭ بولغاندا بۇنداق بالىنىڭ كىلەچىكى نىمە بولماقچى؟بۇ بالا بەلكىم چوڭ بولغاندا نامى چىققان قويمىچى، ئالدامچى بۈلۇپ يېتىشىپ چىقىشى مۇمكىن.كۆپچىلىككە مەلۇم ئاتا -ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ بېرىنچى ئۇستازى،پەرزەنىتلەر خاراكتىتىرنى يىتىلدۈرۈشتە ئاتا -ئانا بولغۇچى ناھايتتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.كونىلاردا نىمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دەيدىغان ماقال تەمسىل بار.ئاتا -ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بەرگەن تەسىرى پەرزەنىت تەربىيىسىدە ناھايتتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.شۇڭا ئاتا ئانىلار ئۆز پەرزەنتىمىز ،ۋە مىللىتىمىزنىڭ ھەرقانداق پەرزەنىتلىرى ئالدىدا ھەرقانداق ھەرقانداق سورۇن ۋەئورۇنلاردا گەپ سۆز ۋە ئىش ھەركەتلەردە پەرزەنىتلەرگە ئۈلگە بولۇشىمىز كىرەك . ئۇلارغا بىلىپ بىلمەي يامان تەسىر بېرىپ قۇيۇشىمىزدىن ساقلىنىش كىرەك.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلار بەك تولا ئۇچرايدۇ،مەسلەن كىنوخانلاردىن بىلەت ئالغاندا ،باغچىلارغا باللىرىمىزنى ېلىپ بېلەت ئالغاندا دىگەندەك.....
              دوختۇرخانا ئالدىغا كەلگىنىمدە بىر ياش ئانىنىڭ بىتاپ بوپ قالغان بەش ياشلارچە چامىسىدىكى بالىسىنى يىغلىغىنىغا قارماي
-ئۇكۇل ئۇرغۇزمايمەن بالام ،ئۇكۇل ئۇرمايدۇ سىزگە ئاپپاق بالام ،مۇنداقلا كىرىپ چىكىتىمىز ،بىر مىنۇتتا چىقىمىز ....
دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئەكىرىپ ئۇكۇل ئۇرغۇزغىنىغا دىققەت قىلدىم،ئۇ بەلكىم ئەتە يەنە بالىسنى ئەكىلىپ مۇشۇنداق ئۇسۇللاردا يەنە ئۇكۇل ئۇردۇرشى مۇمكىن.ئۆگۈنسىمۇ شۇنداق قېلىشى مۇمكىن.لىكىن مۇشۇ بالىدا ئانىسىغا قارتا قانداق تەسىرات ،پەيدا بولۇدۇ.ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلەرنىڭ تۈۋرۈكى ،پەرزەنىتلەر بۇ دۇنيادا ئۇلۇق ئاللاھدىن قالسا ئاتا-ئانىسىغا ئەڭ ئىشىنىدۇ.كىيىن مۇشۇنداق يالغان گەپلەر قايتا- قايتا تەكرارلىنىۋەرسە ،ئويلاپ باقايلى بۇ بالىدا كىيىن يەنە ئانىسىغا نىسبەتەن ئىشەنىچ تۇيغۇسى بولارمۇ؟بۇ ئانا بىلىپ- بىلمەي ئۆز پەرزەنىتتىنىڭ ۋۇجۇدىغا يالغانچىلىق ئۇرۇقى سېلىۋاتقانلىقىنى نىمىشقا ھىس قىلمايدۇ؟سەۋرىچانلىق بىلەن بالىسىغا راس گەپنى قىلىپ چۈشەندۇرۈپ
-بالام ،ئۇكۇل ئۇرغۇزمىساق ساقايمايسىز،ئۇكۇل ئۇرغۇزمىساق تېنىڭىز ئۇكۇل ئۇرغۇزغاندىن نەچچە ھەسسە ئاغرىيدۇ،تېنىڭىز ئاغرىسا مەن چىدىمايمەن ، ئېغىرلىشىپ كەتسىڭىز تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ....
دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن بالىسىغا چۈشەندۈرسە بولماسمۇ دىگەندەك خىياللار قىلىدىم.
بالىلار مىللىتىمىزنىڭ كىلەچىكى !بالىلارنى ياخشى تەربىيلەش مىللىتىمىزنىڭ تەغدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
شۇڭا بالىلارنى تەربىيەلەش ھەربىر ئادەمنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز.مەيلى نەدە بولايلى ئەتراپىمىزدىكى شۇ گۈدەكلەرگە ئۈزىمىزمۇ بىلىپ -بىلمەي يامان تەسىر بەرمەيلى. ھەممە يەردە شۇگۈدەكلەرنى ئويلايلى.سەبى پاك قەلىبلەر بىزلەر تەرىپىمىزدىن بولغانمىسۇن. گەپ سۆز،مەيلى ئىش ھەركەتتە بولسۇن ئۇلارغا ياخشى ئۈلگە تىكلەيلى.
ئاقسۇ سىرى
مەنبە :ئۈزەمنىڭ ئويلىغانلىرى

ئەسلى ھايات نەقەدەر گۈزەل ئىدى ھە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12697
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2844 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 08:25:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىسىغا ياخشى ئۈلگە بولۇپتۇ ئۇ ئاتا-ئانىلار

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1586
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8953
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2011-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 08:55:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:بالىلىرمىزنڭ  ئالدىدا ئوبرازىمىزنى ساق

ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ ، بالىلارغا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىمۇ يالغان سۆزلىمەسلىك كېرەك ، كىچىك بالىلار ئاتا-ئانىسى نىمە قىلسا شۇنى دوراپ قىلىدۇ ، نىمە دېسە شۇ قەلبىگە سىڭىپ قالىدۇ .
تىمىڭىزگە رەخمەت .

بىر مىللەتتە ساپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19911
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5356 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 09:38:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەر بىر ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ. تۇغرا، بالىلارغا قەتئىي يالغانچىلىق قىلماسلىقىمىز، ئۇلارنى جىلە قىلدۇرۇپ ئويناتماسلىقىز كېرەك. يالغانچىلىق قېلىپ ئۈلگە تىكلىسىڭىز بالىڭىزمۇ يالغانچى بولۇپ چوڭ بولىدۇ. جىلە قىلىپ ئوينىسىڭىز بالىڭىزنىڭ خارەكتىرى كەژ، تەتۇر مىجەز بولۇپ چوڭ بولىدۇ.

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.

ئاللاھ مېھىرىبا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 150
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9527
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 766 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 12:19:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ، راستىنلا بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ بەزىبىر ئىشلارنى راستچىلىق بىلەن قىلىشنى ئۆگىتىش كېرەك ، بالىلارغا توغرا بولغان ئاتا - ئانا تەربىيسى ئەڭ مۇھىم .

ئاللاھ ھەمىمىزگە ئىمان ، ئىنساپ ئاتا قىلسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 859
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8835
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2011-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 12:52:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،بەك،ياخشىكەن،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3445
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8307
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2011-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 01:21:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالابىرئاق قەغەز،ئۇنىڭغا نىمە يىزىلساشۇنداق ئادەم بولىدۇ.راست ئىيتىسىز،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش