مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ سۆرىتى ئۈستىدە تەھلىل
1.
قاش بىلەن كۆزنىڭ ئارلىقىنىڭ يېقىنلىقى خۇشخۇيلۇقنىڭ بەلگىسى-ئۇلار بىلەن دوست بولۇش ئوڭاي،شۇڭا مارك تۋىنغا دۇنيادا ناتۇنۇش ئادەم ئاز.
2.
ئادلۇف گرېتلىرنىڭ كۆزىگە دىققەت قىلىڭ،قارچۇقىنىڭ ئاستىدا ئاقلىق بار.بۇ ئۇنىڭ ناھايىتى جىددىيلەشكەنلىكى ۋەغەمگە پاتقانلىقى،ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەسلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
3.ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيەنىڭ سۆرىتى ئادەمگە شۇنىڭ ئۈچۈن يېقىمسىز تۇيۇلىدىكى،ئۇنىڭ ئىككى قېشىنىڭ كۆزدىن يېراق بولغانلىقىدۇر.بۇ مۇز تەلەتلىكنىڭ بەلگىسى.
4.باشنىڭ يۇقىرى قىسمى(كۆزنىڭ يۇقىرى قىسمى)چوڭ،بۇرۇن ئاستىدىكى بۆلەك بولسا كىچىك،مۇنداقلار مەنىۋى پائالىيەتكە مايىل كېلىدۇ.ۋېليام شېكىسپېر مانا شۇنداقلار تىپىدىندۇر.
5.بېۋېرلى سىلسىنىڭ چوڭ ھەم نۇرلۇق كۆزلىرىدىن قىزغىنلىق ۋە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ناخشا چولپىنىنىڭ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بۇلۇق كېلىدۇ.
6.لەۋلىرى بۇلۇق ئادەملەر سۆز ۋە ئاۋاز بىلەن ئىپادىلەشكە ماھىر.مايكىل جېكسون ئاۋاز بىلەن ئىپادىلەشتە تۇغما تالانتقا ئىگە،مۇزىكىدىنمۇ ئالاھىدە بەھىرلىنەلەيدۇ.
7.ئەگەر بىر ئادەمنىڭ نەزىرى پادىشاھ خېنرىنىڭكىدەك سوغۇق ۋە جىددىي بولسا،سىز ئۇنىڭدىن كۆپرەك پەخەس بولۇڭ.كۆز-ئادەم خارەكتىرىنىڭ ئەڭ ياخشى بەلگىسىدۇر.
8.يۈزگە نىسپەتەن ئېيتقاندا،ئېڭىكى ئۇچلۇقراق ئادەملەرنىڭ خارەكتىرى قەيسەر بولىدۇ. سىتالىن بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ.
9.ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆز ھېسياتىنىڭ مۇزدەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.ئارتىس بىللا لۇكاسنىڭ بۇ بىر جۈپ كۆزى ئۇنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن گىراف دېلكۇرانىڭ رولىنى ئېلىشقا ناھايىتى پايدىلىق بولغان.
10. ياندىن قارىغىندا،ماڭلاينىڭ كۆرىنەرلىك ھالدا ئارقىغا قىيسايغانلىقى ھەمدە ئاقما لىنىيلىك شەكىل ھاسىل قىلىشى ئادەمنىڭ زېرەك -ئاقىللىقىنىڭ ،ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان دەرىجىدە نەخ مەيداندىلا نۇمۇر كۆرسىتىش ئىختىدارى بارلىقىنىڭ بەلگىسى.داڭلىك كومىدىيە ئارتىسى گىرايزىرماكىس بۇنىڭغا ياخشى مىسالدۇر.
مەنبەسى:"چىراي تىلى" دېگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.