مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3158|ئىنكاس: 26

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ھەققىدە ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580073
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 09:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



[align=justify]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار،ھەممىڭلارغا پېقىر تارىمدىن قىزغىن ۋە ئوتلۇق سالام!
ھەپتە ئون كۈندىن بىرى توربېكەتلىرىمىزدە ئۆتكەن يىلدىكىدەكلا «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»ھەققىدە تىمىلار ۋە مۇشۇنىڭغا ئاتالغان بىر قىسىم ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى...بەزى دوستلىرىمىز «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولسىمۇ بەزى دوستلىرىمىز «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن قانداق ۋە قاچان ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ۋە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى توغۇرلۇق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس ئىكەن.شوڭا مەن ئىزدەش تورلىرىدىن ئىزدەش ئارقىلىق «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» توغۇرلۇق بۇ مەزمۇنلارنى يوللاپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم.




ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەبرىكلىنىدۇ.


تېمىسى:ئورتاق مەدەنىيەت ئورتاق خۇشاللىق
题目:共同的文化 共同的欢乐
Subject: Same Culture Same Merriment
يىتەكچى ئىدىيە: «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات»
主导思想:文化与发展
Guiding Cogitation: Culture and development
ئوتتۇرىغا قويغۇچى: تاھىر ئىمىن



ئۇيۇشتۇرغۇچى :شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتتۇتى ،شىنجاڭ مەدەنىيەت
قوللىغۇچى ئورۇنلار : شىنجاڭ دەرمان سودا چەكلىك شىركىتى، ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى
قانۇنى مەسلىھەتچى :ياسىنجان تەلئەت

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى قوللاپ مەدەت بەرگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر:
-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى:

1-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى غەيرى ماددى مەدەنىيەت قوغداش ئشخانىسى
2-شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر فولكلور تەتقىقات مەركىزى
3-شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى


جامائەت ئەربابلىرى:
مىجىت ناسىر،ئىمىن تۇرسۇن،ئسلامجان شىرىف ،ئابدۇقادىر جالالىدىن .

تەتقىقاتچى خادىملار:
ئابدۇكىرىم راخمان،ئابدۇبەسىر شۇكۇرى ،راھىلە داۋۇت (دوكتۇر،ئاسپىرانىت يىتەكچىسى)،ھەسەنجان ئابلىز (دوكتۇر)،قاتارلىقلار

كارخانىلار :
شىنجاڭ دەرمان سودا چەكلىك شىركىتى،ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى.


يۇقارقى مەزمۇنلار گۇگىل تورىدىن ئىزدەپ تېپىلغان...



‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››ھەققىدە...




[align=justify]2009-يىلى 5-ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››ئىلتىماس قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سۆھبەتكە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-فولكلور تەتقىقاتچىلىرى (تەتقىقاتچى ھەم جامائەت ئەربابى –ئىمىن تۇرسۇن، ژۇرنالست ۋە ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى ئسلامجان شرىپ بەشكىرەمى ،دوكتۇر يىتەكچىسى ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ئابدۇبەسر شۈكۈرى ، يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات پىروففىسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى،دوكتۇر، دوتسنېت ھەسەنجان ئابلىز، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتچىسى ئالىم يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قاتارلىقلار )، فۇرقان شىركىتىنىڭ سابىق دېرىكتورى (مۇھەممەد ئەمىن)، دەرمان شېركىتى دېرىكتور ئابلاجان ۋە ئىزچىلار شېركىتى ۋەكىللىرى، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى›› پىدائىيلىرى قاتنىشىپ، دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مىللىي ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيتى ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ، تەشۋىقات چارىلىرى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددى مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات ئشىخانىسى ۋە شنجاڭ ئۇنىۋىرسېتىتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى مۇناسۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە تەتقىقاتچىلار يوليورۇق بەردى.


سۆھبەت «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى»نىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە تارىخىي قىممىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلىنىپ،«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى» نى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىش چارىسى ۋە دوپپا مەدەنىيتىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھمىيتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا قىزغىن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سۆھبەتتە يەنە «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى تەپسلىي ئۇسۇللار ۋە بۇ ھەقتە ئشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسى تونۇشتۇرۇلدى.


«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نىڭ تەشەببۇسچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى 2007-يىلىدىن بۇيانقى دوپپا مەدەنىيىتى، دوپپا قول-ھۈنەر سەنئىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت تۈرىگە ئىلتىماس قىلىنىش ئەھۋالى، ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى غەيرى ماددى مەدەنىيەتلەرنى قوغداش تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ يېقىندىن بۇيان قوللىغان خىزمەتلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئەل ئارىسدىكى ئىجتىمائىي بايرام سۈپىتىدە«دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەسس قىلىش لايىھەسنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق خوشاللىقى ئۈچۈن بىر ھەسسە قوشۇش ئۈمىدى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسلەتتى ۋە بۇنى قوللاپ كەلگەن رەھبەرلەر، تەتقىقاتچىلار، كارخانىچىلارغا سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۇردى.


سۆھبەتتە تەتقىقاتچى، جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى سۆز قىلىپ بۇ خىل يېڭىچە مەدەنىيەت ھادىسسنى مۇئەييەنلەشتۇردى ۋە ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان بۇ پائالىيەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ۋە يوليۇرۇقلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ۋە ياشلار ئارىسدا «دوپپا مەدەنىيىتى» ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ توغرا ھەم ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا ئاپىرىن ئېيتتى.


«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى ژۇرنالىست ۋە مۇتەپەككۇر ئسلامجان شىرىپ بەشكىرەمى ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيتى»نى ئاممىۋىيلىققا ئىگە قىلىشنىڭ ئاساسلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ «قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى»نىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى ئشلىگەن خىزمەتلىرى ئاساسىدا تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.


شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىن تەتقىقاتچى ۋە پىروففىسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى «دوپپا» دىن ئىبارەت بۇ بىر مۇكەممەل سېستىمىنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە مەزمۇنلۇق پىكىرقىلىپ،«دوپپا مەدەنىيتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ، بارلىق مەدەنىيەت سۆيەر كىشنىڭ مەجبۇرىيتى، ئۇنى چوقۇم ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش، كەڭ ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتۈرۈپ، جەمىئىيەت ئۈچۈن بىركىشلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى، ئىقتىسادىي ئاساس، مەمۇرى يوليورۇق، تەشۋىقات ئەمەلىيتى ۋە ئىجراچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر تۇتاش ھەرىكەتلىنىشى زۆرۈر» دەپ كۆرسەتتى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر قاتار كونكىرىت چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتېتى فىلولوگىيە ئنىستىتۇتىنىڭ پىروففىسورى ، تەتقىقاتچى، دوكتۇر يىتەكچىسسى ئابدۇبەسىرشۈكۈرى ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى ھەرساھەنىڭ قەتئىي قوللىشى كېرەك بولغان خاسىيەتلىك چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى ئىناقلىقى، تەرەققىياتى ،شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئشلىرى، مىللىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيتى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، غەيرى ماددى مەدەنىيەت تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۆزكۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


ئۇيغۇر كىيم-كىچەك تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ھەسەنجان ئابلىز بۇ ھەقتە تىخىمۇ كونكىرىت ۋە ئنچىكە بولغان ئىلمىي خىزمەتلەرنىڭ ئشلىنىشى كېرەكلىكىنى، دوپپا مەدەنىيتىنڭ پەقەت بىز كۆرىۋاتقان ئاددىي شەكىل ۋە جىسملا ئەمەس نۇرغۇن مەدەنىيەت، سەنئەت، پەلسەپىۋىي مەنىلەرگە، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھميەتلەرگە تويۇنغان بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىينكى تەتقىقات يۆنىلىشىدە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيتىنىڭ سالمىقى ھەققىدە توختالدى.


تونۇلغان مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي مائارىپىنىڭ تىنماس تۆھپىكارى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ھەقىقەتەن بۈيۈك مەدھىيەگە لايىق مەدەنىيەت تىپى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا جەۋلان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دوپپا مەدەنىيتى» دىن ئىبارەت مىللىي تاشقى كىملىكنىڭ ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۇردى.


ئادۋوكات ،دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ قانۇنى مەسلىھەتچىسى ياسىنجان تەلئەت«دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تەكىتلىدى ۋە بارلىق ئاممىۋىيلىققا ياتىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسىغا دائىر قانۇن ۋە سىياسەتلەر ھەققىدە سۆز قىلدى.


شۇ قېتىمقى چاي سۆھبىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەمەلىي قوللىغان شىنجاڭ فورقان بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتۇرى مۇھەممەت ئەمىن ئەپەندى دوپپا مەدەنىيتىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن شەخس ۋە كارخانىلارنىڭ ئەمەلى كۈچ بىلەن قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شىنجاڭ دەرمان چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابلاجان ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى ئەل ئارىسدىكى بايرامدىن يەنە بىر دەرىجە كۆتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ«نان مەدەنىيىتى بايرىمى» نى تەستىقلىتىش جەريانىنى تونۇشتۇردى.


بىر قانچە داڭلىق تور بىكەت مەسئوللىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ مەدەنىيەت پائالىيتىنى پائال تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۈرۈمچى نشان ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتى ئېلان ۋە لايىھە ئشلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەرجىمە باشقارمىسىدىن تۇرغۇن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، شىنجاڭ مىللىي بىڭتۈەن سفەندىن زاكىرجان مىجىت سىددىق ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسى 5-قانال ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىدىن ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى ، شىنجاڭ گۈلقەقە يىمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى مۇھەممەت رىشات ھاجى ئەپەندى، ئىزچىلار سودا شىركىتىدىن بەختىيار، شىنجاڭ سىرتىق باسمچىلىق شېركىتىدىن ئادىل ئالىم توغراق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 21-باشلانغۇچ مەكتەپتىن نۇرمۇھەممەت ئىمىن كۈنقۇت، ۋىيخۇلىياڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىۋىدىن تۇرسۇنجان ئابلىمىت قاتارلىق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش قوللىغۇچىلارمۇ قاتناشتى ۋە پىكىر بايان قىلدى.


مەزكۇر پائالىيەت جۇڭگو مەركىزى خەلق رادىئو ئستانسسنىڭ جۇڭگوغا نەزەر پىروگراممىسى ۋە شۇ چاغدىكى كۆپ قىسم ئۇيغۇرچە يىتەكچى تور بېكەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسغا تارقىلىپ، ئۇيغۇر تاشقى كىملىكى ۋە مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇشبۇ ئۇچۇردىن كۆپچىلىككە ئۈمىد ئىلىپ كەلدى. شنجاڭ تىلىۋىزىيە ئستانسسنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى باشتىن-ئاخىر ‹‹دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››نى ئۆز پىروگراممىلىرىدىكى مىللى ئەنئەنىگە بولغان يېقىنلىق ۋە ئۆزلىرى دوپپا كىيش بىلەن ،‹‹دوپپا مەدەنىيتى›› ھەققىدە مەخسۇس پىروگىرامما ئىشلەش بىلەن قوللىدى.


2010- يىلىغا نەزەر

دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى تەشۋىقات خىزمەتچىلىرى ۋە 2009-يىلىدىكى پائالىيەتتىن زەرەتلەنگەن ‹‹خالىس ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىدائىيلىرى›› تۈرتكىسدە ئايرىم كارخانا،شەخس،مەكتەپ قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلار «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى تەبرىكلەشتى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىدائىيلىرى گەرچە سانى ئاز بولسىمۇ،ساپ نىيىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن ئېغىزچە تەشۋىقات،تور ماتېرىيالى يوللاپ بىرىش،قىسقا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دوپپا بايرىمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچىدى. بىيجىڭدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەشتى. ئانا يۇرتىمىزدا تور ئۈزۈلگەن چاغلاردا ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىردىنبىر خۇشاللىق ۋە ئۈمىد يېلىنجىسى ئۆزلىرىنىڭ مىللى كىملىكىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىردىنبىر ۋاستىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» بولغانلىقىنى دوستلار ھاياجان ئىچىدە تىلغا ئىلىشتى،ئەسلەشتى. شنجاڭ مالىيە ئېقتساد ئۇنىۋېرسىتېتى، شنجاڭ قەشقەر توققۇزاق ناھىيە ئاۋات ئوتتۇرا مەكتىۋى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى دوپپا كىيشپ ،دوپپا بايرىمىنى ئەڭ مەنىلىك ھالدا تەبرىكلەشتى. ئۈرۈمچى گۈلقەقە ئارامگاھى بارلىق ئشچى-خىزمەتچىلىرى ، ئۈرۈمچى ئەزھەر تېخنىكا مەكتىۋى، ئۈرۈمچى ئنتىلىش تېخنىكا مەكتىۋى مەسئۇللىرى دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەشتى. غۇلجا شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئىلغار ياشلار دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ھەققىدە ئويلىنىش، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش بىلەن تەبرىكلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دوپپا كىيشىپ تەبرىكلەشتى ۋە پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى.


2011-يىلىغا نەزەر

2011 -يىلى دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئوخشاشلا شەخس، كارخانا ئورۇن ۋە ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ئەل ئارا ئىجتىمائىي ۋە ئىختىيارىي بايرام شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەممە كىشى ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ياتىدىغان، مىللىي كىملىكىنى، مىللىي قىممەت قارىشىنى ئىپادە قىلىدىغان خاسلىقلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇيغۇر ئەقىلدارلىرى داۋاملىق بۇ كۈننى «ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش كۈنى-يەنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» قىلىشقا قانۇنىي كاپالەت ئېلىش ئۈچۈن تىرىشسا، كەڭ جەمئىيەت ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ھازىرلاش ئۈچۈن تىرىشىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.



«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى» دىن ياسنجان مۇھەممەد

يۇقارقى مەزمۇن كروران توربېكىتىدىن ئېلىندى...



‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››،‹‹«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيتى››،
‹‹ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرى››،‹‹دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە››،‹‹دوپپىنىڭ ئۇيغۇر كىيىم-كىچەكلىرىدىكى ئورنى››،‹‹دوپپىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىدە تۇتقان ئورنى››...قاتارلىق بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار بايان ئەيلەنگەن مەزمۇنلار تۆۋەندىكى ئادىرىستا
:

http://www.kroran.net/ud/thread-3855-1-1.html


(بۇ يەردە مەن يۇقارقى مەزمۇنلارنى كروران توربېكىتىگە يوللىغان قېرىندىشىمىزغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن!
تىما يوللىغۇچىغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىن باشقا مەزمۇنلار بۇ يەرگە(مىسرانىمغا)يوللانمىدى،ۋە تىمىنىڭ ئەسلىدىكى تۇلۇق مەزمۇنى بار بولغان ئادىرىسى قالدۇرۇلدى
)


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
saptilak + 300 بېلىۋىلىشقا تېگىشلىك قىممەتلىك ماتىريال

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 300   باھا خاتىرىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

*ئاللاھ گۇناھلىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 1448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 10:29:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئىشلارنى بىلۋالدۇق....رەخمەت.

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 10:33:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىڭىز ئارقىلىق  دوپپا بايرىمى ھەققىدە بىزنى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!!!.....

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
ھېسلىرى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 10:34:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12414
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7782 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 10:38:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوپپا بايرىمى ھەققىدە بىزنى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!!! بۇ بايرامنىڭ ئۇمۇملىشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن..

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

گۈللە ئۇيغۇرۇم م

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34573
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6599
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 5446 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 10:47:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىز ئۆز قولىمىزدا گۈللەنسۇن!! ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىز مەڭگۈ جۇلالانسۇن!! ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىز ئەجدادتىن ئەۋلادلارغا تولۇق يەتكۈزۈلسۇن!!

بۈيۈك ئۇيغۇرۇم بۈيۈك!

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 10:47:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما،مەن نەچچە كۈندىن بېرى دوستلىرىمغا،ئۇرۇق-تۇققانلىرىمغا دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەشۋىق قىلغان بولساممۇ،ئۇلار كىم دەيدۇ بايرام دەپ دىگەندە،مەن شۇ مەركەزدىن ئۆتكەن يىلى دوپپا بايرىمى قىلىپ بېكىتىپتۇ دەپلا تۇلۇق چۈشەندۈرەلمىگەنتىم،بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ خېلى تۇلۇق چۈشەنچىگە ئېرىشتىم،ھەممەيلەننىڭ دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. [s:154]  [s:154]  [s:154]  [s:139]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12197
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 11:00:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ئەڭ ئەقىللىق مىللەتلەرنىڭلا دۇپپا مەدەنىيىتى بار.......

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 1422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 11:06:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى بار تىما  ئىكەن،كۆپ ئىزدىنىپسىز ،ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر

bir lukqakman ,sining koqangda

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 848
يازما سانى: 814
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 19217
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 5791 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2014-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 11:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تىمىغا قانداق ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمەي ھاياجانلىق ئېلكىدە تۇرۇپ قالدىم.قەلەم كۈچۈم  ئاجىز كېپ قالدى... [s:166] ئارتۇق كاپشىماي.باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمىنى بىر مەزگىلگىچە مۇنبەر يۈزىدىن سۈرگۈن قىلىۋەتمەسلىگخنى ئۈمۈد قىلىمەن. [s:173]

چ چ :876974497 سىلەرنى بەك سېغىندىم قېرىنداشلىرىم...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش