دۇنيا بوكىس شاھى مۇھەممەت ئەلىنىڭ قىزىغا قىلغان نەسىھەتى
ئاپتورى: خەننا
ھۆرىيەت سېتىۋالدى تەرجىمىسى
مېنىڭ دادام داڭلىق بوكىسچى مۇھەممەت ئەلى بولىدۇ. دادام ياشىنىپ قالغاچقا ھەركۈنى دېگۈدەك ئۆيدە داۋالانغاچ ناماز ئۆتەيدۇ، دوستلىرىنى كۈتىۋالىدۇ. ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى مەن سىڭلىم سەيلا بىلەن ئاتا - ئانامنى يوقلىغىلى باردۇق. بىزمۇ ئادەتتە بەك ئالدىراش بولغاچقا دائىم كېلىپ ئاتا - ئانىمىزنى يوقلاپ تۇرالمايتۇق، شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغاندا تولىمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتۇق.
بىز مېھمانخانا ئۆيدە قەھۋە ئىچىپ، پېچىنە - پىرەنىك يېگەچ مۇڭدىشىپ ئولتۇردۇق. دادام سىڭلىم ئىككىيلەنگە سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن گەپ باشلىدى:
ــ خەننا، سەيلا، جېنىم قىزلىرىم، داداڭلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەر قىممەتلىك ۋە قىممىتى يوق دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەتتە قىممىتى بار نەرسىنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇنغان بولۇپ، كىشىلەر ئاسانلىقچە ئۇنى كۆرەلمەيدۇ ھەم بايقىيالمايدۇ، ئېرىشمىكىمۇ تەس. مەسىلەن، مەرۋايىت چوڭقۇر گىرانىت تاش ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ، كىشىلەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىزدەش ئارقىلىقلا بايقىيالايدۇ. قاشتېشى دېڭىز ئاستىدا بولۇپ، قاتمۇقات قاسراقلىرى قوغداپ تۇرغاچقا، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى ئاسان نامايان بولمايدۇ. ئالتۇننى مىسالغا ئالساقمۇ ئوخشاش، ئۇمۇ ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ئاسانلا بايقىۋېلىشى ئۈچۈن يەر يۈزىگە چىقىپ قالمايدۇ، ئىشچىلار ئالتۇن رۇدىسىنى مىڭ تەستە قېزىپ چىقىرىدۇ، ئاندىن رۇدىنى پارچىلاپ، سۇدا چايقىغاندىن كېيىن ئاز مىقداردىكى ئالتۇننى ئايرىۋالىدۇ.
دادام ئامېرىكا جەمئىيىتىدە مودا بولۇۋاتقان يېرىمى ئوچۇق كىيىمىمىزگە قاراپ، خاپا بولغان ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
ــ كىيىۋالغان كىيىمىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار، بەلكىم نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان داڭلىق كىيىم بولسا كېرەك. ئەمما سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمۇ، مۇسۇلمان قىزلارنىڭ ئۆز قەدىر - قىممىتى بولۇشى، ئۆزىنى ئۈنچە - مەرۋايىتتىنمۇ، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك كۆرۈشى كېرەك. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاسراشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭلار كېرەك. ئۆزىنى ئاسىرىغانلىق ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىككە باراۋەر.
دادام پۈتكۈل ئۆمرىدە نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىقلارنى، تۈرلۈك دىنىي مەزھەپلەرنى، تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلامنى تاللىغان. بىز ئاتا - ئانىمىزنى كۆرمىگىلى خېلى ئۇزاق بولغانىدى، دادامنىڭ بىزگە دېگەن گەپلىرى چىن دىلىدىن چىققان گەپ بولۇپ، بۇنى بىز ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇيالمايمىز. بۇ ئاددىي ھەم چوڭقۇر تەسىرات، مەن بۇ ئۇنتۇلماس تەسىراتنى بارلىق مۇسۇلمان خانىم قىزلىرىنىڭ ئورتاق قوبۇل قىلىشىغا سۇنىمەن.
مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلى 2011 - يىللىق 5 - سان.