ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
تىبەت مۇسۇلمانلىرىدىن مەمنۇن بولدۇم. لاما دىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ھازىرقى زامان ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ(ئىسلامغا تەۋە بولمىغان قىسمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) خېلى ئوبدانلا تەسىرى بار مۇھىتتا ياشاۋىتىپمۇ ئۆز ئېتىقادىدا خېلى مۇستەھكەم تۇرۇپتۇ. توي-تۆكۈننى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزىدىكەن، "بوشقىنە قويۇلىدىغان ھىندىستان، پاكىستان ناخشىلىرى"دىن باشقا ناخشا-ئۇسسۇل يوقكەن،توي-تۆكۈندە ھاراقمۇ ئىچمەيدىكەن،3 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس ئىچىدە %90دىن كۆپرەكى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تىبەتلەر بولغان جوڭگۇ ئاپتونوم رايونىدىكى 5000مىڭچە يەرلىك مۇسۇلمانلار توي قىلسا ھاراق ئىچمەيدىكەن !
لېكىن بىزچۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 10مىليونچە نوپۇسى بار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ توي_تۆكۈنلىرىنىڭ قانچىلىكى ھاراق-شاراپسىز ئۇزاۋاتىدۇ؟!
(2011-يىللىدىكى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى3مىليون 2166، تىبەتلەر2مىليون 716مىڭ، خەنزۇلار 245مىڭ، باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر 40مىڭ. مەنبە:
http://paper.people.com.cn/rmrb/ ... 05_12-02.htm?div=-1 )