مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: xahla0998

مەن روھى كىسەلمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30132
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1144
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 03:34:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلار، بۇ سىڭلىمىز ياردەم سوراپ بۇ تېمىنى يېزىپتۇ. ئۇ ھازىر ياخشى گەپكە، مەسلىھەتكە، كۆيۈنۈشكە موھتاج. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ تېمىدا ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن تالىشىپ، تىللشىپ يۈرمىسەڭلار.
    سىڭلىم شەھلا، مەن كيۇ-كيۇ، مېسسنجېر دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيمەن. شۇڭا مۇمكىن بولسا  ھەم دېگىلى بولدىغانلا گەپ بولسا ئۆزىڭىزگە ئون يىل بۇرۇن نېمە ئىش تەسىر قىلىپ بۇنداق ھالەتكە مۇپتىلا بولغانلىقىڭىزنى بىلگەن بولساق، شۇنىڭغا قارىتا بىرگەپ قىلىش مۇمكىن ئىدى. سىزنىڭ بۇ ھالتىڭىزگە دېئاگنوز قويۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى شۇ ۋاقىتتا يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا نېمە تەسىر قىلغانلىقىنى تېپىپ چىقىش. ئۇنداق بولمىغاندا، ئون يىلدىن بېرى سىزنى ئاۋارە قىلۋاتقان بۇ ھالەتنىڭ جاۋاب تېپىلماسلىقى مۇمكىن.
   دوستىمى كۆكيالنىڭ خلىت ۋە مىللىي تىبابەت ھەققىدىكى گەپلىرىگە قوشۇلىمەن. ئۇيقۇسىز بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ئۇزۇن مۇددەت مىللىي تىبابەتنىڭ ئەكس تەسىرى يوق دورىلىرىنى ئشلتىش ئارقىلىق خىلىتلارنى تەڭشىگلى بولۇش مۇمكىن.ئەمما، دوختۇرغا بېرىپ غەربنىڭ روھىي كېسەللەرگە بېرىدىغان دورلىرىنى ھەرگىز ئېلىپ يۈرمەڭ. بۇ كېيىن كۈتمىگەن ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
    مېنىڭ بۇ تېمىڭىزغا جىددىي قارىشىم، بۇ خىل پسىكىلىق تەڭپۇڭسزلىقنى ھازىر جىددي قاراپ ۋاقتىدا ھەل قىلشىقا تىرشمىسىڭىز، كېيىن بەختلىك ياشىشىڭىزغا ۋە مۇۋپپققىيەت قازىنشىڭىزغا تەسىر كۆرستىدۇ. شۇڭا پۈتۈنلەي پسىخكىلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ بۇ ھالدىن قۇتۇلۇش تامامەن مۇمكىن. ئادەتتە بۇ خىلدىكى يېنىك تەڭپۇڭسزلىققا
1. پاراڭ ئارقىلىق داۋالاش( قارشى تەرەپنىڭ پسىخسىكىسنى چۈشىندىغان تەجرىبلىك ئادەملەر بىلەن پاراڭلشىپ كاللىدىكى تۈگۈننى بىر-بىرلەپ يېشىش)؛
2. ساغلام بولغان ھەۋەسلەرنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق(مەسىلەن، رەسىم سېزىش، شېئىر ئوقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىق). يامان يېرى سىىز ئاۋادىن قورقىدىكەنسىز.
3. ئىستقامەتتە -ئېتكاپتا ئولتۇرۇش ئارقىلىق(ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا بۇنىڭ رولى چوڭ). بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ سۆيۈندۈم. تېخىمۇ ئەستايدىل، تېخىمۇ ئىزچىل قلشقا تىرشىپ بېقڭ.
4. شۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆرۈش ئارقىلىق( دالى كارنېگىنىڭ يۇقرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كىتابلىرىنىڭ بىرى. بىر نەچچە روھي كېسەلگە گرپتار بولغان ئادەمنىڭ ئۆزىدىن قانداق غالىپ كەلگەنلىكىمۇ يېزلىدۇ. شەخسىي كىتاببۇرۇشلاردا بولۇشى مۇمكىن، يەنە زېۋىدەنىڭ "ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىك دوختۇرى بولۇشىنى خالامسىز" دېگەن كىتابىمۇ كىتابخانلاردىن تېپلىدۇ؛ "قەلب خەرىتىسى"، "سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرڭىز"مۇ بولىدۇ. ئالدىنقى كىتاب خارۋادرنىڭ پسىخولوگى يازغان، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان).
5.زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش ئارقىلىق(ئاۋۇ بىر دوستىمىز توغرا دەپتۇ. مۇمكىن بولسا ئادەم ئەڭ جىق، تازا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولدىغان يەرگە يېقىن ئادەملرىڭىز بىلەن بېرىپ ئۆزىڭىزدە ۋەھىمە پايدا قىلىۋاتقان ئوبيكتىقا يېقىنلىشىش ئارقىلىق، يۇقىرى ئاۋازلىق كىنو كۆرۈش ئارقلىىق بۇ مەسىلىنى ھەل قلشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى بىز نېمىدىن قورقساق شۇ بىزنى قورقتىدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ياخشى ئامالى ئۇنىڭغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىش. لېكىن بۇ ئىش سىزدىن باتۇرلۇق تەلەپ قىلىدۇ).
6. بەك جىق ۋاقىت ۋە پۇل كەتمىسە، پات-پات مۇھىت يەڭگۈشلەش، مەنزرلىك جايلارغا بېرىش ئارقىلىق(چوقۇم يۇرت ئاتلاپ باشقا يەرگە بېرشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەزىرانە قەشقەردىمۇ سىز بېرىپ باقىمىغان كۆرۈپ باقمىغان يەرلەر جىق بولۇشى مۇمكىن.
7. باشقىلارغا مىننەتسىز ياردەم قىلىش ياكى ياخىشلىق قىلىش ئارقىلىق....
       مەجبۇرلاس ۋەسۋەسىسى ھەققىدە بىر قستۇرما گەپ، بۇنداق پسىخك تەڭپۇڭسزلىقتا مەلۇم بىر ئوبيېكت، مەلۇم بىر ئىش سىزنى ئازابلىق روھىي ھالەتكە مەجبۇرلاپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئاپىسى پاكىزلىىق ۋەسۋەسىسىنىڭ دەردىنى بەك تارتقان. يەنە قولىنى قانچە قېتىىم يۇسىمۇ، كىرنى نەچچە قېتىم يۇسىمۇ پاكىز بولمىغاندەك ھېېسياتقا كېلىپ يۇيۇۋېرەتتى. كېيىن بىر ساقيىپ كەتتى.
   سىز ساقيىپ كېتىسىز، سىڭلىم. بۇ روھىي كېسەل ئەمەس. بەلكى يېنىڭ پسىخىكلىق تەڭپۇڭسىزلىق.لېكىن، مەن سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا نېمە تەسىر قىلغان بولغيتتى دەپ ھازىرغىچە ھەيران.
   سىزگە غەيرەت ۋە باتۇرلۇق تىلەيمەن، شەھلا! ھەممە ئشىلار ئوڭشلىدۇ. بىر جەريان كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30132
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1144
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 03:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قېرىنداشلار، بۇ سىڭلىمىز ياردەم سوراپ بۇ تېمىنى يېزىپتۇ. ئۇ ھازىر ياخشى گەپكە، مەسلىھەتكە، كۆيۈنۈشكە موھتاج. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ تېمىدا ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن تالىشىپ، تىللشىپ يۈرمىسەڭلار.

كىشىگە قىلساڭ ئۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3708
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7079
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 3020 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 03:47:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 37قەۋەت  uyghurzade كە 2011-05-16 03:34 PMئەۋەتىلدى  :
قېرىنداشلار، بۇ سىڭلىمىز ياردەم سوراپ بۇ تېمىنى يېزىپتۇ. ئۇ ھازىر ياخشى گەپكە، مەسلىھەتكە، كۆيۈنۈشكە موھتاج. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ تېمىدا ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن تالىشىپ، تىللشىپ يۈرمىسەڭلار.
    سىڭلىم شەھلا، مەن كيۇ-كيۇ، مېسسنجېر دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيمەن. شۇڭا مۇمكىن بولسا  ھەم دېگىلى بولدىغانلا گەپ بولسا ئۆزىڭىزگە ئون يىل بۇرۇن نېمە ئىش تەسىر قىلىپ بۇنداق ھالەتكە مۇپتىلا بولغانلىقىڭىزنى بىلگەن بولساق، شۇنىڭغا قارىتا بىرگەپ قىلىش مۇمكىن ئىدى. سىزنىڭ بۇ ھالتىڭىزگە دېئاگنوز قويۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى شۇ ۋاقىتتا يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا نېمە تەسىر قىلغانلىقىنى تېپىپ چىقىش. ئۇنداق بولمىغاندا، ئون يىلدىن بېرى سىزنى ئاۋارە قىلۋاتقان بۇ ھالەتنىڭ جاۋاب تېپىلماسلىقى مۇمكىن.
   دوستىمى كۆكيالنىڭ خلىت ۋە مىللىي تىبابەت ھەققىدىكى گەپلىرىگە قوشۇلىمەن. ئۇيقۇسىز بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ئۇزۇن مۇددەت مىللىي تىبابەتنىڭ ئەكس تەسىرى يوق دورىلىرىنى ئشلتىش ئارقىلىق خىلىتلارنى تەڭشىگلى بولۇش مۇمكىن.ئەمما، دوختۇرغا بېرىپ غەربنىڭ روھىي كېسەللەرگە بېرىدىغان دورلىرىنى ھەرگىز ئېلىپ يۈرمەڭ. بۇ كېيىن كۈتمىگەن ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
    مېنىڭ بۇ تېمىڭىزغا جىددىي قارىشىم، بۇ خىل پسىكىلىق تەڭپۇڭسزلىقنى ھازىر جىددي قاراپ ۋاقتىدا ھەل قىلشىقا تىرشمىسىڭىز، كېيىن بەختلىك ياشىشىڭىزغا ۋە مۇۋپپققىيەت قازىنشىڭىزغا تەسىر كۆرستىدۇ. شۇڭا پۈتۈنلەي پسىخكىلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ بۇ ھالدىن قۇتۇلۇش تامامەن مۇمكىن. ئادەتتە بۇ خىلدىكى يېنىك تەڭپۇڭسزلىققا
1. پاراڭ ئارقىلىق داۋالاش( قارشى تەرەپنىڭ پسىخسىكىسنى چۈشىندىغان تەجرىبلىك ئادەملەر بىلەن پاراڭلشىپ كاللىدىكى تۈگۈننى بىر-بىرلەپ يېشىش)؛
.......

ئون يىل ئاۋال ئىغىر كىسەل سەۋەبىدىن ئورۇن تۇتۇپ 8 يىلچە يىتىپ قالغان ھەمدە چىرايىم بۇزۇلغان..........

شۇنداق بىر ئادەم بولغىنكى ھەممە ئادەم سىنى ياخشى كۆرسۈن ھۆرمەتلىسۇن ئەسلىسۇن

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 2459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 195823
تۆھپە نۇمۇرى: 604
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 03:50:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

40-قەۋەت (xahla0998) نىڭ يازمىسىغا

ئۇيغۇرزادىنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن.  بۇ ئەھۋاللارنىڭ بىلىنگىنى ياخشى بولدى. ئۇيغۇرزادىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقايلى.......... بۇنىڭ ماڭىمۇ پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

ئۇنتۇلماس ئەسلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19988
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4518
تۆھپە نۇمۇرى: 561
توردا: 2189 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 07:41:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىنداشلار تىما يوللۇغۇچىنى خىجىل قىلماي تىللىشىدىغان ئۇرۇشىدىغان ئىشىڭلار بولسا بىر-بىرىڭلارنى ئىزدەپ تىپىپ تازا مۇشلۇشۇپ.چانىشىپ ئانىسىنى يەنە بىرنىمىسىنى بىرنىمە قىلمامسىلەر. نىمە ئىش بۇ ئۆزىمىزنىڭ يۈزىنى ئۈزىمىز تۆكۈپ.
بۇدىگەن مۇنبەر ئەدەپ -ئەخلاق. مىھىر-مۇھاببەت. شەرمى-ھايا.ئۈگىتىدىغان.ھەم ئۈگۈنىدىغان سورۇن.بۇمۇنبەر سىللەردەك ئادەملەرنى قارشى ئالمايدۇ. نۇمۇس قىلىشساڭچۇ؟
جىننىڭ گىپىنى قىلسا جىن كەپتۇ دىگەندەك.روھى كىسەلنىڭ گىپىنى قىلسا بىرتوپ روھى كىسەل ئىزدەپ-سوراپ بۇراپ-تىپىپ كەپتىمۇ نىمە؟
سىز روھى كىسەل ئەمەسكەنسز سىڭلىم. ئەسلى روھى كىسەللەر مۇنبەرگە كۆمۇلۇپ قاپتۇ.
بىر-بىرلەپ ئۆزنى مەلۇم قىلغىلى تۇردى.ئادەم تىللاش ئەڭ چوڭ ئەخلاقسىزلىق.سنى بىرسى تىللىغان بولسا گۇنايىڭ ئازلايدۇ.ساڭا بۇدۇنيالىق لازىممۇ ياكى ئۇدۇنيالىقمۇ؟ تىللىسا تىللاۋىرىدۇ.كارىڭ بولمىسۇن.ئىت قاۋاپ قىلىۋىرىدۇ.كارۋان يولىغا مىڭىۋىرىدۇ.
بولسا مىنىمۇ قىتىپ تىللاش.لىكىن مەن سۈكۈتتە تۇرىمەن.

تەپەككۇر ئىلكىدە يۈرمەن جىمجىت،   كەلگۈسۈم ئۈستىدە خىيالغا پىتىپ. ئارزۇلاپ كۈتكۈنۈم كىلەرمۇ بىركۈن،   قارايمەن ھاياتقا ئۈمۈتسىز بىقىپ.

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1274
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 08:16:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما يوللىغۇچى ئۆزىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ ياردەم سوراپتۇ... بەزىلەرنىڭ دىگەن سۆزلىرىدىن خۇشال بولدۇم... سالامەتلىكىڭىزنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...

گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 08:47:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بۇدۇنيادا تەڭرى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12072
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8139
تۆھپە نۇمۇرى: 415
توردا: 4592 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 01:15:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىيادە سەزگۈرلۈك ..بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ .مەنمۇ بۇرۇن بەزىدە شۇنداق بوپ قالاتتىم..كۆڭلىڭىزنى ئازادە .كەيپىياتىڭىزنى روھلۇق تۇتۇڭ ....بىرەر ساز چېلىشنى مەشق قىلىڭ ....ياكى مېنىڭ  ۋاراڭ -چۇرۇڭ روك مۇزىكامدىن بىر ئىككىنى چىداپ لېۋىڭىزىنى چىشلەپ تۇرۇپ تىڭشاپ باقامسىز يە ؟(چاخچاق،ئۇنداق قىلماڭ ھە !) ..... مېنڭچە ،لىرىك ،لەرزان مۇزىكىلارنى ،ياكى مۇڭلۇق قىرائەت ئاڭلاپ بېرىڭ .....

مېنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقىم تەڭرىم ۋە گىتارىمدا............

تاجىڭ~ئەخلاق

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 1528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7387
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 7028 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 02:53:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوختورغا بىر كۆرۆنۈپ بىقىڭ...........سالامەت بولۇڭ~ [s:122]

دىيارىم شىنجاڭ،مىللىتىم ئۇيغۇر~!

ئۆزلۈكى يوق مىلل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6284
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6218
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2011-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 06:19:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سىزنىڭ يالغۇز يۈرمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، دوستلىرىڭىز بىلەن ياكى باشقا يېقىن تۇغقانلىرىڭىز دېگەندەكلەر بىلەن دېمەكچى. ئادەم يالغۇز يۈرسە، ساق ئادەممۇ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالارمىش. زىيادە خىيالچانلىقمۇ ياخشى ئىش ئەمەس.  سىزنىڭ دوختۇرغىمۇ كۆرۈنۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.    ئاغرىپ قالدىم دەپسىز، بۇنىڭدىن قارىغاندا شۇ كېسەلنىڭمۇ تەسىرى بار بولۇشىمۇ مۇمكىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش