ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
QQنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى QQ2011 دىتالىنىڭ خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپلا قويۇلغان بولۇپ باشقا ھەر قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىمىغان.
بۇ QQ2011 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلىدى . ھەر قانداق شەخىس ۋە ئورۇننىڭ ھەر قانداق ئۇسۇلدا ھەقلىق تارقىتىشىغا بولمايدۇ .
بۇ QQ دىتالىنىڭ نەشىرى ھوقۇقى يەنىلا پىنگىۋىن شېركىتىگە تەۋە .
بىكىتىمىز بۇندىن كىيىن يىڭىدىن چىققان QQ نەشىرلىرى ۋە ياماقلىرىنىمۇ ھەر ۋاقىت ئامال بار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يىڭى نەشىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۇ .
تەرجىمە قىلىنغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز بۇ تېمىنى كۆرۈڭ http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=14792&page=1
بۇنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ:
بۇ QQ نىڭ پەقەت كۆرۈنمە ھالىتى ۋە باشقۇرۇش تىزىملىكلىرىلا ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە خەت ئالاقە ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى . ئۇيغۇرچە خەت ئالاقىنى قوللىمايدۇ ئەمەس ، بەلكى قوللايدۈ ، لىكىن QQ مۇلازىمىتىرى سىزنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان خەتلىرىڭىزنى سۈزۈپ تاشلاپ قارشى تەرەپكە ئەۋەتىشكە يول قويمايدۈ .
ئەسلى QQ ئۇيغۇرلاشنىڭ ئىشلىتىشگە ماس كەلمەيدۈ دىسەكمۇ بولۈدۈ . چۈنكى ئۇيغۇرچىنى يەكلەيدۈ ۋە ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۈ . بىزغۇ ئۇنىڭدىن قانۇنسىز ئىش قىلمايمىز ، لىكىن سىزنىڭ ئالاقىڭىزنى ھەر ۋاقىتى بىرسى كۆرۈپ تۇرسا سىزمۇ خالىمايسىزدە .
ئەسلى ئۇيغۇرلارغا skype دىتالى بەك ماس كېلەتتى ، ئۇنىڭغا ئالىپ ئەپەندىن تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان تىل كودىنى قوشىۋالسىڭىز پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۈ ۋە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا بىمالال ئالاقىلىشىلالايسىز . ۋە ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ خېتىڭىزنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇشىدىن خاتىرجەم بولىسىز .
مانا بۇ ئالىپ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرچە قىلغان skype دىتالىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://www.alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=689
لىكىن بىز ئۇيغۇرلار يەنىلا QQ دىن ئايرىلالمىدۈق .شۇڭا مەن بۇ قاملاشمىغان سېستىمىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۈم . دىتالنى چۈشۈرپ قاچىلىسىڭىز ئۇنى ئايرىم مۇندەرىجىگە قاچىلايدۈ . ئەسلىدىكى خەنزۈچە QQ نىمۇ نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۈ ئۈستەل يۈزىدىكى uyghurQQ دىگەن ھۆججەتنى قوزغىتىپ كىرسىڭىز بولىدۈ .
بۇنى بىۋاستە قوزغاتسىڭىز خەت نۇسخىسى نورمال بولمايدۈ .
خەت نۇسخىسىنى نورمال قىلىش ئۈچۈن سىز ئەگەر سېستىمىڭىز wnxp بولسا تۆۋەندىكى تېمىدىكى كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات ئېلى بارسىڭىز بولىدۈ .
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=14808
ئەگەر سىزنىڭ سېستىمىڭىز wn7 بولسا سىز بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىسىڭىز بولىدۈ .
ئاپاراتنى قايتا قوزغىتىشنى ئۇنۈتماڭ .
ياكى ئالىپ ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىنى كۆرۈڭ :
http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=702
بۇ تېمىنى ۋە دىتالنى ھىچكىمدىن سورىماي ، مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ھەر قانداق تور بەت ياكى ئورۇندا ئېلان قىلسىىڭىز ۋە ھەقسىز تارقاتسىڭىز بولىدۈ .
بارلىق ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيغۇرچە QQ ئىشلەتسە بەلكىم پىنگىۋىن شېركىتى ئۇيغۇرچە نەشىرىنى چىقىرىش ۋە ئۇيغۇرچە چەكلىمىسىنى ئېلىۋىتىشنى ئويلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
ئاللا ھەممىڭلارغا رەھەمەت ئاتا قىلغاي
مەنبە:
مەرىپەت مۇنبىرى
چۈشۈرۈش: