بەزى قىزلار نىمە ئۇچۇن 7 ياشتا بالاغەتكە يېتىدۇ؟
دوكتۇر مەمەت ئىمىن
يېقىندا ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدا ھازىر ئامىرىكىدا كۆپلىگەن قىزلارنىڭ 7 ياشتا بالاغەتكە يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. دوكتۇر فرانك م. بىرونىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئامىرىكىدىكى لاتىن ئامىرىكىلىق قىزلارنىڭ 15%، ئاق تەنلىك قىزلارنىڭ 10%، قارا تەنلىك قىزلارنىڭ 25% 7 ياشتا بالاغەتكە يىتىشكە باشلىغان. ئۇندىن باشقا ئامىرىكىدىكى لاتىن ئامىرىكىلىق قىزلارنىڭ 31%، ئاق تەنلىك قىزلارنىڭ 10%، قارا تەنلىك قىزلارنىڭ 43% تى 8 ياشتا بالاغەتكە يىتىشكە باشلىغان. نورمالدا قىزلار 12 – 15 ياش ئارىلىقىدا بالاغەتكە يىتىشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇنداق بۇرۇن بالاغەتكە يىتىشنىڭ نۇرغۇن زىيانلىرى بار بولۇپ، قىزلارغا بەزى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتە يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقارغاندىن سىرت، بەزى ئىجتىمائىي مەسىللەرنىڭ پەيدا بولۇشىغىمۇسەۋەب بولىدىكەن.
ئۇنداقتا قىزلارنىڭ بۇنداق كىچىك بالاغەتكە يىتىشنىڭ سەۋبى نىمە؟
تەتقىقاتچىلار قىزلارنىڭ بالدۇر بالاغەتكە يىتىشىگە بوۋاق ۋاقتىدىكى سىمىزلىك، ھايۋان ئاقسىلىنى كوپ ئىستىمال قىلىش، يەنە بوۋاق ۋە كىچىك بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى ئوزۇقلاندۇرىۋىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يېقىنقى بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، قىزلارنىڭ بۇنداق بۇرۇن بالاغەتكە يىتىشىدە يۇقارىقى ئامىللاردىن باشقا يەنە بىر مۇھىم سەۋەبنىڭ پىلاستىك تەركىبىدىكى “phtethala” دەپ ئاتالغان بىر خىمىيەلىك ماددا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
پىلاستىك تەركىبىدىكى بۇ خىل ماددا، كىشىلەر كۇندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىۋاتقان ھەر خىل پىلاستىك بويۇملار، يەنى پىلاستىك ئىستىكان، سۇت بوتىلكىسى ۋە قاچا-قۇچا قاتارلىقلار ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئىچكى ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىرىش ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قىزلارنىڭ بالدۇر بالاغەتكە يىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىكەن.
شۇڭا ئاتا ئانىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ۋە ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان كىچىك بالىلارغا پلاستىك ماتىرىياللاردا ئىشلەنگەن ھەر قانداق نەرسىدە يىمەك-ئىچمەك بېرىشتىن ساقلىنىش، بوۋاقلارنى ئالاھىدە ئوزۇقلاندۇرۇپ، بەك سېمىز بىقىشتىن ساقلىنىشى كىرەك.
مەنبەسى : ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورى