ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 28قەۋەت QIQAK0903 كە 2011-05-17 10:39 PMئەۋەتىلدى :
ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىنى ئىككىلا تەرەپتىن ئىزدىگىنىمىز ياخشى . ئەر ناچار ئۈژمە كۆڭۈل بولسا ، ئايال ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشى كىرەك . ئەقىللىق ئايال ئىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ . ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، يەر قىلغانمۇ خوتۇن .
بۇ مۇنبەرداشنىڭ پىكرىگە مەنمۇ قوشىلىمەن . مەن مېنىڭ كۆز ئالدىمدا بولغان بىر ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرەي :
مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى ، ئۇ ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ بىر قىز ، بىر ئوغلى بار . تۇرمۇش ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى . ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ رىستۇرانى بار ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن دوستۇمنىڭ يولدىشى ئاساسىي جەھەتتىن كۈندە دىگۈدەك سىرتتا سورۇنلاردا يۇرەتتى . ھەتتا نەچچە ئاشنىسىنى بۇلار يېڭى كەلگەن ئۇسۇلچىلار دەپ ، رىستۇرانىغا ئەكىلىپ ئىشلىتەتتى ، بەزىدە مەس بولۇپ قالسا ، ئۇ قىزلارغا ئايالى بار يەردىلا چاقچاق قىلاتتى . لېكىن مېنىڭ دۇستۇم ئەزەلدىن ئېرى ئالدىدا ياكى بىزنىڭ ئالدىمىزدا دەرت ئېيتىپ زارلانمايتتى ، يا ئېرىنىڭ گېلىنى سىقمايتتى . شۇ تەرىقىدە نەچچە يىل ئۆتتى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇ ئەر ھازىر شۇنداق ياخشى (بىلگۈچى ئاللاھ تائالا مەن شۇنداق دەپ ئويلايمەن . تىلىم تېگىپ كەتمىسۇن ) . ئوغلى چەتئەلدە ئوقۇپ كەلدى ، قىزىمۇ يېقىندا ئالى مەكتەپكە ئىنتىھان بېرىدۇ . مەن يېقىندا ئۇ دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم . ئۇنىڭدىن سورىدىم ، سەن بۇرۇن ئېرىڭنىڭ ئالدىڭدا قىلغانلىرىنى بىلەمتىڭ ياكى بىلمەسكە سالغانمۇ دىسەم ، نىمە دىدى دىمەمسىز ؟
بىلىمەن ئاداش ، مەن ئەقىلسىز دۆت بولمىسام ، بىلسەم قانداق قىلىمەن ، بىلدىم دەپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشامدىم ، ئۇنداق قىلسام ، خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولىدىكەنمىز ، بالىلىرىم يىتىم بولىدىكەن ، ئۇنى ئاز دەپ ئۇنىڭغا يولنى ئۆزەم ئېچىپ بەرگەن بولمامدىم . مەن شۇ ۋاقىتلاردا يىغلاشتىن ، ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭغا ئىنساپ تىلەشتىن باشقىنى لايىق كۆرمىدىم ، بۇنداق قىلىشىم بالىلىرىم ئۈچۈن دىگەن ئىدى . مەن بۇ دوستۇمنىڭ سۆزىدىن بەك سۆيۈنۇپ كەتتىم .
شۇنىڭغا بۇ مەسىلىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى بىر تەرەپلىمە قاراشقا بولمايدۇ .
ئەر-ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشى ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىزلىكىدىن ، ئىمانننىڭ سۇسلىقىدىن بولىدۇ .
ئاللاھ تائالادىن مىللىتىمگە ھىدايەت تىلەيمەن .