ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت menggutash كە 2011-05-18 09:35 AMئەۋەتىلدى :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سۆھبەت ئەتراپلىق بوپتۇ. لېكىن، بۇ سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن مەقسەت زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ مەۋھۇم سالاھىيىتىنى تورداشلارغا ئاشكارلاش ئارقىلىق زىيارەت ئوبيېكتىنى تېخىمۇ كونكىرت يۇسۇندا تونۇۋېلىشىغا سەھنە ھازىرلاش بولغانلىقى ئۈچۈن، زىيارەت ئوبيېكتىمۇ ئىسىم فامىلىسى، يۇرتىنى، قايسى مەكتەپ... قاتارلىق ئۇچۇرلارنىمۇ ئاشكارە دېيىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بولمىسا سۆھبەتنىڭ تەسىرچانلىقىغا تەسىر يېتىدۇ.
دىنار دەرياسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئاددىيسى....
مەڭگۈ تاش ئەپەندىم، ئاۋال سىزگە ئۆزەمنىڭ ھۆرمەت سالىمىمنى سۇنىمەن.
بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مەندەك بىر ئاددى ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدا تولۇمۇ تىيىز پىكىر يوللىرى بىلەن پۈتىشى سىزنى تولۇق قايىل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئەمما يەنە قانچىلىك ياشىسام ھەر تەرەپتىن داۋاملىق تىرىشىمەن ھەم ئىزدىنىمەن.
ئەمدى سالاھىيەتنى تولۇق ئاشكارلاش مەسىلىسىگە كەلسەك، مېنىڭ ئەرىكزات ئەپەندىمدىن سالاھىيىتىمنى تولۇق ئاشكارلىماسلىقنى تەلەپ قىلىشىمنىڭ سەۋەبى بار. شۇڭا مەڭگۈ تاش ئەپەندىم قاتارلىق بىر قىسىم سالاھىيىتىمنى تولۇق ئاشكارلىمىغىنىمنى تۇغرا بولماپتۇ دەپ قارىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۇغرا چۈشىنىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.
مەن مۇنبەرگە ئاساسەن ھېكايە يوللايمەن. ھېكايى ۋەقەلىكىنىڭ پۇتۇنلەي تۇقۇلما بولمايدىغانلىقىنى خېلى كۆپ ئوقۇرمەنلەر چۈشىنىدۇ دەپ ئويلەيمەن. شۇڭا مەن ئاۋالقى ئىنكاسىمدا دىنار دەرياسى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەچ يۇرتۇم ھەققىدە ئىنىق تۇختالدىم. باشقا كەسىپ، ياش، تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى سۆھبەت مەزمۇنىدا ئىنىق يېزىلىپ بولغان.
يەنە تەكىتلەيمەنكى، مېنىڭ ئۆزەمگە چۈشلۈق كىچىككىنە مەخپىيەتلىكىمنى ساقلىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر.