ئەزىز قېرىنداشنىڭ ئەھمىيەتلىك تىمىسى ئارقىلىق ئۆز ھەقىقىتىمنى يەنە بىر سۆزلىۋالاي:
ياخشى كۆرۈش مۇھەببەتنىڭ ئاساسى. مۇھەببەت بولسا، ياخشى كۆرۈشنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى.
مۇھەببەتكە ئۇنداق ئاسان يەتكىلى بولمايدۇ. ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۈپمۇ، ھەتتا يۈرۈپمۇ بەزىدە مۇھەببەت ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ.
مۇھەببەت ــ ئىككى يۈرەكنىڭ ئۆز-ئارا مايىللىقى ياكى بىر يۈرەكنىڭ يەنە بىر يۈرەككە مايىللىقى نەتىجىسىدە ھەرقانداق ئوڭۇشسىزلىق، قېيىنچىلىق، مەنپەئەت، ئۈچىنجى شەخىس ئالدىدا ھەرقانداق تەرەپكە ئېغىپ كەتمەي سوقۇش جەريانى. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئارىمىزدىكى بىر قىسىم قىز-ئوغۇللارنىڭ ئۆز-ئارا يۈرۈشى مۇھەببەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن. ۋەھالەنكى ئۇلار ياخشى كۆرۈشنى مۇھەببەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۆزىنى بالدۇر سوۋغا قىلىۋىتىدىغان قۇربانلىققا يول قويىۋاتىدۇ. قىز-يىگىتلەر قارشى تەرەپتىن ئۆزبەختىنى تېپىشتا چوقۇم ياخشى كۆرۈش بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرىقىنى ئايرىشنى ئۈگىنىۋىلىشى كىرەك.
ياخشى كۆرۈش- ياقتۇرۇش بىلەن جىنسى قىزىقىشنىڭ يىغىندىسى. بۇ، ئىككى خىل ھالەتتە مەۋجۈت. بىرى، ياقتۇرۇش ئاساسى گەۋدە قىلىنغان ياخشى كۆرۈش بولۇپ، ئۇ مۇھەببەتكە نىسبەتەن يىقىن تۇرىدۇ. يەنە بىرى جىنسى قىزىقىش ئاساسى گەۋدە قىلىنغان ياخشى كۆرۈش بولۇپ، پەردازلانغان ھالەتتە مەۋجۈت بولىدۇ. ئۇ مۇھەببەتكە نىسبەتەن يىراق. ئەخلاق ۋە ئىتىقادنىڭ ئاجىزلىشىشى جىنسى قىزىقىشنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ياخشى كۆرۈشنى ياشلار ئارىسىدا مودىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ <<مودا >>مۇھەببەت ئەمەس. لىكىن زامانىمىز قىز-يىگىتلىرى بۇ چاكىنا << قىزىقىش >>نىڭ سادىق قۇللىرىغا ئايلىنىپ، شەھۋەتپەرەسلىكنى ئىپادە قىلغان ئەخلاقسىزلىقنىڭ يامرىشىغا يول قويىۋاتىدۇ. نەتىجىدە ئەخمەقلەرچە خۇلاسە چىقىرىدۇ: << مۇھەببەتكە ئىشىنىشكە بولمايدۇ >> دەپ، لىكىن بۇنىڭ ئەسلا مۇھەببەت ئەمەسلىكىنى بىلىشمەيدۇ.
مۇھەببەتنىڭ بىردىنبىر سىنىقى ئەمەلىيەت. قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى نۇرغۇن ھادىسە بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. نىكاھتىن كىيىنكى مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ. << مۇھەببەت دىگەن ئالتە ئاي >> دىگۈچىلەر ھامان ئىككىنجى خىلدىكى ياخشى كۆرۈش ھىسياتىغا قاتناشقۇچىلار ياكى تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇنچە ئارلىشىپمۇ، ئۆي تۇتۇپمۇ مۇھەببەت ھاسىل قىلالمىغىنى بىلگىنىدە ئەپسۇسلىنىدۇ. لىكىن ئەينى ۋاقىتتىكى ھىسىياتنى كونتىرۇل قىلىش، دەڭسەپ كۆرۈشتەك مۇھىم ئامىللارغا سەل قارىغىنىنى بىلىشمەيدۇ. بىلگەن بولسا ئىدى، مۇھەببەتكە بۇنداق چاكىنا تەبىر بەرمەيتتى. ئەمەلىيەتتە مۇھەببەت ھەقىقەتەن ئۇلۇغ.
ياخشى كۆرۈش مۇھەببەتكە قارىغاندا مۇقەددەس بولمايدۇ. ياخشى كۆرۈش- ھاياجانلىنىش ئىچىدە يۈز بىرىدىغان پىسخىك ھادىسە.
مۇھەببەتكە بولالماس ھاياجان ئاساس،
ۋىجدانىڭ ئالىدۇ تۇيغۇڭدىن قىساس.
ياخشى كۆرۈشمۇ بىر خىل ئوت. لىكىن مۇھەببەت ئوتىدەك يالقۇنلۇق ئەمەس. ھىسياتىنى كونتىرۇل قىلالمايدىغان، ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرمىگەن كىشى ھامان ياخشى كۆرۈش ئوتىنى مۇھەببەت ئوتىغا ئوخشىتىۋالىدۇ ھەم شۇنداق كۆرسىتىدۇ. ياخشى كۆرۈشكە ياقتۇرۇش بىلەن جىنسى قىزىقىش خۇرۇچ بولغانلىقتىن، بۇ خۇرۇچلارنىڭ قانائەت تېپىشى ياكى يوقۇلۇپ كېتىشى بۇ ئوتنى پەسەيتىۋىتىدۇ ياكى تامامەن ئۆچۈرىدۇ. نۇرغۇن قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئايرىلىپ كېتىشلىرى دەل مۇشۇ ئوتنىڭ ئۆچۈرىلىشىدۇر. ئەكسىچە ساپ مۇھەببەت مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ئوت. چۈنكى بۇنىڭ خۇرۇچى چۈشىنىش، ساپ دىل، ساداقەت، ۋىجدان، ئىمان . بۇ خۇرۇچلار قانائەت تاپمايدۇ، يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ ئوت مەڭگۈ يىلىنجاپ تۇرىدۇ.
ئۇنداقتا ياشلار ھىسىياتلىنىش مەزگىلىدە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كىرەك؟
ھىسىياتلانغۇچى( ياخشى كۆرۈپ قالغۇچىنى قىسقارتىپ شۇنداق ئاتايلى) ھىسىياتلىنىپ بولغاندىن كىيىن قەلبىنى ئوبدان ئاقتۇرۇپ كۆرىشى كىرەك. يەنى ياقتۇرۇش ئاساسى گەۋدە قىلىنغان ياخشى كۆرۈشمۇ ياكى جىنسى قىزىقىش ئاساسى گەۋدە قىلىنغان ياخشى كۆرۈشمۇ؟ بۇنى ياخشى ئايرىش كىرەك.
ھەممە كىشى بەخىتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما بۇنداق بەخىت ھەممە كىشىگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. مەڭگۈلۈك ھەمراھنى تاللىغاندا، ئۆز ھىسياتىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپنى كۆزۈتۈشكە ماھىر بولىشىڭىز كىرەك. ئەڭ ئەۋۋال ھىسياتىڭىزنى ئاقتۇرۇپ كۆرۈڭ. ناۋادا ياقتۇرۇش ئاساسى گەۋدە قىلىنغان ياخشى كۆرۈش بولسا، ئىككىلەنمەي ئۇنى ئەقلى كۆزىڭىز بىلەن ياخشى كۈزىتىڭ. سىز ياقتۇرغان ئامىللار قارشى تەرەپتە داۋاملىق مەۋجۈت بولۇپ تۇرالامدۇ؟ بۇ ئامىللار تەبىيمۇ؟ سۈنئىيمۇ؟ ياسالمىلىق ئارلاشقانمۇ يوق؟ توي قىلسام مېنى بەخىتلىك قىلالامدۇ؟ مەن ئۇنى بەخىتلىك قىلالامدىمەن ؟ دىگەن سوئاللارغا ياخشى جاۋاپ تېپىڭ. ناۋادا جاۋاب سىزنى مەيۈسلەندۈرمىسە، قىز بالا بولسىڭىز ئىشنى ئۇنىڭغا كۆيۈنۈشتىن باشلاڭ، ھايالىق بولۇڭ، قىزلارغا خاس لاتاپىتىڭىز بولسۇن. كىيىم-كىچەكتە ياۋايىلاشماڭ.(بۇ تىمىغا قارالسۇن
http://www.mahsus.cn/showart.asp?art_id=80) تار ئىشتان، قىسقا يوپكا، نىپىز كىيىملەر بىلەن ئەرلەرنىڭ قەلبىنى ئەمەس بەلكى شەھۋىتىنىلا قوزغىيالايسىز. ئاخىرىدا ئېنىقكى بىز يۇقىردا تىلغا ئالغان جىنسى قىزىقىش ئاساسى گەۋدە قىلىنغان ياخشى كۆرۈش ھىسياتىنىڭ قاتناشقۇچىسى بولىسىز، نەتىجىدە بەخىتسىز بولىشىڭىز ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئارزۇيۇم شۇكى، پەرىزلەرنى ئادا قىلىڭ، سائادەت سىزگە قۇچاق ئاچسۇن. سائادەت ئىچىدە بىر بەخىتلىك ئائىلىنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. ئىشىنىڭكى، ھەرقانداق ئوغۇل ئاخىرىدا ھايالىق، لاتاپىتى، ئىپپىتى بار قىزلارنى ئەمرىگە ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ناۋادا ئوغۇل بولىسڭىز جۈرئەتلىك بولۇڭ. ئۇنىڭغا ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ. ئۇ قوشۇلمايدىغان تەرۇزدا بولسا، سەۋىرچان بولۇڭ. ھەرگىز توختاپ قالماڭ. قىزلار سىزنىڭ سەۋىرچانلىقىڭىزغا، چىدامچانلىقىڭىزغا مۇھتاج.
سىز يۇقارقى بايانلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغىنىڭىزدا ئۆمۈرلۈك بەخىتنىڭ تۇنجى قەدەملىرىنى ئوڭۇشلۇق باسقان بولىسىز. ناۋادا بۇنىڭغا ئىككى تەرەپتىكى ئىمان قوشۇلغىنىدا ياخشى كۆرۈشنى تىزلا مۇھەببەت دەرىجىسىگە كۆتۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى مۇھەببەتكە كىرەكلىك خۇرۇچلاردىن ساپ دىل، ساداقەت، ۋىجدان، ئىمان سىزلەردە تەبىئىي بار بولغان بولىدۇ. ئىسلام پىرىنسىپلىرى سىزلەرنى زىيان تارتقۇزمىغان ئاساستا كاتالىزاتۇرلۇق رولى بىلەن سىزلەرنىڭ مۇھەببەت ئوتۇڭلارنى سېھرى كۈچ بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت قىسسىسى -پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىزغا بولغان يۈكسەك مۇھەببىتى ئىسپات بولالايدۇ.
ناۋادا ھىسياتىڭىز جىنسى قىزىقىشنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ياخشى كۆرۈش بولسا، ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ -دە، شەيتانغا << بەس >>دەڭ!.. يۇقىردا ياخشى كۆرۈشنى ھاياجانلىنىش ئىچىدە يۈز بىرىدىغان پىسخىك ھادىسە دىگەن ئىدۇق. شۇڭا كىسىپ ئېيتالايمىز بۇ خىلدىكى ياخشى كۆرۈش شەھۋەتلىك ھاياجانلىنىشنى مەنبە قىلغان. بىلىشىڭىز كىرەك دۇنيادا ئەڭ كۆپ خاتالىشىدىغان ئادەم دەل ئەڭ ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ئادەمدۇر. ھاياجان كىشىنىڭ تەپەككۇرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، سەۋىردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بۇ توغرىسىدا: << سەۋىر قىلمىغانلار زىيان ئىچىدە >>دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. زىيان تارتىشنى، بەخىتسىز بولۇشنى خالىمىغۇچىلار كىشىلىك ھاياتتا چوقۇم ھاياجاندىن يىراق تۇرىشى، ياشلار بولۇپمۇ ھىسىياتلىنىش مەزگىلىدە شەھۋەتلىك ھاياجانغا بىرىلمەسلىكى، قۇل بولماسلىقى كىرەك. قايتا تەكرارلاش زۆرۈركى:
مۇھەببەتكە بولالماس ھاياجان ئاساس،
ۋىجدانىڭ ئالىدۇ تۇيغۇڭدىن قىساس.
ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك ھاياجان بىردەملىك ھىسىيات. جىنسى قىزىقىشنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ياخشى كۆرۈش بولسا، قانائەت تاپقاندىن كىيىن يوقۇلۇپ كىتىدىغان چاكىنا ھىسىيات. تېزلا ئۇنتۇلىدىغان تۇيغۇ. ھىسىياتلانغۇچىلاردىن كەم بولغاندا بىرىنىڭ پۇشايمان ياشلىرىنى تۈككۈزىدىغان شەيتان ھەركىتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، سىزنىڭ بىراۋنى ياخشى كۆرگىنىڭىز جىنسى قىزىقىشنى ئاساسى گەۋدە قىلغان بولسا، ئۆزىڭىزنىڭ ھەم قارشى تەرەپنىڭ بەختىنى ئويلاڭ!.. << ئەستەغفۇرۇللا >>دىگەن سۆز بىلەن بۇ ھىسىياتقا يۈگەن سېلىڭ. بۇ ئوت شەھۋەت ئوتىكى ئىرادىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئىماننىڭ سۇسلىشىشى بۇ ئوتنى ئۇلغايتىۋىتىدۇ. قەلبىڭىزنى سېسىق ئىسى بىلەن قارا قىلىدۇ. قەلبىڭىز قارا بولسا يولىڭىز ھەم قارا بولىدۇ. شۇڭا ئۆمۈرلۈك بەخىت، ئائىلە بەختى تاپاي دىسىڭىز بۇ چاكىنا ھىسىياتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىڭ!..
تۇرمۇش سىز ئويلىغاندىن پەۋقۇلئاددە مۇرەككەپ. تۇرمۇشقا قاتناشقۇچى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزچىل ساقلىيالىسا، بۇ تۇرمۇش ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئىنتايىن ئاددىي، ئىنتايىن كۆڭۈللۈك. ناۋادا مۇھەببەتلىرىنى ساقلىيالمىسا ياكى پەيدا بولمىغان بولسا، بۇ تۇرمۇش ناھايىتى كۆڭۈلسىز، مۇرەككەپ ھەم ئازاپلىق. ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت مەڭگۈلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى، شۇڭا ئومۇمدىن تەجرىبە شۇكى، بۇنداق زور تاللاشقا مۇھەببەتتىن باشقىسى سەۋەپ بولسا ، كۆپ ھاللاردا ئاقىۋىتى خەيىرلىك بولمايدۇ.
2009-يىلى كۈندىلىك خاتىرەمدىن -ئەسئەت