ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
بۇ دېتالنى ئەسلى تور ئېتىك ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن، بىلقۇت تورىنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشتە، ھۆججەت ئادرىسىنى تولدۇرۇشتا ئىشلەتكىلى ياساپ باققان، قارىسام ئادىل ئەپەندىم زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز ناملىق ئاۋازلىق ھۆججەتنىڭ ئادرىسىلىرىن يوللاپتىكەن، بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلار بولسا كۆرۈپ باقسا دەپ يوللاپ قويدۇم. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت 1.0 سىناق نەشىرى. ئەگەر قوشىدىغان ئىقتىدار تەلەپلەر بولسا قولۇمدىن كېلىشچە ياساپ باقسام بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھاسىل قىلىش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، ئاستىدىكى تېكىست رامكىسى ئىچىدە ئادرىس ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، شۈنلېي ئوچۇق شارائىتتا پەقەت Ctrl بىلەن C كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا، شۈنلېينىڭ توپ ھۆججەت چۈشۈرۈش رامكىسى ئېچىلىدۇ، ساقلايدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ پەقەت شەخسى خاھىشىم بويىچە، بىلقۇت تورىدىكى دېتاللارنىڭ ئادرىسىدىكى ئالاھىدىلىككە قارىتا سىناق تەرىقىسىدە ياسالغان،
1- ئەگەر بىلقۇت تورىدىن بۇنى ئىشلىتىشنى چەكلىسە، ئىنشائاللاھ بۇنى چۈشۈرۈشنى چەكلىسەك بولىدۇ.
2- باشقا توربەتلەردىكى رەت تەرتىپلىك ئادرىستىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈشكە جانلىق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
3- بۇ مۇكەممەل بولدى دەپ جار سالمايمەن، چۈنكى يەنە ئەسكەرتسەم شۇ: بۇنى پەقەت ‹‹ شەخسى خاھىشىم بويىچە، بىلقۇت تورىدىكى دېتاللارنىڭ ئادرىسىدىكى ئالاھىدىلىككە قارىتا سىناق تەرىقىسىدە ياسىغان››. شۇڭا قۇسۇر تاپىدىغانلار بولسا، بۇنى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ. زورلاپ تېڭىش يوق!
************************************************************************
دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
بۇ خەتنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
بۇ دېتال نورمال قوزغىلالمىسا، كومپيۇتېرىڭىزغا Net Frame Work 2.0. نى قاچىلاپ ئىشلىتىڭ. چۈنكى بۇ دېتال Visual Studio 2008 دە ياسالغان.
Net Frame Word 2.0. نى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.