uiguria يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 03:02 PM
شۇ «لېيىغان بۇلاق» رومانىدىكى باش پېرسوناژ ھېكمەت شۇ ج ...
ئويلىغىنىڭىز توغرا ، ئۇ روماندىكى ھېكمەتنىڭ مەيدىسىگە چىكىلگەن روسچە ھەرپنى مەس قىلىنماي تۇرۇپ شىلىپ ئېلىۋەتكەن يەرلىرىدىكى تەسۋىرلەرنى ئوقۇپ مەنمۇ سىزدەكلا ئويلىغان .
ئىككىنچى سەۋەپ ، مەزكۇر روماندا باش پىرسۇناژ ھېكمەتنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىن تاكى قېرىغىچە بولغان تۇرمۇش سەرگۈزەشتىللىرى شۇنداق ئىنچىكە ، شۇنداق تەپسىلى ، چىن ھەم چۈشىنىشلىك يىزىلغىنىغا قاراپ بۇ چۇقۇم مۇشۇ ئاكىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھەقىقى ئىشلاركەن دىگەن كۆز قاراشقا كەلدىم .
لىكىن ...... لىكىن شۇ ............ مەھبۇبە بەك ئاسان ، شۇنداق ئاسان ئېرىشىۋالدى ھېكمەتكە ..... ئەسلى ماھىنۇر بىلەن چىقىشىپ قالسىكەن دىگەننى ئۈمىت قىلغانىدىم ..... ئىشقىلىپ بۇ روماندىن ئالغان تەسىراتىم شۇنداق كۆپ .
خەلقىمىزنىڭ ھەقىقى ھۆرمىتىگە ۋە ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، قەلىمىگە بەركەت ، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن .
كىتاپلىرىڭىزنىڭ سادىق ئوقۇرمىنى، دىيارى كۇچا ، شەھەرى كۈسەندىن [ ئايگۈل ] .