مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 0998waris

مۇشائىرە باشلاندى، مەرھەمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئويلانماقتىمەن..

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 25983
تۆھپە نۇمۇرى: 1554
توردا: 6015 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 07:59:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 29قەۋەت  yarkin0999 كە 2011-05-23 05:56 PMئەۋەتىلدى  :
پاك سۈيگۈ دەپ ياشايدۇ ئىنسان
پاك سۈيگۈ دەپ ئۆتۈدۇ ئارمان.
ۋىسالىگا يەتكەنلەر كىم بار؟
سۈيگۈ دىگەن چەكسىز بىر ماكان.
كاللىڭىز ساقتۇ ھە؟
ئاۋۇ ئىنكاسىڭىزنى تېمىنى، تېمىدىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇپراق يازدىڭىزمۇ يا؟
بىز نىمە ئويدا، سىز نىمە كويدا؟

http://riziq.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38714
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3479
تۆھپە نۇمۇرى: 145
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2012-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 08:06:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرەكمىدى ئۇيغۇرغا ساپلا پۇچەك مۇھەببەت
مەنىسىدۇر بېغىشلاش،ئەسلا يوقتۇر شەخسىيەت
مۇھەببەت ئۇ ئۇلۇغ ھىس، بىلسەڭ ئانا باغرىدا
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى، قىممىتىنى بىلىپ يەت

بىزدە باردۇر ئۇلۇغ ھىس،ئانا يۇرتقا مۇھەببەت
يەنە باردۇر مىللەتكە، ئۇيغۇرۇمغا ئالامەت
ئىنسان بولۇپ تۆرەلدۇق مىللىتىمىز باغرىدا
شۇ مۇھەببەت بولمىسا تاپالامدۇق ھىدايەت؟
قاملاشمىسىمۇ يېزىپ باقتىم

يېرىم چېلەك سۇ ب

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39362
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3271
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 10:56:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان بولۇپ تۆرەلدۇق كەڭ زېمىننىڭ باغرىدا،
ھەركىم ياشار ۋە لېكىن ئۆزى سۆيگەن يول بىلەن.
قاقشاش، تىللاش، زارلاشلار قاچان پايدا بەرگەنتى،
باشلاپ كېلەر چۈشكۈنلۈك پەقەت قارا قول بىلەن.

سۆيدۈم دېسە يامانمۇ، سۆيگۈ دېسە يامانمۇ،
ئەلمىساقتىن بۇ سۆيگۈ ئەسلا ئۆلۈپ باقمىدى.
تىللاپ ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ ياشناپ ئۆتەر بۇ سۆيگۈ،
باشقىلارغا ياقسىمۇ پەقەت ساڭا ياقمىدى.

قان يىغلىشىپ مۇنبەردە قارغاپ تىللاپ سۆيگۈنى،
ئۆز مۇقامنى ئۆزگىگە زورلىماڭلار تاڭماڭلار.
ئىنكاسچىلار موزايدەك، مۆرەپ قويسا بىر ئېنەك،
ھەق-ناھەقنى ئايرىماي ئەگىشىپلا ماڭماڭلار.

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 04:13:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:مۇشائىرە باشلاندى، مەرھەمەت32-قەۋەت شىرن

ئنسان بۇلۇپ تۈرەلدىڭ كەڭ زىمىننڭ باغرىغا،
ياراتقاندۇ كىم سىنى بۇنى ئويلاپ كۆردۈڭمۇ.؟
ئاتاڭ سۆيگەچ ئاناڭنى قالغانسەنمۇ تۈرۈلۈپ،
ياكى ياۋا گىياھتەك مەنبەسىزلا ئۈندۇڭمۇ.؟

ئاللاھ بىزنى يارىتىپ ئاتا قىپتۇ ھاياتلىق،
ئاسايىش قىپ بىرپتۇ يەنە نۇرغۇن شەيئىنى.
مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كىرەكقۇ شۇ نئمەتكە،
تۈزكورلۇق بولمامدۇ  قىلسا ھەققە كەينىنى .

مىننەتدارلىق بىلدۇرۇش ئۈچۇن ئۇلۇغ ئاللاغا،
مۇشائىرە ئۇقۇلدى زىكرە ،تەسبىھ ھەم رەھمەت.
مەدھىيلىمەي ئاللاھنى سۇيگۇ دەپلا ئۈتەمدۇق،
ئاللاھتىنمۇ ئۇلۇغمۇ ئاشۇ سۆيگۇ-مۇھەببەت.

دەۋرىمىزدە كۆپ كۆردۇق سۆيگۇدەپ جار سالغاننى،
كۇپ-كۈندۇزدە غاجىشىپ چىرمىشىپلا قالغاننى.
ۋەدىللىرى بەش كۈنلۈك،ئالتە كۇندە تاشلىشىپ،
پۇشايمان ھەم پەرياتتىن ناغرا-سۇناي چالغاننى.

باشقۇرمىدى ئاتىلارئەركىنلىك دەپ قىزنى،
تىلىۋزۇر كۆرسەتتى ياۋۇرپانىڭ ئىزىنى.
نىكاھسىزلا قىز-يىگىت،تېپىپ بەرگەچ نەۋرىلەر،
تۈكۈۋالدى مىللىتىم ئىززەت،ئابرۇي،يۈزىنى.

پاك مۇھەببەت دىگەنلەر بۇلۇپ قالدى بىر شۇئار،
بۇلالمىدى ئىتىقات مۇھەببەتكە غەمگۇزار.
ھالال نىكاھ ئاستىدا بولسا سۆيگۈ-مۇھەببەت،
ئائىلەھەم جەمىيەت بۇلاتتىغۇ بەختىيار.

تاشلا ئەمدى ئەي ئىنسان سەپسەتە ھەم ھەۋەسنى،
ئىتائەت قىپ ئاللاھقا ئۆتكۈزھەربىر نەپەسنى.
<<شىر>>بولماستىن ھەۋەسكە،شىرى بولۇپ ئاللاھنىڭ،
پاچاقلىغن روھىڭنى سۇلىۋالغان قەپەسنى

0998ۋارىس

ئىللەت ئۆزگەرمى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25627
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5676
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 07:03:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرمىدى ئاتىلار ئەركىنلىك دەپ قىزىنى،
تېپىۋالدى قزلارمۇ ئوغۇللارنىڭ <مېزىنى>.
قاراپ تۇردى ئاكىلار،ئۇكىلارمۇ بىرياقتا،
تۈكىۋەردى داۋاملىق مىللىتمنىڭ يۈزىنى.

تۈكۈۋالدى مىللىتىم ئىززەت،ئابرۇي،يۈزىنى،
توشقۇزماق ھەم تەس بولدى،ئەشۇلارنىڭ ئىزىنى.
ئەتىراپقا قارايلى،كەلمەس بىردىن قىلچە نەپ،
كېرەك شۇنداق ھەممىگە تۇنىۋېلىش ئۆزىنى!

ھەممە سۇئال قويغۇلۇق <مەن كىم؟> دەپ ئۆزىگە،
ئىگە بۇلۇش كېرەكتۇر ئۆزى قىلغان سۆزىگە.
ئەمدى خاتا بىزلەرگە باشقىلاردىن ئاغرىنىش،
ھەركىم قىلسا خاتالىق ،يېنىپ كىلەر ئۆزىگە!

بىر كۈرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ،ئۇل پەرى رۇخسارىنى، ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن،كۆزلەرى خۇمارىنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29277
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6177
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2011-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 07:26:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىڭ تۇتساقلا بۈگۈننى ھايات شۇنداق سۈيۈملۈك،
بولغىن ئۇلۇغ ئانىدەك مىللىتىڭگە كۈيۈملۈك.
قانداق ياشاپ،قانداق ئۆلۈش ئۆز-ئۆزەڭنىڭ قۇلىدا،
ئەجدادىڭغا قاراپ باق سەندىمۇ بار بۈيۈكلۈك.

ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولسىتى ئاتا-بوۋىمىز مەردۇ-مەردانە ياشىغان ئاشۇ دەۋىردە ياشىغان بولسام دەپ ئويلايمەن.لىكىن تولىمۇ  ئەپسۇس...............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش