مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1070|ئىنكاس: 12

ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ ( چۆچەك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆسەن ئوغلى _  د

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17326
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7194
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 01:00:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ





بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، بىپايان زىمىننىڭ ئۇ يىردىمۇ ئەمەس، بۇ يىردىمۇ ئەمەس دەل ئوتتۇرىسىدا تۆت ئەتىراپى بۈك- باراقسان ئورمان ۋە ياپيېشىل ئوت- چۆپلەر بىلەن پۈركەنگەن بىر مەملىكەتتە بىر توپ ھايۋانلار شىر پادىشاھنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، خوشال- خورام، باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشايدىكەن. يولۋاس ئوڭ قول ۋەزىر، بۆرە سول قول ۋەزىر، تۈلكە پايلاقچى، مايمۇن چېقىمچى، ئېيىق لەشكەر بېشى ئىكەن. يۇمران دەرەخ شاخلىرى ۋە ئوت- چۆپلەر ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقى ئىكەن. ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە تەملىك گۆشى گۆشخۇر ھايۋانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقى ئىكەن. ئوتخۇر ھايۋانلار بىلەن گۆشخۇر ھايۋانلار قارشىلىقسىز ھالدا ئۆم- ئىناق ئۆتىدىكەن. پادىشاھمۇ خاتىرجەم تەختتە ئولتۇرۇپ، يۇرت سورايدىكەن. پادىشاھنىڭ ئالدىدىن ئوزۇق زىنھار كەم بولمايدىكەن. يولۋاس ۋە بۆرە پادىشاھدىن ئاشقىنىنى يەيدىكەن. تۈلكە تاپالىسا يەيدىكەن بولمىسا، ئوردا ئالدىدا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ ئولتۇرىدىكەن. ئېيىق ئۆزى خالىخانچە يەيدىكەن. نەچچە يىللار باياشاتچىلىق ۋە توقلۇق ئىچىدە ئۆتۈپتۇ. بىرەر ۋابا ياكى بىرەر ئورۇش - تالاش بولماپتۇ. بېشىغا بىرەر بالايى- ئاپەت كەلمەي، تىنچ ، خاتىرجەم ياشاۋاتقان خەلق  ئۆزىنىڭ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىدىن تولىمۇ رازى ئىكەن.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپتۇ، داۋاملىشىپتۇ. ئوردا ئەمەلدارلىرى يەپ- يېتىۋىرىپ زىرىكىشكە باشلاپتۇ. پادىشاھمۇ كۆڭۈل ئېچىپ، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئىتىشنى ئويلاپتۇ. لىكىن، كۆڭلىدىكىنى  قول ئاستىدىكىلەرگە قانداق بىلدۈرۈشنى بىلمەپتۇ. سەزگۈر ھەم ھۇشيار سول قول ۋەزىر پادىشاھنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ قاپتۇ. سول قول ۋەزىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، پايلاقچىنىڭ تېپىپ ئەكىلىشى بىلەن پادىشاھ ئەيشى - ئىشرەت، كەيپى - ساپاغا بىرىلىپتۇ. سول قول ۋەزىرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۇنى تارتۇقلاپتۇ. شۇندىن كىين سول قول ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ، پادىشاھنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ئوردىغا چىقماي، كۈنلىرىنى ھەرەمخاندىلا ئۆتكۈزدىغان ، ئوردا ئىشلىرىنىمۇ شۇ يەردىلا بېجىرىدىغان ياكى بولمىسا سول قول ۋەزىرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدىغان بولۇپتۇ. سول قول ۋەزىر ۋە پايلاقچى بۇنىڭىدىن ناھايتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى دىگەننى دەستەك قىلىپ، كىچىكىنە مەنسىپى بارلىكى ئەمەلدارلار  يۇرت خەلىقنى خالىخانچە ئاياق- ئاستى قىلىپتۇ. ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا بولىۋاتقان ئىشلاردىن كۆڭلى قاتتىق ئاغىرغان ئوڭ قول ۋەزىر بولىۋاتقان ئىشلاردىن پادىشاھنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، مەلۇمات يوللاپتۇ. مەلۇماتلار پادىشاھنىڭ قولىغا بارماي، سول قول ۋەزىر تەرپىدىن  باستۇرلۇپ قۇيۇلۇپتۇ. مەلۇمات توختىماي يوللىنىپتۇ، يوللانغان مەلۇماتلار جاۋابسىز قېلىۋىرىپتۇ. يۇرتتا خاتىرجەملىك بوزۇلۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىكى تەسلىشىپتۇ. بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغان خەلق ئۆز ئىچىدىن ئابرويلۇق كىشلەرنى ئەلچى قىلىپ ئوردىغا كىرگۈزۈپتۇ. لىكىن، پادىشاھنىڭ قوبۇل قىلىشغا نائىل بولالماپتۇ. خەلق دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ ئۆتۈپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر قاتتىق ئىزتىراپ چىكىپ، ئاچچىقتىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئوت- چۆپلەر تۈگەپ، دەل- دەرەخلەر قۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئوتخۇر ھايۋانلار كۈندىن- كۈنگە ئورۇقلاپ كىتىپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىمۇ ئازلاپ بېرىپتۇ. گۆشخۇر ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقى كەمچىل بولغاچقا، ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. يۇرت يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ. خەلىقنىڭ ئاھۇ- زارى كۈنسىرى كۈچىيىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر ۋە لەشكەر بېشى يۇرت چوڭلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پادىشاھغا يەنە بىر قېتىم شۇنداقلا ئەڭ ئاخرقى قېتىم مەلۇمات يوللاپتۇ. پادىشاھنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپتۇ، كۈتۈپتۇ. مەلۇمات يەنىلا جاۋابسىز قېلىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر قۇبۇلخانىسدا، بىر قىسىم ئەمەلدارلار ۋە يۇرت چوڭلىرىنى يىغىپ نۆۋەتتىكى ئىشلارنى ئوڭشاش ئۈچۈن، كېڭەش يىغىنى ئېچىپتۇ. ھەممە بىردەك ئوردا ئىچىنى ئوڭشاپ، تەرتىپكە سېلىشتىن ئىبارەت قاراىشىنى ماقۇللاپتۇ. ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، خىللانغان قۇشۇن ئوردا ئىچىگە باستۇرۇپ كىرىپتۇ. ھەرەمخانىنى تىرە- پىرەن قىلىپ، پادىشاھنى رېجىم ئاستىغا ئېلىپ، رىياكار سول قول ۋەزىر ۋە پايلاقچى ھەم بۇلارغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كاللىسى ئېلىپتۇ. پادىشاھ ئۇزۇن مەزگىل ئەيشى- ئىشرەت، كەيپى- ساپا ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزگەچكە، ھالى خارابلىشىپ، نىمجان بولۇپ قاپتۇ. ئەمچىلەرنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ داۋالىشىمۇ ئۈنۈم بەرمەپتۇ. ئاخىر جېنى تەندىن ۋاقتسىز چىقىپ، روھى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپتۇ.  تەخىت بوش قاپتۇ. خەلق بىردەك ئوڭ قول ۋەزىرنى تەخىتتە ئولتۇرۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قاراپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپتۇ.ئوردا ئەمەلدارلىرىنى قايتىدىن تەيىنلەپتۇ.  ئوڭ قول ۋەزىر پادىشاھ بولغاننىڭ ئەتىسى پۈتۈن يۇرتقا پەرمان چىقىرىپتۇ. جاكارچى يولمۇ - يول يۈرۈپ، پادىشاھنىڭ پەرمانىنى يۇرت خەلقىگە يەتكۈزۈپتۇ.
  ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار پادىشاھىيىمىز شۇنى دەيدۇلەركى: بۈگۈندىن باشلاپ ھەر قانداق بىر گۆشخۇر ھايۋانلارنىڭ خالىخانچە ئوۋ ئوۋلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭمۇ خالىخانچە ئوت- چۆپلەرنى ۋە دەل- دەرەخلەرنى يىيىشىگە بولمايدۇ. ئوزۇقلارنى ئوردا بىر تۇتاش تارقىتىدۇ. پۈتۈن يۇرت خەلىقى ئەتىدىن باشلاپ يۇرتنى تۈزەش، ئوڭشاش ھەركىتىگە قاتنىشىدۇ. كىمكى پەرمانغا خىلاپلق قىلسا كاللىسى ئېلىنىدۇ.
پادىشاھ ئۆزى باشلامچى بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەركەتكە قاتنىشىپتۇ. ئوت- چۆپلەر تېرىلىپتۇ. دەل- دەرەخلەر تىكىلىپتۇ. ئېرىق- ئۆستەڭلەر رىمنۇت قىلىنىپتۇ. بۇ جەرياندا ھايۋانلارنىڭ ئايىقى ئىتتىكلەپ، چاققان ، چىۋەر بولۇپ كىتىپتۇ. مۇسكۇللىرى تەرەققى قىلىپتۇ. يۇرت تۈزەش ئىشلىرى شۇنچىلىك ئۇزاق داۋاملشىپتۇ، بىرمۇ پۇقرا پەرمانغا خىلاپلىق قىلماپتۇ. يۇرت بۇرۇنقىدىنمۇ بەك يېشىللىقا پۈركىنىپتۇ. پادىشاھ يەنە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. جاكارچىلار يول بويلاپ، پەرمان يەتكۈزۈپتۇ.
ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، بۇندىن كىيىن ھەر قانداق بىر گۆشخۇر ھايۋان ئوتخۇر ھايۋاننى ئۆزى ئەجىر قىلىپ يەيدۇ. قوغلاپ تۇتالىسا يەيدۇ. ھەركىم ئۆز رىزقىنى يەيدۇ. ھەر كىمنىڭ پەرمانغا خىلاپلىق قىلىشىغا بولمايدۇ.  شۇندىن كىيىن گۆشخۇر ھايۋانلار ئوتخۇر ھايۋانلارنى قوغلاپ تۇتالىسا يەيدىغان بولمىسا، پەيىت كۈتۈپ ياتىدىغان بوپتۇ.
يولۋاس تەخىتكە چىققاندىن كىيىن، يۇرت خەلىقى خاتىرجەملىك ۋە خوشال - خوراملىق ئىچىدە كۈن كەچۈرۈپتۇ.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
maymah + 20

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

كۆسەن ئوغلى( قىشلاق ) نىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغىچە، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

ئادەمددك ياشا ،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4385
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9494
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 1522 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 01:17:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بوپتىكەن چۆچەك ئوقىمىغىلى ...  [s:160]  [s:160]

گۈل ...

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3910
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 01:23:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا تەشەككۈر،ناھايتى ياخشى چۆچەككەن بۇ.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40706
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 6
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2011-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 01:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن !!   ياخشى يېزىپسىز  [s:154]  [s:154]  [s:154]  [s:154]

خاتا قىل .قايتا قىلما.

گۈزەل شايارنى سۆ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31712
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1090
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2011-2-25
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 01:50:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆشخور ھايۋانلار ئوتخور ھايۋانلارنى تۇتالىسا يەيدۇ، دەپ پەرمان چىقىرىشتىن بۇرۇن ئوتخور ھايۋانلار گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئالدىغا مىنى يە دەپ ئۆزى كېلەتتىمكەن؟..... [s:159]

ئاقكۈڭۈل قىزلار يىگىتلەر گەپ قىلغاندا قۇلىقىڭلارنى ئىتىۋېلىڭلار،،،،،،،  ئاقكۈڭۈل يىگىتلەر قىزلار كۈلگەندە كۈزۈڭلارنى ئىتىۋېلىڭلار،،،،،،،،،

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4062
تۆھپە نۇمۇرى: 383
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 04:34:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ناملىق چۆچەكنىڭ يەنە بىر خىل ۋاريانتى ئىكەندە؟ خېلى ئەجىر قىپسىز.خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تۈرلۈك ژانىرلىرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈچ سەرىپ قىلىش ،بىر خىل ئەھمىيەتلىك ئەمگەك.

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 04:37:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كىم قىلار ئۆزىگە ، توپا تىقار كۆزىگە .     
ئىبرەتلىك چۆچەككەن .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

يىگىت قەسەم ئىچم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19575
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4467
تۆھپە نۇمۇرى: 277
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 07:09:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭدىن كىيىن يولۋاسنىڭ بىشىغا 王خېتى ئورنىتىلىپتۇ دەپ قويماي  ئاخىرىغا ....ياخشى يېزىلىپتۇ، يامان يولۋاس يولدا يېتىپ شىرغا يول بەرمەس  دىگەن مىسرالارنى ئىسىمگە سېلىپ قويدى ~!

ئىسىل كۈنلىرىم تېخى ئالدىمدا ~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40738
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3167
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2011-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 07:15:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانداق بىر چۆچەك ئاڭلىسام ئوڭ قول ۋەزىر ياخشى سول قول ۋەزىر ئەسكى چىقىدىكەن . كىچىكىمدىن تا ھازىر غىچە شۇنداق .
             تىمىڭىزغا رەھمەت

http://www.seburi.com/my/?خۇشخۇي بۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك، ئۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك.http://www.65933.com/109416

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41706
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2011-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 04:21:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىم ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40857
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 598
تۆھپە نۇمۇرى: 158
توردا: 1823 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 08:02:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنېڭ  ېنكاس  قايتۇرغۇم  كەلمېدې   ،توۋا  ەر  كېشېمۇ  كەشكېچە  كوزېنېڭ   يۇندېسېنې   اقۇزېدېكەن  دېسە.ھەر  بېر  قەدەمنې   ويلۇشۇپ  باسمېسا،اشۇنداق،كېشېلەر  تەرېپېدېن  غۇرۇرې  دەپسەندە   بولېدېغان گەپ،

بۇ   دۇنيادا   ارزۇ   ارمانغا  يېتېدېغان   كېم   بار . بۇ  الدامچې دۇنيا  چۇنكې   رەھېمسېز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40567
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1068
تۆھپە نۇمۇرى: 449
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 09:19:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر كەن.

ھاياتقا ھەرۋاقىت كۈلۈپ باقىمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39424
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2011-5-2
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-15 03:43:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش