ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 24قەۋەت oygak2005 كە 2011-05-25 09:40 PMئەۋەتىلدى :
xxئەپەندى كورلا شەھىرىدىن بولۇپ،ئۇ بىر قۇتا سۈتنى ئىچىۋالغاندىن كېيىن ئايالى ئۇنىڭدىن ئاجرىشىشىنى تەلەپ قىلغان.
xxئەپەندى 14-ماي كەچ،ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە كىلىپ شىرەدىكى بىر قۇتا سۈتنى ئىچىۋەتكەن.ئايالى ھوجرىسىدىن چىقىپ ئېرىگە كايىپ كەتكەن.xxئەپەندى:‹12سائەت ئىشلەپ ھىرىپ كەتتىم،سۈت ئىچسەم نىم بوپتۇ؟› دېگەن.ئايالى بۇ گەپكە چىدىماي ئېرىگە نىكاھتىن ئاجرىشىدىغانلىقىنى ئىيتقان. ئۇنداقتا 12سائەت ئىشلەپ ھېرىپ ئۆيىگە كەلگەن ئەر نېمە ئۈچۈن ئاجىرشىشىتەك قىسمەتكە دۇچار بولدى؟
ئەسلىدە ئۇنىڭ ئايالى كورىيە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن بولغاچقا،كورىيە ئاياللىرىنىڭ‹سۈت تېرىنى ئاق ھەم يۇمىران قىلىدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە مەپتۇن بولۇپ ،ئاپرېلدىن باشلاپلا سۈتتە يۈزىنى يۇيىدىغان،دائىم سۈتتە يۇيۇنۇشقا مۇمكىن بولمىغاچقا ئېرى بىلەن جېدەللىشىدىغان بولىۋالغان. قوشنىلىرى: ‹بۇ ئايال ئەتىدىن كەچكىچە ئۆيىدە ئولتۇرۇپ زېرىكەمدۇ-قانداق،مىجەزى ئوساللىشىپ كەتتى،ئۇلارنىڭ بىر ياشقا توشمىغان بالىسى بار،ھەممە ئاپەت كورىيە تېلىۋېزىيەتىياتىرلىرىدا› دېگەن.
پىسخولۇگلارنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئايال كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ھەددىدىن ئارتۇق مەپتۇن بولۇپ،دائىم رىئاللىقتىن ھالقىغان نەرسىلەرنى ئويلايدىغان بولۇپ قالغان.بىراق ئېرى بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشنى ئازايتقاندا ئوسال روھىي ھالەتتىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
....
.......
ئۆزىڭىزدىمۇ باركەنغۇ ئىملا خاتالىقى، مەسىلەن: ئېملا ئەمەس «ئىملا» ئىدى، توغۇرلاپ ئەمەس «توغرىلاپ» ئىدى. ھەر ئىشنى ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى، كىچىك ئىشلاردا ئالدىغا چىقىۋالغان بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنىمۇ باشقىلار كۆرىدۇ ئەلۋەتتە............ (كەچۈرۈڭ، ئاتىكارچىلىق قىلىپ قويدۇم)