مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: barchuk0998

رىۋايەت كارتون سىتودىيسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21525
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 323
توردا: 3938 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 04:33:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىرىڭىلارنىڭ خەيىرلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4360
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1128 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 08:52:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭ بالامنىڭ تىلى مۇشۇ كارتون فېلىملارنى كۆرۈپ تېزلا چىقىپ كەتتى دەپ ئويلايمەن.بىزدەك ئانا تىلىمىز يوق شەھەردە ياشاۋاتقان بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كارتون فىلىملەرنى ئىشلىسە دىگەن ئۈمۈتتىمەن.رىۋايەت كارتون سىتودىيىسىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا، تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا. غورورۇمنى ساقلاپ قالماقتا، ئايلىنارمەن تىكەن_ يانتاققا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1781
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6588
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 5097 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 09:08:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىۋايەت خادىملىرىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت بارىكاللا ئېتماي تۇرالمايمەن. ئۇلار ئىشلىگەن كارتونلار بالىلىرىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمرا بوپ كەلدى. رىۋايەت سىتودىيىسىنىڭ خەيرىلىك ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەر تىلەيمەن.

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574673
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 10:08:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىۋايەت كارتون سىتودىيسىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن [s:166]

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39118
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 943
تۆھپە نۇمۇرى: 547
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2011-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-28 12:25:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىۋايەت كارتون سىتودىيسىگە بىر تەكلىپىم: بۇنىڭدىن كېيىن بولسا كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىم ئىشلەپ، تىلىۋىزىيە ئىستانىسىغا قويۇش ھوقۇقىنى بەرسەڭلەر بوپتىكەن، قاچانغىچە خەقنىڭ كارتون فىلىمىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋاز بېرىشتە تازا سۈپەتلىك ياخشى چىقماي قاپتۇ، ئەر گەپ قىلسا ئايالنىڭ ئاغزى مىدىرلاپ، بىرلام تېمىگە ئېسىلۋالماي باشقا تېمىدىمۇ ئىشلىسەڭلەر، مەسىلەن: جەمىيەتتىكى ناچار قامچىلايدىغان ئىشلار، تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك تېما ئىشلىسەڭلەر. ئاخىرىقى بىر تەكلىپىم  ياپونىيەنىڭ كارتون فىلىملىرى بولغان نارۇتو، رازۋىتچىك كېنان، ۋاسكىتىبول ماھىرى،七龙珠 دېگەن دۇنياغا داڭلىق كارتون فىلىملەر قانداق قىلىپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتى؟  نېمە ئۈچۈن ياپونىيە كارتون فىلىملىرى دۇنيادا  خېلىلا شۆھرەتكە ئىگە؟ مانا بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى دەل كىتابدىن باشلىنىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان كارتون فىلىملەر بولسۇن ياكى ياپونىيىدە ئىشلەنگەن باشقا كارتون فىلىملەر بولسۇن، شۇ كارتون ئىجادىيەتچىسى ئۆزى باشتا ئىشلىگەن كارتون فىلىمىنىڭ دەسلەپكى رەسىملىك نۇسخىسىنى  漫画 شەكلىدە ئېلان قېلىدۇ.少年jumpشىركىتى ھەريىلى 漫画 كىتابلارنى سىتاسىتىكا قىلىپ ، بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى بولغان كىتابلارنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەشكە باشلايدۇ. ( نارۇتو، ۋاسكىتىبول ماھىرى دېگەن كارتون فىلىملەر باشتىلام漫画 شەكلىدە ئېلان قىلىپ ياپونىيەدە سېتىلىش جەھەتتە رېكورتنى بۇزۇۋەتكەن)   مانا بۇ ياپونىيەلىكلەرنىڭ كارتون ساھەسىدىكى زور ئۇتۇقى. ئۇلار بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ئاساسەن، بالىلار  قانداق كارتون فىلىملەرنى ياقتۇرىدۇ، قايسىسى ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق دېگەنلەرنى ئالدىن ئويلىشىدۇ. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم رىۋايەت كارتون سىتۇدىيسى بولسا، كارتون فىلىملەرنى رەسىملىك كىتاب شەكلىدە ئىشلىسەڭلەر. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشىنىشكە زور پايدىلىق دەيمەن. بالىلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، سېتىلىش يۇقىرى بولسا دەل سىلەرنىڭ غەلىبە قىلغنىڭلاردۇر!
ماتېرىيال رەسىم:

رىۋايەت كارتون سىتۇدىيسىنىڭ بۇندىن كېينكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق  تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25080
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3096
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2011-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 11:18:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
14- قەۋەتتىكى ЕЯРДЙ ئەپەندىمنىڭ پىكىرىگە كۆپ رەخمەت .
     سىز ئىيتقان ئەھۋالنى  بىزمۇ  ئۇيلاشقان ئاۋال كىتاپنى چىقىرىپ ، بازار تاپسا كارتون فىلىمنى چىقرايلى دەپ ، لىكىن نەشىر ئۇرۇنلىرى بىر قىتىم چىقىپ بولغان نەرسىنى كارتون قىلساق بازىرى چىقماي قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيدىكەن . ئۇلارنىڭ ئەنسىرشىمۇ ئۇرۇنلۇق ، مەبلەغ سالغاندىكىن ئازىراق كىرىم بولمىسا ، كىممۇ قاراپ تۇرۇپ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلالايدۇ ، دەيسىز . شۇڭا بىز بۇ قىتىم  كارتون فىلىم بىلەن كارتون رەسىملىك كىتاۋىنى بىراقلا چىقىرىش ئۇچۇن نەشىرىيات ئۇرۇنلىرىغا سىناق نۇسخا ئەسەرلىرى سۇندۇق(قوش تىل شەكىلىدە ) ، نەشىر ئۇرۇنلىرىنىڭ ئىيتىشىچە بۇ سىناق نۇسخنىڭ 90 پىرسەنىت تەستىقىلىنىش ئىھتماللىقى بار ئىكەن . بىز ھازىر ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ساقلاۋاتىمىز . ئەگەر تەستىقلانسا قۇلىمىزدا پۇتتتۇرۇپ قويغان 10 پارچە كارتون رەسىملىك كىتاپ بىلەن 10 كارتون فىلىم بىرلا ۋاقتتا بازارغا سىلىندۇ .
        بۇرۇن بازارغا سىلنغان كارتونلاردىكى ئىغىز ھەركىتنىڭ ماس كەلمەسلىكى مەسىلىسىگە كەلسەك --------بىز بۇ كارتونلارغا دەسلەپكى ئاۋازنى ئۇزىمىز بىرىپ بولغاندىن كىين نەشر سۆدىگەرلىرىگە سىتىپ بەرگەن ، كىيىنكى ئاۋازنى نەشىر ئۇرۇنلىرى  ئۇزى بەرگۇزگەن بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ تىخنىكىلىق جەھەتتىكى ئىھتىياتسىزلىقى تۇپەيلىدىن مۇشۇنداق ئەھۋال سادىر بۇلغان . شۇندىن كيىن بىز ئىشلىگەن مەيلى كارتون ئىلان بولسۇن ،ياكى تەشۋىقات كارتون فىلىمى بولسىۇن ، ھەممىسنىڭ ئاۋازنى بەرگۇزۇش ئىشلىرىنىمۇ ئۈزىمىز قىلۋاتىمىز . ھەمدە بۇندىن كيىن بۇنداق سەۋەنلىك يۇز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز . ۋە ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ پەرزەنىتلىرىگە ھەققى ئۇيغۇر كارتونلىرىنى سوۋغا قىلىش ئۇچۇن تىرىشىمىز .
         كۆپ قىىسىملىق كارتون ئىشلەش ۋە ئۇنى تىلىۋىزىيە ئىستانسىغا قۇيۇش ھۇقۇقىنى بىرىش مەسىلسىدە بىز چۇقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز .
        ئاخىرىدا بارلىق ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزىدىن كۇتىدىغىنىمىز شۇكى --- ھەممىمىز بىرلىكتە ساختا نەشىر بۇيۇملىرىغا ئورتاق قارشى تۇرايلى . پەقەت ساختا نەشىر بۇيۇملىرى تىزگىنلەنسىلا ، ئۇيغۇر كارتونچلىقىنىڭ تەرەققىيات ئستقبالى پارلاق . (چۇنكى بىز ئىككى يىل ئاۋال ئىشلىگەن 2 دانە كارتون پىلاستنىكىسى«جەمئى 6 ھىكايدىن تەركىپ تاپقان» نەشىر سۆدىگەرلىرى نەشىر قىلىش ئۇچۇن بىزدىن ئالغان بولىسمۇ تا ھازىرغىچە شۇ ساختا نەشىر بۇيۇملىرى سەۋەپلىك تارقىتلىمايۋاتىدۇ .)
         ئۇيغۇر كارتونچلىقىدا بارلىقىنى ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام ئۇسۇپ يىتلىشى ئۇچۇن ئۈزنى بىغشىلاپ    تەر تۇكۇۋاتقان ئىزدەنگۇچىلەرنىڭ ئەمگىكىنى ۋە پەرزەنتىڭىزنىڭ كيىنىكى تەرەققيات ئستىقبالىنى ئويلىسڭىز ساختا نەشىر بۇيۇملىرىگە ئورتاق قارشى تۇرايلى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33929
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1063
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2011-3-15
ئاخىرقى: 2011-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 11:39:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاز-تۇلا ھەسسەمنى قۇشاي ئەمسە
مەن بۇلارنى رىۋايەت كارتون مۇنبىردىن كۇچۇرۇپ كەلگەن .





مۇھىت ئاسراش تەشۋىقات فىلىمى

فىلىم ئىسىمى : مۇھىت ئاسراش تەشۋىقات فىلىمى
فىلىم ئشلەتكۇچى ئۇرۇن : فىنلاندىيە فىيدا خەلىقارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى
كارتون فىلىم ئىشلىگۇچى سىتودىيە : رىۋايەت كارتون سىتودىيسى
فىلىم تارقاتقۇچى : فىنلاندىيە فىيدا خەلىقارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى
ۋاقتى ؛ 2009-يىلى
تۇرى : تەشۋىقات كارتون فىلىمى
تىلى : ئۇيغۇرچە
يىزىقى : خەنزۇچە
فىلىم رازمىرى؛ 576*720
فىلىم ھۆججەت شەكىلى:avi
فىلىم ئۇزۇنلىقى : 15 مىنۇت
فىلىم ئشلەشكە كەتكەن ۋاقىت : 5 ئاي
رىژسسۇرلار : ئابدۇراخمان ئابلىز .ئابدۇخېلىل داۋۇت
سىنارىيەلەشتۇرگۇچىلەر : مەمەتجان ھىيىت. ئابدۇراخمان ئابلىز .ئابدۇخېلىل داۋۇت
كارتون ئىشلىگۇچىلەر : ئابدۇراخمان ئابلىز .ئابدۇخېلىل داۋۇت، ئابدۇسىمى داۋۇت ، تۇنساگۇل ئابدۇسلام ، مۇختەر مەخەت
ئاۋاز بەرگۇچىلەر : ئىمىنجان ئىلى ئالماس ، قەيسەر ھەبىبۇللا ،مەۋلۈدە قاھار
ئاۋاز ئالغۇچى : ھەسەنجان تاج
مۇزىكىسنى ئىشلىگۇچىلەر : ئەمەتجان تۇر ، مۇھەممەتئىمىن قىيۇم
فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى : ئىكولۇگىيلىك تەڭپۇڭلىقنىڭ بۇزۇلۇشى كىسەللىك ۋە باشقا تۇرلۇك يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كەلمەكتە ،
ئىكىلوگىيلىك تەڭپۇڭلىقنىڭ بۇزۇلۇشنىڭ ئاساسى سەۋەبى زادى نىمە ؟ بۇ فىلم مۇشۇ تىمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ، كىشىلەرگە مەھەللە ۋە ھويلا ئارام تازلىقى ، يىمەك –ئىچمەك تازلىقىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىلپ بارغىلى بولدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار قىزىقارلىق ھىكايە ۋەقەلىكى ۋە كارتون كۇرۇنۇشلىرى ئارقىلىق بايان قىلىندۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33929
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1063
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2011-3-15
ئاخىرقى: 2011-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 11:47:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر تىمىنى مۇ يوللاپ قۇياي .
مەنبە يەنىلا: رىۋايەت كارتون مۇنبرى

رىۋايەت كارتون سىىتودىيمىز 2008-يىلى 5-ئايدا ئاقسۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ رەڭلىك قوڭغۇراق مۇلازىمەت قىززىق لىنيىسى ئۇچۇن ئىشلەپ بەرگەن كارتون فىلىمى



ئەسكەرتىش - بۇ كارتون ئىلاننىڭ ئاۋازنى-  ئاقسۇ كۆچمە خەۋەرلىشش شىركىتى تەمىنلىگەن

فىلىم ئىسىمى : ئاقسۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ رەڭلىك قوڭغۇراق مۇلازىمىتنىڭ  كارتون ئىلانى
فىلىم ئشلەتكۇچى ئۇرۇن : ئاقسۇ كۆچمە خەۋەرلىشش شىركىتى
كارتون فىلىم ئىشلىگۇچى ئۇرۇن : رىۋايەت كارتون سىتودىيسى
فىلىم ئىشلىگەن ۋاقتى ؛ 2008-يىلى 5-ئاي
تۇرى : كارتون ئىلان
تىلى : ئۇيغۇرچە
يىزىقى : ئۇيغۇرچە
فىلىم رازمىرى؛ 576*720
فىلىم ھۆججەت شەكىلى:avi
فىلىم ئۇزۇنلىقى :1مىنۇت 35 سىكونىت
فىلىم ئشلەشكە كەتكەن ۋاقىت : 10 كۇن
رىژسسۇرلار : ئابدۇراخمان ئابلىز .ئابدۇخېلىل داۋۇت
ئىلان ئىجادىيەتچىللىرى  :  ئابدۇراخمان ئابلىز .ئابدۇخېلىل داۋۇت
كارتون ئىشلىگۇچىلەر : ئابدۇراخمان ئابلىز .ئابدۇخېلىل داۋۇت،
ئاۋاز بەرگۇچى :  ئاقسۇ كۆچمە خەۋەرلىشش شىركتى
مۇزىكىسنى تەمىنلىگۇچى : ئاقسۇ كۆچمە خەۋەرلىشش شىركىتى

بۇ كارتون ئىلاندىن كۇرۇنۇشلەر






بۇ كارتون فىلىمىنى 56 تورىدىن كۇرۇش ئادىرىسى
http://www.56.com/u97/v_NjA3MjE1ODI.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40459
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2011-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 12:21:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    شۇنداق ئۇيغۇر كارتون ئەپەندىنىڭ دېگىنىدەك بۇ  گەپ  شۇئار بولۇپ  قېلىۋاتىدۇ  كۆچۈرۈپ تارقىتىدىغان كۆچۈرمىكەشلەر پات يېقىندا تۈگۈمەيدىغان ئوخشايدۇ كۆچۈرمىكەشلەر سەۋەبىدىن كارتونچىلىق،كىنو فىلىم،سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى نەشىر قىلىپ تارقىتىشقا ،ئۈن -سىن سودىگەرلىرىنىڭ مەبلىغى قايتىپ كېلەلمەي فىلىم چىقرىشقا ئامالسىز مۇشۇ نەچچە يىل مابەينىدە يىڭى پىلاستىنكىلار تاماشىبىنلار بىلەن يۇز كۇرشەلمەيۋاتىدۇ. جۈملىدىن كارتون فىلىملەرمۇ بۇ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.
    بىر كارتون فىلىمنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن مول تەسەۋۋۇر بىلىمگە ئىگە بولغاندىن باشقا نۇرغۇن مەبلەغ،تېخىنىكىلىق ئادەم كۈچىگەئگە بولۇشى كېرەك.مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن تورداشلار ئېيتىقاندەك ياخشى كارتون فىلىملەرنى ئشلەپ چىقىپ ئەۋلاتلارنىىڭ  بۇجەھەتتىكى بوشلۇقىنى تۇلدۇرغىلى بولىدۇ.
رىۋايەت كارتون ئستودىيەسىنىڭ تور بەت ئادرىسى.
www.rivayat.com

http://rivayat.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40459
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2011-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 12:59:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاتون فىلىم ئشلەش مانا مۇشۇنداق جاپالىق
    بىر سىكنوت فىلىم ئشلەش ئۈچۈن كوپ بولغاندا 24 پارچە ئاز بولغاندا 12  پارچە رەسىم سىزىشىمىز كىرەك مۇشۇنداق ھىساپلىغاندا بىر مىنۇت ئۈچۈن 1400~700  پارچە رەسىم سىزىمىز مۇشۇنداق بولغاندا كارتون فىلىم ياخشى ئشلىنىپ چىقىدۇ. شۇڭا كارتون فىلىم كارتونچىلاردىن يۇقىرى بىلىم ،تېىنىكا ئەڭ مۇھىمى جاپاغا چىدايدىغان روھنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدى.
http://rivayat.com/bbs/read.php?tid=797

http://rivayat.com

مەسلەن:












http://rivayat.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش