ئادەتتىكى ئەزا
پاش قىلىش
كۆرۈش چەكلەندى
يىـڭى ئــەزا
QQ: 403069458
يېتىلىۋاتقان ئەزا
بۇ مېنىڭ ئىلگىرى يازغان مۇھەببەت لىرىكىلىرىم
مۇھەببەت لىرىكىلىرىم سۈرىتىڭگە قاراپتىمەن تەلمۈرۈپ ئۇزاق، باسالمىدىم سېغىنىشلىق ئازاپلىرىمنى. ئۇنتۇشقىمۇ ئىجازەت يوق بولدى بۇ يۈرەك، بەك سېغىندىم شۇنچە تاتلىق قاراشلىرىڭنى. قانات بولسا ئۇچۇپ بارسام دەيمەن يېنىڭغا، بۇلاق كەبى رۇخسارىڭنى كۆرسەم بىر نۆۋەت. سىردىشىشقا بولماي پۇرسەت ئۆتتى بۇ كۈنلەر، كۆز ئالدىمدىن كەتمىدىغۇ شۇ شېرىن سۈرەت. تۈندىكى شۇ خىياللىرىم، ئەگىپ ئۆتەر پەقەت سېنىلا. نىچۈن تەقدىر بولغاندۇ بۇنچە، ئۇچرىشالماي قالدىم يەنىلا. نىشانلىرىم كۆپتى ئەسلىدە، ئەقلىم بىلەن ماڭاتتىم يولدا. قول تۇتۇشۇپ ماڭغان تۇيغۇلار، كېتىۋەردى تاغلاردا، باغدا. ئاھ، يۈرۈگۈم ئۆرتەندى شۇنچە، شېئىر يېزىپ ئۇيقۇسىز تاڭدا. بۇ دۇنيا خۇشاللىق، ئازاپقا تولغان، تەنھالىق يۈرەكنى قىلدىغۇ زەرداپ. شۇ سەۋەب ئۇيقۇلار بۇزۇلدى تۈندە، ساندۇغاچ بولمىغاچ كۆڭۈللەر ئازاپ. ئەسكەرتمە: «ساندۇغاچ» تاتارچە سۆز، مەنىسى بىر خىل گۈزەل قۇشنىڭ ئىسمى. سۈرىتىڭگە قارايمەن كۈندە، سېغىنغاندا كۈلۈشلىرىڭنى. مەجنۇن بولۇپ سۈرىمەن خىيال، يوشۇرالماي ئازاپلىرىمنى. پىچىرلايمەن ئۆزەمگە شۇنچە، پۇرىسام دەپ خۇشخۇي ھىدىڭنى. تەلمۈرىمەن ئازاپلىق كۈلۈپ، ئۇزاتقاندا ئارمانلىرىمنى. يۇقارقى سۈرەتلەردىن ئىلھاملىنىپ، يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىققان لىرىكىلىرىم.
تاتار ئوغلى يازمىلىرى
—Face Book—
ئاكتىپ ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ