مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سىلەرنىڭ ئىمتاھان قەغىزىڭلارنى تەكشۈرەيدۇ . خەتنى چىرايلىق يازغان بولسىڭىز نومۇرنى ياخشى ئالالايسىز دېسەم ئىشىنىڭ . يازمىڭىزنى ئوقۇپ تولۇق ئوتتىرا ھاياتىمغا قايتىپ قالغاندەك ، سىنىپىمدىكى بىر قىز ساۋاقدىشىم سىنىپتا مۇشۇ خەتنى ئوقۇپ بەرگەندەك بولۇپ قالدىم ، كىچىك ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ . ئارزۇيىڭىزغا نەنى يازغىنىڭىزدىن قەتئىي نەزەر تىلىكىڭىزگە يېتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . خۇددى مەندەك
. مەيلى قانداق نەتىجىگە ئېرىشىڭ سىزدە چوقۇم كۈچلۈك ماسلىشىش روھى بولسۇن . ئۆزىڭىزنى قەدرلەڭ ، ھايات ھامىنى سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە گۈزەل ۋە خىيالى ئەمەس . بەزى نەرسىلەردىن چوقۇم ئۈمۈتسىزلىنىپ قالىسىز . شۇڭا ئىمان ۋە ئەخلاقىڭىزنى قوغداڭ . بۇ دۇنياداماڭاي دېسە يول جىق ، لېكىن توغرا يولدىن پەقەت بىرسىلا بار ؛ سىز دېگەندەك دەرەخ سۈپىتى ياپراق ، ئادەم سۈپىتى ئەخلاق . ئەخلاقىڭىز بولسىلا قايسى تۇپراقتا ياشىسىڭىزمۇ يەنىلا كۆكلىيەلەيسىز . بەلكىم تېخىمۇ باراقسان بولۇپ كېتىسىز . ھەم شۇنداق بولىشىڭىزنى تىلەيمەن . دۇنيادا ياخشى ئاكاشلار كۆپمىكەن ؟