مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 0998.erpane

ھىيىتگاھتىكى  مەدىكار  بازىرى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىرلە قەدرىڭن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40288
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 780
تۆھپە نۇمۇرى: 8
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2011-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 11:16:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداقلار ھەممە يەردە بولسا كېرەك .ئازراق پۇلغا ئۇنماي ،جىقراق بىرىدغانلار چىقماي دىگەندەك كۈننى كەچ قىلدىغانلارمۇ ساماندەك...

قايىل قىلىش قۇرق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9218
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4755 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 11:32:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىتىدىغان قەۋەت4قەۋەتقىزغىنبىلەن2011-06-01 11:14 PMيوللانغان :
كۈنلىك ئىشلەمچىلەر دەپ ئالسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ، مەدىكار دېمەي؟ بۇرنىنىڭ ئۇچچىنىلا كۆرۈپ تەپەككۈر قىلىدىغان ئادەملەر بار ئىكەن ھە؟  
رەنجىمەڭ ! ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا كۈنلۈك ئىشلەمچىلەرنى مەدىكار دەپ ئاتايدۇ . بۇ يامان گەپمۇ ئەمەس .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40147
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 261
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2766 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 12:46:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.................سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزمۇ توغرىدۇ بەلكىم.سىز قارا ئەمگەك قىلىپ باققانمۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى بەسى مۈشكۈل .ئۇلار بالىلىرىنى، ئائىلىسىنى دېمىسە ئۇلار ئۇ يەردە نېمەئىش قىلىدۇ؟ ئۇلار ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان ئەرلەردۇر.مېنىڭ شۇنداق ئويۇم باركى،مېنىڭ نۇرغۇن پۇلۇم بولغان بولسا،ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەتكەن بولاتتىم.ئۇلارنى ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە،مىللىتىمگە قاراپ،شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ.
سىز چەتئەللىكلەرنىڭ گېپىنى چىقىرىپ قاپسىز،چەتئەللىكلەر بىلەن بىزنىڭ نېمە كارىمىز.بىلىپ قېلىڭكى،بىز
چەتئەللىكلەر ئۈچۈن ياشىمايمىز.ئاۋۋال قورساق توق،كىيىم پۈتۈن بولغاندا،ئاندىن ئويلىشىدىغان مەسىلە ئۇ. ئۇلارنىڭمۇ شارائىتى يار بەرسە ،ئۇلارنىڭمۇ شىم-كاستىيۇمنى قىرلاپ كىيىپ‹چەتئەللىك›بولۇپ،چەتئەلگە چىقىپ،ساياھەت قىلغۇسى يوقمۇ؟ كەچۈرۈڭ !مەن بۇ يەردە سىزنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەسمەن.مەسلىلەرگە توغرا
مۇئامىلە قىلغايسىز.

كەتكەنلەرغۇ كېلەر بىر كۈنى، كەلمەيدىكەن كەتمەنلىگەنلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40696
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2011-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 01:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەمە ئادەمنىڭ  باي باياشات ياشىغۇسى بار لىكىن   ئۇلارغىمۇ ئامال يوق   تۇرمۇش  كەچۇرمىسە تىخى بولمايدۇ  ئائلىسىنى باقمىسا تىخىمۇ بولمايدۇ    لىكىن سىزنىڭ  مەدىكار دىگەن تىخىمۇ  قاملاشماپتۇ

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221151
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 11536 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 01:12:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنى مەدىكار دىمەيسىز ،ئىشلەمچى دەيسىز ، سىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىڭىزدىن قانچىلىك ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم .[s:172]

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

جان كەتسىمۇ،ۋىژ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10959
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6439
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 1890 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 01:14:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىتىدىغان قەۋەت10قەۋەتesma0999بىلەن2011-06-01 11:28 PMيوللانغان :
سىزنىڭ جەمىيەت بىلىمىڭىز نىمانداق تىيىز، قاچانلا بولسا مۇشۇنداق ئىشلارغا ھەيران قالىسىز؟ چەتئەللىكلەر كۆرسە نىمە بوپتۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ سىزدەك يۈرگۈسى بار. لىكىن ماۋۇ تۇرمۇش دىگەن بەزىدە ھەممە ئىشنى قىلغۇزىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى جەمىيەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بولىدىغان ئادەم دەپ ھىساپلىسىڭىز ئالدى بىلەن ئۇلارنى مەسخىرە قىلماي، ئەكسىچە ئۇلارنى نىمە مۇشۇ كوچىغا ئەپكىلىپ قويدى دىگەننى ئويلاڭ. مەدىكار بازىرىدا ئەمگەك كۈچىنى سىتىپ ھالال مىھنىتى بىلەن پۇل تىپىپ ئائىلىسىنى قامداۋاتقان ئادەملەر، ئاۋۇ ئاق تاماكا سىتىپ  لوبەن بوۇلپ يۈرگەنلەردىن كۆپ ياخشى.
مەن تازا ئىسسىقتا مادىكارچىلاربازىرىغا بىرىپ ئۆي كۆچۈشۈپ بىرىشكە بىر نەچچە ئادەمنى ئىلىپ كەلگەن. ئۇلار 4-قەۋەتكە نەرسىلەرنى تۇشۇغىچە چىلىق چىلىق بولۇپ تەرلەپ كەتسە، مايكىسىنى سىلىپ تۇرۇبا سۈيىگە چىلاپ يەنە كىيۋىلىپ چىقىپ كىتىشتى. ئاخىرى ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپ ئالدىن كىلىشكەن پۇلغا يەنە پۇل قۇشۇپ بەردىم.ھەممىمىز ئوخشاش ئادەم .  

شۇنى دەيمە ئۇنداق ئاددىي ئويلىساق بولمايدۇ...كىشىلەرنىڭ ئايىغىنى مالاپ پۇل تاپسىمۇ ھالال پۇل ئۇ كىشىلەر ئالدىدا خاربولغاندىن ياخشى...

اللەئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى تامچەبىرى اللەدىن قورقۇپ تۆكۈلگەن ياش تامچىسى،بىرى اللەيولىداتۆكۈلگەن قان تامچىسى.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1311
يازما سانى: 1305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12309
تۆھپە نۇمۇرى: 1077
توردا: 13880 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 02:04:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى خېلى بۇرۇنلا  ئۇلارغا باشقا جايدىن ئورۇن كۆرسىتىپ بېرىپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.

دۇنيا_مىھمانخان

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12091
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5456
تۆھپە نۇمۇرى: 286
توردا: 3047 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 02:29:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەش قول تەڭ ئەمەس، سىز  ھازىر قىلغان خىيالنى مەن 7-8 ياش ۋاقىتلىرىمدا قىلاتتىم ھەم ئۇلارغا ھەيران قالاتتىم، بىراق ھازىر ھەممىنى چۈشەندىم، سىز بەك كىچىك بالىدەكلا كەنسىز، ھەممىسى تىرىكچىلىك، ھالال تىپىپ يىگەندىكىن بولدى.

بەزىلەر كۆكتە ئۇچۇپ سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق، مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!

ۋاقىت تار قېچىشق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8390
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5162
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 491 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2011-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 02:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلاردىن ھەرگىز نۇمۇس قىلماڭ !ئۇلار ھازىرقى تىپىك ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ،سىز تورغا چىقىپ ،گېزىت كۆرۈپ ،تىلۋوزۇردىكى خەۋەرلەرگە قاراپلا ئۇيغۇرلارنىڭ  ھەممىسى مەدەنىيەتلىشىپ  ھاللىق سەۋىيىگە يەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ،
ئۇيغۇرنىڭ سەكسەن پىرسەنتى شۇنداق دىھقان ،ئىشلەمچى مەدىكارلاردۇر
كىچىك ۋاقتىمدا ئىسىمدە قېلىشىچە مەدىكار ئىشلەيدىغانلار ئاكا مىللەتلەردىن ئىدى ،ساقچىلار مۇ ئاقما نۇپۇسلارنى تەكشۈرىمىز دەپ  (يەرلىك تىلدا ماڭنىيۇردەپ قۇياتتۇق )شۇلارنى تەكشۈرىدىغان ،
ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىن سېرىتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلارىمىز  نەچچە يۇزمىڭغا يىتىدۇ  ،بۇلار ئاساسلىقى قارائىشلارنى قىلىدۇ ،ئاكىلىرىمىزغا ياللىنىپ  دىھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىدۇ،ئىش جاپالىق لىكىن تاپاۋىتىمۇ ئۇزىگە چۇشلۇق ،ئۇلارنىڭ تولىسى شۇنداق ساددا يۇۋاش كىلىدۇ ،قانۇنى ئېڭى تۆۋەن، داۋاملىق ساختىپەزلەر تەرىپىدىن قاقتى سوقتى قىلىنىدۇ ،
جانابى ئاللاھدىن ئۇيغۇرغا ھېدايەت ،ئاسايىشلىق ،ئاسانلىق تىلەيمەن .
.

ئۆسەر يۇرىتنىڭ باللىرى بىر بىرىنى پالۋان دەر ، چۆكەر يۇرىتنىڭ باللىرى بىر بىرىنى گالۋاڭ دەر.

ۋاقىت تار قېچىشق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8390
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5162
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 491 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2011-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 02:43:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ باش سۆرىتىم نىمىشقا بۇنداق چوڭ ،باشقۇرغۇچىلار ياردەم قىلساڭلار ؟

ئۆسەر يۇرىتنىڭ باللىرى بىر بىرىنى پالۋان دەر ، چۆكەر يۇرىتنىڭ باللىرى بىر بىرىنى گالۋاڭ دەر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش