ئىشلىتىدىغان قەۋەت9قەۋەتمەخرۇزەبىلەن2011-06-05 01:06 PMيوللانغان :
شۇنداق مەنمۇ كۈلگىدەك يېرىنى تاپالمىدىم .ھازىر بىز كۈندە تورغا چىقىۋېرىپ ،ھىسسىياتىمىزدا مەسىلە چىقىپ كۈلەلمەس بولۇپ قالغان ئوخشايمىز. تىما ئىگىسىگە رەھمەت .گىرىم بۇيۇملىرى سىتىۋىلىشقا 200يۈەن.\\رىمۇنىت دەپتىرىگە يېزىپ قويۇڭ[s:204]
بۇ ئىنكاستا كاتتا بىر مەزمۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. «كۈندە تورغا چىقىۋېرىپ ھېسياتىمىزدىن مەسىلە چىقىپ» دېگەندەك...بۈگۈنكى ئەمەلىيەت نېمە؟ تور ۋە توردىن پايدىلىنىش ئەمەلىيىتىدۇر.كىشىلەر توردىن پايدىلانغانسېرى ئۇنىڭ ئەقلى تەرەققىياتى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ھېسيات ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلامدىكىن، دەيمەن.بۇنداقتا كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى ھېسسى، ھېسياتى پائالىيەت ئەمەس بەلكى ئەقلى تەپەككۇر پائالىيىتى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىنتايىن ياخشى باشلىنىش دېگەنلىكتۇر.مەسىلەن، يېزىلىۋاتقان مۇھەببەت لىرىكىلىرى ئاساسى جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشاش پورمىلاشقان، كۆيدۈم -پىشتىم ، دېگەندەك.ئۇقوملاشقان ، مەسىلەن ،ھېسيات پەيدا قىلغۇچى يېڭى-يېڭى ئماگلار ئىجات قىلىنىشىنىڭ ئورنىغا ، كونىراپ كەتكەن ئىماگلارنى تەكرارلاۋەرگەن. بۇنداق ئەھۋالدا شېئىر ، ئۇقۇمنى ئۇقۇم شەكلىدە تەكرارلاش دېگەنلىكتۇر. شېئىر يازغۇچىلار شېئىرنى ھېسيات بىلەن يېزىش ئەمەس تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش بىلەنلا تامالايدۇ. بۇ دېگەنلىك ئەقىل رول ئويناۋاتىدۇ، ھېسيات چېكىنىۋاتىدۇ دېگەنلىكمۇ؟ بىراق ،ھېسياتمۇ ئەقىلدىن ئايرىلمايدىغۇ؟لېكىن ئەقلى تەرەققىياتنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىتتۇر.