ئىشلىتىدىغان قەۋەت8قەۋەتabdul915بىلەن2011-06-06 07:04 PMيوللانغان :
قازاقىستاننىڭ قوش تىل مائارىپى 20-ئەسىرنىڭ 23-30-يىللىرىدىلا باشلىنىپ بولغان، ئۇلارنىڭ 15%نىڭ ئۇيغۇر تىلىنى بىرىنچى تىل سۈپىتىدە قوللىنىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ دىننىڭ ئۆزگۈرىشىگە نېمە سەۋەپچى؟ ئاۋۇ رەسىمنى سەل چوڭايتىپ قارىساق ھەممىسى ئايان بولىدۇ، 3.-4.يىللاردىكى روسلارنىڭ نوپۇسى قازاقىستاندىكى باشقا مىللەتلەردىن جىق، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ھەرىكىتىدىن كېيىن(ئۆكتەبىر ھەرىكىتى بولسا كېرەك، نىكۇلاي ئىسىملىك بىر رۇس شۇنداق دېگەن) كۈنلىرىنى ھاراق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بارغانسېرى ھورۇنلىشىپ كەتتى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بولسا ئىككىنىچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرىلاشقاندىن كېيىنلا تەلىيى كېلىپ ئاز تولا تەرەققى قىلغان بولدى، مەنچە قازاقىستاندا رۇسلارنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاۋۋال قازاقلار، ئاندىن كېيىن مۇساپىر بولغان ئۇيغۇرلار ئۇچرىدى، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى ئۆزبىكىستاندىكىگە ئوخشاش نوپۇسىنى قازاققا ئۆزگەتكەنلىكى ئېنىق، نۇرغۇنلىرىنىڭ بولۇپمۇ 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇمايدىغان، كۆزى تېخى ئېچىلمىغان ياشلارنىڭ ئاللىقاچان ئۇنداق ياكى مۇنداق يوللارغا كىرىپ بولغانلىقىنى بىر نېمە دەپ بولمايدۇ، مەكتىپىمىزدە قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بار، نېمە ئۈچۈندۇر ئالاقە قىلغۇم كەلمەيدۇ، ئۇلاردىن ئىنساپ كۈتۈش بەلكىم ئەخمىقانىلىقتۇر، چۈنكى ئۇلاردا ئادىمىگەرچىلىك دېگەن نەرسە يوقالىغان...
ئەلۋەتتە ئاشۇ ئۆزىنىڭ تىلىنى، دىنىنى ساقلاپ كەلگەنلەر ئۇلۇغۋار ئىرادە ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقان، ئاللاھقا يىغلاۋاتقانلاردۇر....
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن قازاقىستان ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس، ئۇلار سودىغان ماھىر، دىيارىمىزدىن چىقىپ يول تاپالمايۋاتقانلارغا يادەم قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس......
ئەمدى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغىلا قاراپ قالماي، ئۆز ھالىمىزغىمۇ نەزەر سېلىپ باقايلى، بىزنىڭ قانچىمىز، قانچىلىكىمىز مۇسۇلمان؟ ئىسلامدىكى قانچە پەرىزنى ئادا قىلىش قۇربىرمىز يېتەتتى؟ قانچىلىكىنى ئادا قىلدۇق؟؟؟؟؟؟
ئۇيغۇر بولغانغىلا مۇسۇلمان بولامدۇ؟؟ بەلكىم بەزىلىرىمىز ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان دۇئاسى سەۋەپلىكلا ئاللانىڭ جازاسىدىن ساقىت بولۇپ يۈرىۋاتقاندىمىز؟؟؟؟؟
بۇ ئىنكاسىڭىزنى ئويلىنىشقا تېگىشلىك ھەممىمىز.
ئۆز ئەسلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ھەر قايسى جايدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ماتەم ،ئۆز خاسلىقىنى ئۆز ئېتىقادىنى يوقاتمىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ئالى ئېتىرام.