ئىشلىتىدىغان قەۋەت71قەۋەتtoxkanjanبىلەن2011-06-10 01:06 PMيوللانغان :
مېنىڭچە بۇ تىما قەستەن يوللانغان تىما،ماتاڭ ساتامدۇ.ئۈزۈم ساتامدۇ.ئۆزنىڭ جېننى باقسا ،باشقىلارغا بوزەك بولمىسا بولدى.خەقنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى چۈشۈرۈپ دىگەن نىمە دىگەن گەپ.بۇ ئاشۇلارنىڭ گۇناھىمۇ.جەمىيەت بۇنىڭغا مەسئۇل ئەمەسمۇ.ئۇلارغا چىقىش يولى بولسا ئۇلارمۇ بەلكىم خاتىرجەم ئۆز ئاتا ئانا ئۇرۇق تۇققانلىرنىڭ يېنىدا ياخشى ياشار ئىدى.مەھەللىڭىزدىكى ئىشىسزلارنى كۆرۇپ بېقىڭ.قىمارخانا قۇرۇپ قىمارخانلارغا توپلىشۋالغانلارنى كۆرۇپ بېقىڭ.ئۇلار نىمە قىلسا ھالال ئىش قىپتۇ.بۇنداق تىمىلار پەقەت جەمىيەت كۆرمىگەن كىچىك باللارنى ئالدىيالايدۇ.كىمنىڭ يامان ئادەم بولۇپ ياشىغۇسى بار،بىزدەك جەميەتتىكىلەرنىڭمۇ مەسئۇليىتى ئېغىر.ھەممىنى ئۇلارغا دۆڭگەپ قويۇش بىز ئۈچۈنمۇ بىر نۇمۇس.شۇلارنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيليەلمىگەن جەمىيتىمىزمۇ ئوخشاشلا گۇناھكار.
بۇ ھېچقاچان ئويدۇرۇلغان ئىش ئەمەس بۇ دىگەن ھەقىقەت . نىمە ساتسا ساتسۇن ، ساپ ساتسۇن ، ھالال ئەمگىگى بىلەن ساتسۇن . جان بېقىش ئۇسۇلى بۇلا ئەمەس ، مەن تۇرغان شەھەردە نۇرغۇنلىغان خەن ئىشچىلار مال قاچىلاپ ، مال بېسىپ جاپادا پۇل تاپىدۇ . كانتىنارغا مال باسىدۇ ، قاقىرام ئىسسىقتا كانتىنارنىڭ ئىچىنىڭ ھارارىتى 70 ياكى 80 گىرادۇسقا چىقىدۇ ، قىشتا بولسا تېخىمۇ سوغۇق شۇنداقتىمۇ ئۇلار كۈنىگە 7-8 كانتىنار مالنى بېسىپ ، كۈنىگە 300 يۈەن پۇل تاپىدۇ .
ئەمىلىيەتتە، ئەركەك ئۈچۈن ئىش كەم ئەمەس ، پەقەت بەزىبىر ئەركەكلەر بۇنى جاپا دەپ بىلىپ ، ئوغۇرلۇق ، ئالدامچىلىق بىلەن ئۆزۈنىمۇ سېتىپ ، مېللىتىنىڭ ئابرويىنى سېتىشقا زارىكى ھەرگىز جاپالىق ئىشنى قىلىشنى خالىمايدۇ . شۇلارنىڭ قىلغان ئالدامچىلىقىنى ئەمەت قىلدى ، سەمەت قىلدى دىمەيدۇ . شىنجاڭلىق قىلدى دەيدۇ .
ئۆزۈڭلارنىڭ ھورۇنلىقىنى جەمىيەتكە ، مەلەڭلەرگە ياكى ئۇنىڭغا ، بۇنىڭغا دۆڭگەپ قويۇشتىن ئاۋۋال كاللاڭلارنى سىلكىۋېتىپ ئۆزۈڭلاردىن كۆرۈڭلار . قىمارخان كۆپ بولسا كىرمىسەڭ بىركىم سېنىڭ گەژگەڭدىن ئىتتىرىپ ، پۇت - قولۇڭنى باغلاپ ئەكىردىمۇ ، ئۆزۈڭ شۇنى خالايسەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى جەمىيەتكە ، ئۇنىڭغا - بۇنىڭغا دۆڭگەپ قويما ، سەن ئۆزەڭنى ئالدىغان بىلەن باشقىلارنى ئالدىيالمايسەن .