سەككىز يىل
بىر گۈزەلگە ئاشىق بوپ، كۆيۈپ يۈردۈم سەككىز يىل،
قاپىقىمنى ئۆزگىگە تۈرۈپ يۈردۈم سەككىز يىل.
ۋىسال پەيتى كەلگۈچە، يالغۇزلۇققا تاقەت قىپ،
بەزى كۈلۈپ بەزىدە ئۆلۈپ يۈردۈم سەككىز يىل.
جان بولامدۇ بۇ تەندە، ئاڭا ئارمان بولمىسا،
ئارمانىمغا چۇشلۇق ھەم، ئۆزى دەرمان بولمىسا،
ئۆلتۈرسە ھەم كۈلدۈرسە، رازى بولدۇم ھەممىگە،
خەقلەر قىلغان تەنىگە، كۆنۈپ يۈردۈم سەككىز يىل.
«سەنسىز ئۆلەرمەن» دېسەم، «مەيلى ئۆلسەڭ ئۆل» دېدى،
«تېپىپ مەندىن باشقىنى، شۇنىڭ بىلەن يۈر» دېدى.
قىز كۆڭلىنى ئۇتماققا تاقەت قىلىپ ھەممىگە،
يامان يولدىن ئۆزۈمنى، توسۇپ يۈردۈم سەككىز يىل.
مەن ئۇنامدىم ئۇنىڭغا، «ئىرادەڭدىن يان» دېسە،
تېزەك تىزىپ ئالدىمغا، «بىرنى تاللاپ ئال» دېسە،
مەن كۆيگىنى گۈل ئىدى، پۇراپ يۈرگەن تەگمەستىن،
شۇ گۈل ئۈچۈن جاپانى، يېرىپ يۈردۈم سەككىز يىل.
ئاللاھ سالغاچ بۇ ئوتنى، كۆيۈپ يۈردۈم سەككىز يىل،
قۇدرىتىنى ئاللاھنىڭ، كۆرۈپ يۈردۈم سەككىز يىل.
قىل تەۋرىمەس ئاللاھتىن بىر ئىرادە بولمىسا،
«ماڭا ھالال جۈپ قىل» دەپ، تىلەپ يۈردۈم سەككىز يىل.
11.06.10
مەنبە: قەلىمىم