مۇنداق دېگىنىم سىز بۇ تېمىنى 15-چىسلا يوللاپسىز،بەلكىم 14-چىسلا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرگەن چۈشتۇ.مەنغۇ چۈش تەبىرى بەرگۈچى ئەمەس،سۆزۈمنى توغرا دەپمۇ ئېيتالمايمەن،پەرىزىم بويىچە بولغاندا،ئادەتتە ئايرىم چۈشلەرنىڭ كەلگۈسىنىڭ بىشارىتى بولىدۇ،ئەمما چۈش مەزمۇنىنىڭ كۆپىنچىسى شۇ چۈشتىكى ئاساسلىق بىشارەتكە مۇناسىۋەتسىز ھەرخىل چىگىش مەزمۇنلار بولۇپ،شۇنىڭ ئىچىدىن ھەقىقى بىشەرەتنى تاپماق تەس.سىزنىڭ چۈشىڭىزنىڭ بېشىدىلا جاھاننى قاراڭغۇلۇق بېسىپ،بىرخىل بوران-تۇماننىڭ ئىچىدە قالغانلىقىڭىز،بىر خەنزۇ يولداشنىڭ (قولىدا ئۆلچەش ئاپپاراتى بار)يول باشلىشى بىلەن يورۇقلۇققا چىقىۋالغانلىقىڭىز.....ئىس-تۈتەك زاۋۇت كان-كارخانىلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغاۋاتقانلىقى........مۇشۇ مەزمۇنلاردىن مەن ئاغزىمغا كەلگەننى جۆيلۈپ باقاي(بىلگۈچى ئىگىمىز!).ئالدى بىلەن سىزنىڭ مىجەز خارەكتىرىڭىزنى دەپ باقاي:سىز جەمئىيەتنى ئەتراپلىق كۈزىتەلەيدىغان،تەبىئەت،جەمئىيەت ھادىسلىرىغا...ھەرخىل ھادىسىلەرگە قىزىقىدىغان،بىلىم دائىرىڭىز بىرقەدەر كەڭ،ئەتراپىمىزدىكى بەزى بولمىغۇر ئىشلار،تەبىئەت قانۇنىيىتىگە زىت ئىشلاردىن كۆڭلىڭىز بىئارام بولۇدىغان،مۇشۇنداق ئىشلارنى تەتقىقى-تەھلىل قىلىدىغان كىشى بولۇش ئېھتىمالىڭىز چوڭ.مۇشۇنداق مۇرەككەپ پىكىر ئېقىمى دائىم نېرۋىلىرىڭىزنى غىدىقلاپ تۇرۇدۇ،ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىنى،مۇھىتنىڭ بۇزۇلماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىپلا يۈرۈيسىز،ئۈمۈتۋارلىق بىلەن ئۈمۈتسىزلىنىش مېڭە قاتلاملىرىڭىزدا چاقماقتەك ئېلىشىدۇ.مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ(خالىغان بىر ئادەم مۇنداق مۇرەككەپ،سېستىمىلىق چۈشنى كۆرەلمەيدۇ)ئوي-خىيال،تەپەككۈر،خىزمەت،ئائىلە،دوست-يەرەنلەر....توپا يېغىپ تۇرغان نەسباسقان مۇھىت توغرلۇق تەپەككۈرلىرىڭىز سىزدە مۇشۇنداق بىر چۈشنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلغان.ئەمدى بىشارەتكە كەلسەك،دەل 16-چىسلا قەشقەر تەۋەسىدا تولىمۇ ئېغىر قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى.ئاسمان-زېمىن ھەممە يەرنى توپا-چاڭ بېسىپ كەتتى.
بەلكىم ئاشۇ دوستلىرىڭىز مۇشۇنداق ھاۋارايىدا سىرتتا يۈرمەي پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ماجاڭخانىغا كىرىپ تازا ئوينىغاندۇ
.