بۈگۈن بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن، ئاتايىن ئاتۇش شەھىرىگە زىيارەتكە بېرىپ كەلدىم، بولىدىغان شەھەركەن، گەپلىرى قىززىقكەن، ھەممىدىن يارىغىنى چوڭ مەسچىتتىكى ئىمامنىڭ پېشىن نامىزى ئارلىقىدا قىلغان گېپى بولدى: نامازدىن كىيىن دۇئا قىلغاندا نىمە تىلىمەكچى بولساڭلار ھەرگىزمۇ ئاللاھ بۇ تىلىكىمنى ئىجابەت قىلارمۇ قىلماسمۇ دىمەي، چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ دىگەن نىيەتتە دۇئا قىلىڭلار.
شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسچىتتە شۇنداق خۇشھاللىق بىلەن ناماز ئوقۇدۇمكى نامازدىن يېنىپ ئۇ ئىمام بىلەن كۆرۈشۈۋېتىپ ياندىم، نىيىتىمدە تايىنلىق ئەسىر نامىزىنىمۇ ئوقۇپ كېلەي دىگەن، ئەمما تېلىفۇن تولا كېلىپ بۇ نىيىتىم ئەمەلگە ئاشمىدى، ئاللاھ نىسىپ قىلسا يەنە بېرىپ شۇ مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىللە ناماز ئوقۇۋالغۇم بار، ھەي، دىدىم، ئەگەر ئاتۇشلۇق ياخشى قىزدىن بىرنى تېپىپ تېپىپ توي قىلىۋالغان بولسام ئۆينى ئاتۇشنىڭ ئۆزىدىنلا ئالاركەنمەن.