ئاتامغا يېزىلغان خەت
قەدىرلىك ئاتا، ئالدى بىلەن سىنىڭ ۋە بارلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىنى چىن كۈڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن! سىنىڭ گەرچە بۇ يۈرەك سۆزلىرىمنى ئۇقۇش ئىمكانىيىتىڭ بولمىسىمۇ، كۆرەلمەي قالساڭمۇ، ئەمما مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق يۈرۈكۈمدىكى ئۇزۇن يىللىق دىيەلمىگەن ئىچكى گەپلىرىمنى قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى، ئازراق بولسىمۇ تەسەللىگە ئېرىشمەكچى.
كىچىك ئاپاملاردىن ئاڭلىشىچە، مەن تۇغۇلغاندىلا بەك ئۇماقكەنتۇقمەن، ئاتام بىلەن ئاپام مىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىكەن، ئۇلارلا ئەمەس ھەر ئىككى چوڭ ئۆيدىكى دادا- ئانىلىرىم، كىچىك ئاپا – ئاكىلىرىم ماڭا شۇنداق ئامراق ئىكەن، بولۇپمۇ يىڭى ئايىغىم چىققان چاغلاردا تاتلىق قىلىقلىرىم، چۆچۈك تىللىرىم بىلەن تۇختىماي گەپ قىلىپ، سوئال سوراپ، كىچىك ئاپاملارنىڭ بەك ئامراقلىقىنى كەلتۈرگەچكە، مىنى مەكتىۋىگە ئەكىرىپ ئوينۇتۇشنى تالىشىپ سۇقۇشۇپ كىتىشلىرىگە سەۋەپچى بۇپتىكەنمەن.
ھازىر ئويلىسام ھەي! ئادەم چوڭ بولماي مەڭگۈ ئاشۇنداق سەبى ھالەتتە تۇرسا نېمە دىگەن ياخشى ھە! – دەپ ئويلاپ قالىمەن. گەرچە ئاشۇ ۋاقىتلىرىم ئىنىق ئىسىمدە بولمىسىمۇ، ھەر قېتىم چوڭلاردىن ئاڭلىغان ئاشۇ سەبى، ئوماق، شوخ ۋاقىتلىرىمنى ئۆزەمچە پەرەز قىلىپ ئەسلەپ كىتىمەن.
ئادەم دىگەن ئۆزگەرمەي قالمايدىكەن، قاچاندىن باشلاپ ئاتام ئۆزگەردى مېنىڭ ئەتراپىمدىكى ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ھەممە – ھەممە نەرسە ئاستا – ئاستا ئۆزگىرەشكە باشلىدى.
ئاتاملار ئون بالا بولۇپ سەككىز ئوغۇل ئىككى قىز ئىكەن، ئاتام بالىلارنىڭ تۇنجىسى، خىزمەت ئورنى ھەم يىراق ھەم جاپالىق بولۇپ ئۆيگە ھەپتىدە بىر كېلەتتى.بىز دادام ئاناملار ( ئاتامنىڭ ئاتا- ئانىسى) بىلەن بىللە تۇراتتۇق، ھويلىنىڭ ئەڭ چىتىدىكى كىچىككىنە بىر ئېغىزلىق ئۆي بىزنىڭ ئۆيىمىز ئىدى، ئاپام بەك ئاق كۈڭۈل ھەم مۇلايىم ھەم چىرايلىق ئايال ئىكەن، توي قىلماستىن بورۇنقى سۈرەتلىرىنى كۆرسەم ھازىرمۇ ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىتىمەن، ئاپامدىن ئاڭلىشىمچە گەرچە ئۆزى ئارزو قىلغان (بورۇنقى قۇمۇل سەننەت مەكتەپتىن) چاقىرىق كەلگەن بولسىمۇ دادام (ئاپامنىڭ ئاتىسى) قەتئى بارغۇزمىغان ئىكەن، شۇنۇڭ بىلەن دادام دىگەن يەرگە ئۇنىماي، ئاتام بىلەن توي قىلغان ئىكەن، بىر - بىرىنى بۇرۇن شۇنداق ياخشى كۆرەتتىكەن. ئاتام تورمۇشتا بەك ئېغىر بىسىق، پەقەت كۆپ گەپ قىلمايدىغان، خىلى قاملاشقان سالاپەتلىك ئادەم ئىدى، تۇرمۇشىمىز ئەينى چاغدا ناچار بولسىمۇ ئەمما ئىللىق ئائىلىمىز بولغاچ بىز ناھايىتى بەخىتلىك ئىدۇق.
مەن ئۈچ ياشتىن سەل ئاشقاندا ئىنىم تۇغۇلۇپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئائىلىمىز تىخىمۇ شاتلىققا تۇلۇپتۇ. بولۇپمۇ دادام ئاناملار (ئاپامنىڭ ئاتا- ئاپىسى)، ھەم كىچىك ئاپاملار بەك خۇشال بولۇپ كىتىپتۇ. چۈنكى ئاپاملار 6 قىز بولۇپ، بىرمۇ ئوغۇل يوق ئىكەن، ئىنىم 2 ياشقا كىرگەندە ئاناملار بىز بىقىپ بېرىمىز دەپ ئىنىمنى ئەكەتتى. ئىنىممۇ تۇغۇلۇپلا ئانام دىگۈدەك باققان بولغاچقا، ئاپامدىن بەكرەك ئانامغا ئۈگۈنۈپ قالغان ئىدى. قالغانلارمۇ باشقىچە پىكىردە بولمىدى، شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن مەنمۇ مەكتەپكە كىردىم. ئاپام ھەر كۈنى مىنى چىرايلىق ياساپ مەكتەپكە يولغا سالاتتى، ھەم مەكتەپتىن كەلگەن ھامان ئوينىۋالاي دىيىشلىرىمگە قۇلاق سالماي بىرمۇ بىر ئۈگەنگەن نەرسىلىرىمنى سورايتتى ھەم يازغۇزاتتى. كەينىدىن يىڭى مەزمۇنلارنى كىتاپقا قاراپ ئۈگۈتەتتى. شۇڭا تەييارلىقتىن باشلاپلا سىنىپنىڭ ئەڭ ئالدى بولۇپ ماڭدىم.
مەن باشلانغۇچ 2- يىللىقتا ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئاتام تۇرۇپلا خىزمەت ئورنىدىن ھەپتىدە بىر چىقماي ئايدا بىر چىقىدىغان، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا خىزمەت بەك ئالدىراش دەپ بىر ئىككى ئايغىچە چىقمايدىغان بولۇپ قالدى، بىر ئىككى قىتىم دەم ئىلىش كۈنى ئاپام مېنى ئىلىپ ئاتامنىڭ يىنىغا ئاپاردى، بىراق ئاتام تاماقتىن كىيىنلا مېنىڭ خىزمەت ئىشىم ئالدىراش، سىلەر قايتىپ كىتىڭلار مەن ۋاقىت چىققاندا ئۆيگە بارىمەن دەپ بىزنى يولغا سىلىپ قۇياتتى. كىيىن ئۆيگە كەلگەندىمۇ بۇرۇنقىدەك بىز بىلەن ئانچە كارى بولمايدىغان، تۇرۇپ تۇرۇپلا ئاپام بىلەن گەپ تەگىشىدىغان بولۇپ قالدى، مەن ئۇ چاغلاردا كىچىك بولغاچ تازا ھېس قىلالماپتىكەنمەن، ھەم ئائىلىمىزگە ئاللىقاچان سۇغاقچىلىق چۈشكەنلىكىنى بىلمەي يۈرىۋىرىپتىمەن.بىر قېتىم ئاتام شۇنداق ئۇزاقتا كەلدى ھەم كىچىك بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئاپام بىلەن قاتتىق سوقۇشتى، ئاپامنى ئۇرۇپ، سۆرەپ ياتقۇزىۋەتتى. مەن قورققۇنۇمدىن يىغلاپ تۈگۈلۈپلا قالغان ئىدىم. شۇ قىتىملىق جىدەل ھازىرغىچە يادىمدىن چىقمايدۇ، ئاپام بىلەن ئىككىمىز تازا يىغلىشىپ ئاندىن ئاناملارنىڭ ئۆيىگە كەتتۇق. ئاتام بولسا كەينىمىزدىن كىلىپمۇ قويمىدى، مەن ئامال يوق شۇ يەردىكى مەكتەپكە ۋاقىتلىق كىرىپ تۇردۇم، كېيىن ئاڭلىسام ئاتام بىلەن ئاپام ئاجراشماقچى بۇپتۇ ھەم ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاجرىشىپ كىتىپتۇ، سوتتىن مېنى ئاتامغا، ئىنىمنى ئاپامغا بۇيرۇپتۇ، ئاپام ،دادام، ئاناملار ئامال يوق يىغلاپ قاقشاپ، ماڭا جىق ياخشى گەپلەرنى قىلىپ يەنە بىر دادام ئاناملارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.
مەن يەنە بورۇنقى مەكتىۋىمگە كىلىپ قالدىم. ئاتامنىڭ خىزمەت ئورنى يىراق بولغاچ يەنىلا ئايدا بىر چىقاتتى مەن بىلەنمۇ ئانچە كارى يوق ئىدى، مەن دادام ئاناملار بىلەن بىللە تۇراتتىم، ئاپامنى سىغىنسام كىچىك ئاپام (ئاتامنىڭ سىڭلىسى) مېنى بىللە ئاپىرىپ كۆرسىتىپ ئەكىلەتتى، ئۇ مەن ئۇقۇيدىغان مەكتەپتە يىڭىدىن مۇئەللىم بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن ئىدى، ئادەتتە كىچىك ئاپام بىلەن بىر ئۆيدە تۇراتتىم، بۇ ئۆيدە پەقەت ئىككىلا قىز، يەنى بىرى خىزمىتى يىراق شەھەردە بولغاچ پەقەت كىچىك ئاپام يالغۇز قىز، شۇڭا ئۆيدىكى دادام ئانام، ئاتامنىڭ ئىنىلىرى، ھەممىسى ماڭا بەكمۇ ئامراق ئىدى، داداممۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ پىنسىيەگە چىققان مەكتەپ مۇدىرى ئىدى، مىنى بەك چوڭ كۆرەتتى دائىم ئاپپاق قىزىم دەپ چاقىراتتى، شۇڭلاشقىمۇ ماڭا بۇ ئىشلار دەسلەپ ئانچە بەك ئېغىر تۇيۇلمىغان ئىدى، دەرسلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشسەم، دادام مېنىڭ ئاپپاق قىزىم بەك ياخشى دەپ ماختاپ قۇياتتى، ئەمما ئاتام ئايدا بىر چىقسىمۇ مىنىڭ ئۈگۈنۈشلۈرۈمنى سوراپ قويمايتتى، مەن ھەر قىتىم ئۈچتە ياخشى ئۇقۇغۇچى بولۇپ مۇكاپات ئالغان ۋاقىتلىرىمدا نەتىجەمنى ئاتامغا شۇنچىلىك كۆرسەتكۈم كىلەتتى، بىراق سورىمىغاچقا خىجىل بولۇپ كۆرسىتەلمەيتتىم. نىمىشقىدۇ ئاتام بىلەن ئارلىقىمىز بەك يىراقلاپ كەتكەندەك ھىس قىلاتتىم. ئۇنىڭ بىرەر قىتىم بولسىمۇ مىنى بالام ياكى قىزىم قانداقراق تۇرىۋاتىسەن، نېمەڭ كام، ئۈگۈنۈشلىرىڭ قانداقراق دەپ سوراپ قۇيۇشىغا بەكمۇ بەكمۇ تەشنا ئىدىم...
ھەر ھېيىت كەلگەندە ساۋاغداشلىرىم شۇنچە خۇشال – خورام بىر بىرىنى ھېيتلىشىشقا تەكلىپ قىلاتتى، مەن باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ باراتتىم – يۇ، ئۆزەم بىرەر ساۋاقدىشىمنىمۇ تەكلىپ قىلىپ باقمىغان ئىدىم، چۈنكى ئۆزەمنىڭ ئۆيى بولمىغاندىكىن داداملاردىن خىجىل بولاتتىم، باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بارسام ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ پايپىتەك بولۇپ بالىلىرىنىڭ دوسلىرىنى كۈتۈشلىرىگە ياردەملەشكەنلىكىنى كۆرسەم كۈڭلۈم يېرىم بۇلاتتى،
ھەي ، ئاتا- ئانام يېنىمدا بولغان بولسا قانداق ياخشى بۇلاتتى – ھە! – دەپ ئويلايتتىم. چوڭ بولغانسىرى كۆپ ئىشلارنى چۈشۈنۈپ كۈڭلۈم يېرىم بولىدىغان ئىشلار كۈپەيگىلى تۇردى.
بىر قېتىم دادامنىڭ كىچىك ئاكاملارغا ئۇنىڭ كۈڭلىگە كىلىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلماڭلار، كۈڭلىنى ئاياپ تۇرۇڭلار، ئاتا- ئاپىسى يىنىدا بولمىغاچ كۈڭلى يىرىم بولۇپ قالمىسۇن دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن كۈڭلۈم تىخىمۇ بۇزۇلۇپ يېغلىغان پىتى ئۆينىڭ كەينىدىكى كۆل بۇيىغا چىقتىم- دە، سۇغا قاراپ ئولتۇرۇپ راسا يىغلىدىم، نۇرغۇن خىياللارنى سۈردۈم، زادى نېمىشقا ئاتام بىلەن ئاپام ئاجرىشىپ كەتكەندۇ؟ ئاتام ماڭا ئۆچمۇ ياكى ئامراقمۇ؟ نىمىشقا مېنى بىرەر قىتىم بالام ياكى قىزىم دەپ باقمايدىغاندۇ؟ دىگەندەك تۈگۈمەس خىياللار بىلەن قانغۇچە يىغلاپ ئىچىمنى بۇشۇتىۋالدىم، شۇندىن باشلاپ بۇ چىرايلىق كۆل بۇيى، سۇپسۈزۈك سۇلار، كۆلدىكى چىرايلىق غاز – ئۆردەكلەر مىنىڭ دائىملىق سىردىشىم بولۇپ قالدى.
مەن بارا - بارا ئۆزگىرىۋاتاتتىم، ئارتۇق گەپ قىلىش خۇشياقمايدىغان، ئويللىغانلىرىمنى بورۇنقىدەك دادىل دىيەلمەيدىغان ھەم دىگۈم كەلمەيدىغان، باشقىلار گەپ قىلسا گەپ قىلىپ، بولمىسا ھەرگىز ئالدىدا گەپ قىلمايدىغان، جىمغۇر ھەر تارتىنچاق بولۇپ قىلىۋاتاتتىم. دادام ئاناملار، ئاكا – ئاچىلىرىم مىنى قانچە چوڭ كۆرگەنسىرى ئۆزەمنى تىخىمۇ ئەركىن تۇتالمايتتىم، بەلكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ساختىدەك بىلىنەتتى. پەقەت مەكتەپتىلا ئۆزەمنى خېلى ئەركىن ھىس قىلاتتم، ئۈگۈنۈش ئەھۋالىممۇ ئىزچىل يەنىلا شۇنداق ياخشى بولۇپ ماڭاتتى. پەقەت مىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلاردا كاللامدا ئاتامغا قويغان بىر مۇنچە سۇئاللارلا بەك قىينايتتى.
ھەي ئاتا! زادى نىمىشقا مىنى بالام ياكى قىزىم دەپ باقمايسەن؟ نىمىشقا مەن بىلەن كارىڭ يوق يۈرىسەن؟ ( ئىنىمنىغۇ ھازىر ئاتام تۇنىمايدۇ ) ، مەن يا سەن نومۇس قىلغۇدەك يا ئادەمنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرگىدەك قىز بالا بولمىسام زادى نىمىشقا – نىمىشقا ؟.. . ئەمما بۇ سۇئالنى ھەرگىز ھەرگىز ئاتامغا يۈز تۇرانە قۇيالمايتتىم..
تۇغرا ھىلىمۇ ئىسىمدە، ئاتام بىر قىتىم پەقەت بىرلا قىتىم بىر ئاغىنىسىغا مىنى كۆرسىتىپ قىزىم دىگەن ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا مەن قاتتىق قىزىپ قالغان بولۇپ دارا ئىچىپ ياتقان ئىدىم، ئاتام ( چالا مەس ئۇخشايدۇ) بىر ئاغىنىسى بىلەن يوغان بىر تاۋۇزنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلگەن ئىدى، ھەم مىنى كۆرۈپ كىچىك ئاكامدىن نىمە بولدى دەپ سورىدى، قىزىپ قاپتۇ دىگەن ئىدى، قولىدىكى تاۋۇزنى شارتلا قىلىپ يۇغان بىر تىلىم كىسىپ ماڭا قاراپ، مە -، بۇنى يېسەڭ قىزىقنى ياندۇرىدۇ ، ساقىيىپ قالىسەن دەپ بەرگەن ئىدى، ھەم يىنىدىكى ئاغىنىسىگە قاراپ بۇ مىنىڭ قىزىم بولىدۇ- دەپ قويدى. مەن شۇ چاغدا قانچىلىك خوش بولۇپ كەتتىمكىن تاڭ، ئاغرىقلىرىممۇ يەڭگىللەپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ، ھاياجاندىن كۆزلىرىمگە لۆممىدە ياش ئالغان ئىدىم.
مانا بۇ ئىشلار بولغىنىغا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ ئىسىمدىن پەقەت چىقمايدۇ، ئاتامنى ھەر بىر قىتىم ئويلىسام ئاشۇ بىر ئېغىز گىپى قۇلاق تۈۋەمدە ياڭرايدۇ. ئەمما ئىككىنچى قېتىم ئاتامدىن ئۇنداق گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم...
تۇلۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا چىققاندا ئاتام ئىدارىسىدىكى توي قىلمىغان بىر ياش ئايال بىلەن توي قىلدى، نىمىشقىدۇ ئۇ ئايال ماڭا خېلى يىقىنچىلىق قىلسىمۇ پەقەت يىقىنلاشقىم كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەلسىمۇ كۆرۈشكىممۇ كەلمەيدىغان، بىر يەرلەرگە مۆكۈۋالغىم كىلىدىغان بولۇپ قالدىم..
تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تولۇق ئوتتۇرغا چىققاندا داداملارغا دەپ يۈرۈپ ئاپامنىڭ قىشىغا كەتكەن ئىدىم. بۇ ۋاقىتتا ئاپاممۇ يىراق بىر جايغا توي قىلىپ كەتكەن ئىدى، مەن يەنىلا دادام ئاناملارنىڭ قىشىدا تۇرۇپ ئۇقۇدۇم، بۇ ئۆيدە ئۆزەمنى خېلىلا ئەركىن ھىس قىلاتتىم، ئاپام بىر يىرىم يىلدىن كىيىن ئۇ يىراق جايغا كۈنەلمەي قايتىپ كەپتۇ، چۈنكى يىلدا بىر قىتىملا كىلىشىگە قۇشۇلدىكەنتۇق، نىمىشقىدۇ مىنىڭ ئاپامغىمۇ مىھرىم يوق بولۇپ قالغان ئىدى.
تولۇق 3- يىللىقنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ئاپام يەنە خۇشنا مەھەلىلىك بىر ئادەمگە توي قىلماقچى بولدى، بۇ ئادەمنىڭ مەن بىلەن پاراللىل سىنىپتا ئۇقۇيدىغان قىزى بار ئىدى، مەن يا خوش بولۇشنى، يا يىغلاشنى، يا ئاچچىقلاپ سۇقۇشۇشنى خالىمىدىم، پەقەت تەتىلنى باھانە قىلىپ دادام ئاناملارنى يۇقلاپ كىلەي دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم ھەم بىر ئاي تەتىل ۋاقتىم تۇشقىچە چوڭ دادام ئاناملارنىڭكىدە تۇردۇم، كىيىن كەلسەم ئاپام توي قىلىپ كىتىپتۇ، ماڭا يىڭى كىيىم كىچەكلەرنى ئىلىپ قۇيۇپتۇ، ئەمما خېلى بىر ۋاقىتقىچە پەقەت كىيگۈم كەلمىدى، مەكتەپكە بارساممۇ ھىلىقى قىز بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالساممۇ قارىماي يۈردۈم، كىيىن ئۇ ئادەم ئاپام بىلەن ئۆيگە بىر قانچە قېتىم كەلدى، قارىسام خېلى ياخشى ئادەمدەك كۆرۈندى،ئاپامغىمۇ قەۋەتلا كۈيىنىدىكەن، مىنىمۇ ھەر قېتىم كۆرگەندە ئۆز ئاتامدىن چارە قىزىم – قىزىم دەپ گەپ قىلاتتى، مەكتەپنىڭ ئەھۋاللىرىنى سورايتتى، ياخشى ئۇگۈنۈڭىزلەر، بۇ يىل ئىمتىھان بېرىدىغان بولغاندىكىن چوقۇم ئۆتۈشكە تىرىشىڭىزلار، نىمە كام بولسا ئاپىڭىزغا دەڭ قىزىم مەن ئىلىپ بېرىمەن دەيتتى، قارىسام ئىنىم بىلەنمۇ شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىدىكەن ھەم چىقىشىپ كىتىپتۇ...
تۇرۇپلا ، ھەي ! مۇشۇ ئادەم مىنىڭ ئۆز ئاتام بولۇپ قالسىچۇ دەپ ئويلاپ كىتەتتىم...
ئۆز ئاتامنى ئويلىساملا جۇدۇنۇم تۇتاتتى، ھازىرقى ئاتامنى ھەر قىتىم ئاتا دەپ چاقىرىپ بىرەر قىتىم بولسىمۇ كۈڭلىنى خوش قىلىپ قۇياي دەپ ئويلايتتىم- يۇ، تىلىم ئۈزۈلۈپ كىتىدىغاندەك پەقەت ئۇنداق دىيەلمىدىم...
مانا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققىلىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى، ئۆز ئاتامدىن ئىككىنچى قېتىم بالام ياكى قىزىم دىگەن گەپنى ئەسلا ئاڭلاپ باقمىدىم، ئاتامنىڭ چىرايىنى كۆرمىگىلىمۇ 5- 6 يىللار بولغاندۇ دەيمەن، ئاڭلىسام كىيىنكى ئايالىدىن تۇغۇلغان قىزىنى شۇنداق چوڭ كۆرەرمىش، مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلەرمىش...
مەن ئەسلى ئاتامنى يۇقلاپ بېرىشنى ئويلىغان، بىراق نىمىشقىدۇ يەنىلا بارماسلىقنى قارار قىلدىم، ئويلاپ باقسام ئاتام بىلەن كۆرۈشكەندە دىيىشكۈدەك گەپمۇ يوقكەن، مىنىڭ سۇئاللارغا تولغان قەلبىم ھامان جاۋاپسىز قالدىغىنى ئىنىق ، ھەر ئىككىمىزنى بۇرۇقتۇرما قىلىپ نىمە قىلاي...ئۇنىڭدىن كۆرە قەغەز يۈزىدە ئويلىغانلىرىمنى دەۋالاي...
ھەي باغرى تاش ئاتا ، ئاڭلاۋاتامسەن مەن سىنىڭ ئاتىلىق مىھرىڭگە، مىھرىبانلارچە كۈيۈنۈشلۈرىڭگە، ئەھۋالىمنى سوراپ قۇيۇشىڭگە ، توي قىلغاندا بىشىمدا تۇرۇپ بەخىت تىلىشىڭگە ، ھىچ بولىمىغاندا قىزىم دىگەن بىر ئېغىز گىپىڭگە قانچىلىك، قانچىلىك تەشنا ئىدىم – ھە!!...
مانا يات بىر ئادەمدىن ئۆز ئاتامدىن ئاڭلىيالمىغان گەپنى ئاڭلىدىم، نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى كۆردۈم ، بىراق نىمىشقىدۇ قەلبىمدىكى ئورنىڭنى ئۇ ئادەمگە پەقەت پەقەتلا بەرگۈم يوق، بۇنى بىلەمسەن؟...ھىس قىلالامسەن؟!!. نىمىشقا ؟ زادى نىمىشقا ؟
چۈنكى سەن مېنىڭ قەلبىمدە چوڭقۇر يېلتىز تارتقان ئۆز ئاتام، ئورنۇڭنى ھىچقانداق بىر كۈچ ئالالمايدۇ..
مەن سېنى مەڭگۈ مەڭگۈ خىيالىمدا سىغىنىمەن، ئويلايمەن، ياخشى كۆرىمەن!!
مەنبە: ئۆزەم
2011– يىل 6-ئاينىڭ 15- كۈنى تۇرپان