مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 0998waris

مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21058
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 2980 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 01:15:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغان تىمىڭىزغا  رەھمەت قىرىندىشىم،،،ئوز مىللىتىنىڭ تارىخىنى  ۋە مەشھۇر  كىشىللىرىنى  بىلمىگەن كىشىنى  قانداقمۇ  ئادەم ھىساپلىغىلى بولسۇن ،،،مۇمكىن بولسا  خۇتەنلىك  مۇھەممەت  ئمىن  ھەزرەت توغرىسىدىمۇ  يازغان بولسىڭىز  ،،،،،مۇشۇنداق تىمىلار  نادىلىنىشقا  ئەرزىيدۇ ،،،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40745
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5480
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3103 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2013-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 01:34:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەھمەت. ئەپسۇس ، مەنبەسىنى ئۇنتۇپ قاپسىز.
مۇشۇنىڭغا ھەر بىر شەخىسنىڭ رەسىمىنى قوشۇپ قويغان بولسىڭىز ‹‹ خۇرازدىكى خو!››دەك ئىش بولاتتى ئەسلىي.

سەن گىلەمگە سانچىلغان يىڭنىنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن ئەمەس،بەلكى پۇتۇڭنىڭ چىدىماسلىقىدىن ئاغرىنىشىڭ كېرەك!
ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بۇ يەردە!قېنى مەرھەمەت!

ئۈزىڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى ش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4943
يازما سانى: 1391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12978
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1578 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 04:00:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللىرىغا  دەت  كەلمىسۇن  يەنە  بەزى مەشھۇر لىرىمىز  ئۇنتۇلۇپ  قالدىمۇ  قانداق .  شۇنداق  بولسۇمۇ   ئەجرىڭىزگە  كۆپ تەشەككۈر

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

مىنىڭ ئاتىمنى قۇيۇپتۇ ئاتام ھەيدەر،
دۈشمەن قىزىنى ئەسىر ئالمىسام ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

اللە اكبر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44489
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3143
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 04:18:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى  باركەن  ھە  مەشھۇرلار

لااله الا الله محمد رسولوللا

بىرسى دىدى تۇخۇم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1550
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3002
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 01:18:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سابىت داموللام بىلەن  ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان داموللام،يەنە ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىممۇ بار ئىدى.

مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!! بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 05:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﺑﺎﻗﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻰ 1883 - ﻳﯩﻠﻰ، (ھىجىرىيە- ﻳﯩﻠﻰ) ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﻕ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻗﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﺘﻪ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ. 1910 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﮬﻪﻡ ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. 1914 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯜﻳﺪﯛﯕﺪﻩ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮬﺎﺟﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، << ﺭﻩﺳﺘﻪ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ >> ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﯨﺮﯨﺴﺘﻪ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﺪﯨﺸﻰ ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣۇ ﺩﺩﻩﺭﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﺩﻯ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ (1874 -- 1934) ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﯚﺭﻛﯜﻝ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ، ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺳﻮﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﮬﯜﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻﮬﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺩﯨﻨﻲ ﯞﻩ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﻪﻥ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯩﻞ - ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﻣﻪﻧﺘﯩﻖ (ﻟﻮﮔﯩﻜﺎ) ، ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ، ﺷﯩﺌﯧﺮﯨﻴﻪﺕ، ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ . << ﺋﻮﻟﻤﻮﮬﺎ ﺗﻮﺯﻣﯘﭼﻪﻳﯩﻦ >> ، << ﻣﯘﮬﯩﻤﻤﺎﺗﯩﺰ - ﺯﻩﯞﺟﻪﻳﯩﻦ >> (ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﺧﻼﻕ - ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﻪﺭ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. 1910 - ﯞﻩ 1920 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﭘﺎﻧﺎﮬ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺷﺎﮔﯩﺮﯨﺖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘھەﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮﺍ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻴﯩﭙﺰﺍﺕ ﺗﺎﮬﯩﺮﻯ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﯞﻩ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﮔﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﻣﯘﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﻳﯩﺰﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻏﻮﻟﺠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﺪﯨﺸﻰ ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﯩﭙﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ، ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ .

1924 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﯩﺘﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﯩﺘﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1925 - ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﺟﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، 1927 - ﻳﯩﻠﻰ، << ﺷﯩﺮﯨﻨﻜﺎﻻﻡ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯜﺭﻩﺩﻩ ﺗﺎﺵ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺩﻩ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ - ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ .

ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻡ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ، ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﻪ، ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺗﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻧﻪﺳﯩﺮﯨﻲ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻧﻪﺯﻣﯩﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ، ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻛﺎﻣﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘ 1927 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﻩ ﺩﻩﯓ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﺪﻩ << ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ >> ﻧﻰ ﺋﺎﻏﺰﺍﻛﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ << ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ >> ، << ﺋەﻟﻔﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﮬﯩﺴﻰ >> (ﺑﯘ ﺋﯩﺒﯩﻦ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻔﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﮬﻰ ﯞﻩ ﮬﺎﺷﯩﻴﯩﺪﯗﺭ) ، << ﺋﺎﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺟﻪﯞﮬﻪﺭﯨﻴﻪ، ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺋﻪﻝ ﺳﯘﻧﻨﻪﺕ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. 1930 - ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻮﻟﺠﯩﺪﺍ، ﭼﯚﭼﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺯﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ، ﻳﺎﻗﯘﭖ ﮬﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯜﺯﺩﻩﻙ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﮬﻪﺟﮕﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ .

1931- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ، ﺋﯘ ﮬﻪﺝ ﺗﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﺎﻥ (ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﮬﻪﺝ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻻﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﺳﺎ ﺟﺎﺭﯗﻟﻼھ بىگىيېۋ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ . ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﻣﯘﺳﺎ ﺟﺎﺭﯗﻟﻼھ بىگىيېۋ، ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪﻥ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ << ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ، ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻐﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻐﺎ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ) . ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻰ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ، ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﮬﯩﺮﻩﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ .

ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺪﺍ، ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﺍ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، 1932 - ﻳﯩﻠﻰ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺩﯦﮭﻠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ << ﺋﺎﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺟﻪﯞﮬﻪﺭﻳﻪﺕ، ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺋﻪﻝ ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ >> ، << ﺋﺎﻟﻔﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﮬﯩﺴﻰ >> ، << ﺷﯩﺮﯨﻦ ﻛﺎﻻﻡ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭغان.

ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1932 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . 1932 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﻗﺎﺭﯨﻘﺎﺵ ﺋﻮﻳﺒﺎﻍ ﻣﻪﺩﯨﺮﯨﺴﯩﺪﻩ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮﺍ 1931 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻘﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻨﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﻘﻘﺎ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻗﻮﺯﻏﯜﻻﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ، ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻳﻼﺵ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﻜﻪﻥ.

ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ:
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻪﺕ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻛﯜﺗﻤﻪﻙ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗتﻪ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯩﻢ،
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯘﻟﯘﺵ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ .
ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ << ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ >> ﯞﻩ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﯞﻩﺯ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﯩﮭﺎﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ .

1933 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻗﺎﺭﯨﻘﺎﺷﺘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻥ. 1933 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 - ﻛﯜﻧﻰ << ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻥ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .

1933 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺳﺎبىت ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ (ﺷﺎﮬ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ) ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻼﺭ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ سىجاڭنىڭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﯖﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ . ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .

(ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﭘﻪﻳﺰﺍﯞﺍﺕ ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻛﯩﺸﻰ ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻗﻪﺳﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﭘﺎﺷﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ سىجاڭنى ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯓ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺋﯘ 1934 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1935 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ << ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻛﻮﻧﻔﯩﺮﯨﻨﯩﻴﯩﺴﻰ >> ﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺨﻼﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ << ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ >> ﻧﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

1936 - ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻟﯩﺴﻰ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﺸﯩﯟﯦﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﯞﺍﯓ ﺑﺎﯞﭼﻪﻧﮕﻪ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﺋﯧﻜﯘﺳﻜﯘﺭﺳﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺯﯨﻴاﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﺩﺍ - ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ سىجاڭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻪﯓ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﮔﯜﺯﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ سىجاڭنىڭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ سىجاڭدىن ﺋﯚﭺ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ سىجاڭنىڭ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺕ ﻗﯘﻝ ﮬﺎﺟﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.)

ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯧﯖﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ؟ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﻛﯘﭼﻰ ﻳﯧﺘﻪﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺗﯚﻣﯜﺭ سىجاڭنىڭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺗﯘﺷﻜﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﯩﺘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ (ﺷﺎﮬ ﻣﺎﻧﺴﯘﺭ) ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻧﻪﺯﻩﺭﺑﻪﻧﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﯖﯩﺸﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺑﻪﻧﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ سىجاڭغا ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺷﯩﺠﺎﯓ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﻮﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ . ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ: ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﭘﯩﺘﻨﻪ - ﭘﺎﺳﺎﺕ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻤﯩﺴﯘﻥ! ﺩﻩﭖ ﺟﯩﻜﯩﻠﯩﮕﻪﻥ .

ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺗﯚﻣﯜﺭ سىجاڭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﯚﺯ ﭘﯩﻜﺮﯨﺪﻩﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﻣﯩﺘﺨﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎﯓ، ﮬﻪﻣﺪﻩﻣﺒﻪﮒ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﻟﯜﻳﺠﺎﯓ، ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ (ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﺳﻤﯩﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ) ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺗﯜﺋﻪﻧﺠﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯜﺯﺩﻩﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﭘﺎﺷﺎ (ﻟﯜﻳﺠﺎﯓ) ، ﺋﯘﺭﺍﺯ ﺗﯜﺋﻪﻧﺠﺎﯕﻼﺭ باشچىلىقىدىكى ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺗﯚﺕ ﻳﯜﺯ ﻗﯘﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺳﻨﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ سىجاڭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ، 1933 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﻣﯩﺘﺨﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎﯓ، ﮬﻪﻣﺪﻩﻣﺒﻪﮒ ﮬﺎﺟﻰ، ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺳﺎبىت ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﯞﻩ ﺷﺎﮬ ﻣﺎﻧﺴﯘﺭ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﺷﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﮬ ﻣﺎﻧﺴﯘﺭﻧﻰ ﻳﺎﯞﺍﻏﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﻮﻳﻠﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭﺑﻪﻧﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯚﻣﯜﺭ سىجاڭغا ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ << ﺳﯩﻠﯩﯔ >> ﻟﯩﻖ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺗﯚﻣﯜﺭ سىجاڭ ﺑﯘ ﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﭘﺎﺷﺎ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯘﻳﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯓ ﺗﯚﻣﯜﺭ سىجاڭنى ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺗﯚﻣﯜﺭ سىجاڭ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﭘﺎﺷﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ سىجاڭغا ﺗﻪﯞﻩ ﻗﻮﺷۇنلارنى ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ .

ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯗﺷﻜﻪﻥ. 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺭﻧﯩﻐﺎ << ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯜﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ >> ﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ .
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ << ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: << ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1352 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻣﯩﻼﺩﻯ 1933 - ﻳﯩﻞ 11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ < ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ > ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻛﯚﻧﭽﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺋﺎﻱ - ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، < ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺕ > ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﺵ ﭼﻮﯓ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، < ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ > ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻜﻰ، ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ < ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ > ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ >> .

<< ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ >> ﻧﯩﯔ 1 - ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﭼﺎﯓ ﺷﯧﻴﺎﯓ ﻣﯘﻧﺪﺍق ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: <<11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ (ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1352 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24 - ﻛﯜﻧﻰ) ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ < ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯜﺳﺘﻪقىللىق ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ > ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﯩﺸﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، < ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ > ﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ. < ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ > ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﯜﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﺪﻯ .
11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، < ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ > ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ، ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﯞﺍﻍ ﻛﯚﯞﺭﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ، ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، < ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ > ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯚﺯﻯ < ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ > ﺑﯘﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻐﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻛﺎﺗﻮﻟﯩﻚ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﯞﻩﻛﺎﻟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮬﺎﺟﻰ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮ ﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺳﻤﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ < ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ > ﻧﻰ (ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ < ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ > ﺩﻩﻳﺪﯗ) ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، < ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ > ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ، < ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ > ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﻮﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯧﺴﯩﻠﺪﻯ، ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺗﺎﻳﻴﺎﺭﻻﻧﺪﻯ >>.

ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ << ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻨﯩﯔ 2 - ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: << . . . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ (ﺋﺎﺗﯘﺵ) ﺑﺎﺵ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺟﺎﻧﯩﺒﯧﻚ ﻗﺎﺯﻯ (ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ) ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺯﯦﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﺍ ﮬﺎﺟﻰ (ﺋﯚﺯﺑﯩﻚ) ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﮬﺎﺟﻰ (ﺧﻮﺗﻪﻥ) ﺧﺎﺭﺟﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻤﺨﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ (ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ) ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﺧﺎﻥ(ﺋﯚﺯﺑﯩﻚ) ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻣﻮﮬﯩﺘﻰ (ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ) ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺋﻮﺭﺍﺯﺑﯧﻚ (ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ) ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﻳﯜﺳﯜﭘﺠﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﯧﺸﻰ (ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ) ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ، ﺋﯘﺑﯘﻝ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﮬﺎﺟﻰ (ﺋﺎﺗﯘﺵ) ﺳﻮﺩﺍ - ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ (ﺋﺎﺗﯘﺵ) ﺋﻪﯞﻗﺎﭖ < ﯞﻩﺧﭙﻪ > ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺟﻰ (ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ) ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ >>.

1933 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ << ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ >> ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﺭﺍﺳﯩﻤﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻐﺎ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﺪﻩﻛﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻐﺎﻥ .

1934 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﺋﯘﻟﯘﻏﭽﺎﺗﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﻪﺭﻛﻪﺷﺘﺎﻣﺪﺍ، ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﭽﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﮭﺎﻗﺒﯧﻚ ﺗﯜﺋﻪﻧﺠﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﯞﻩ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻛﯚﻧﮕﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

1934 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﻰ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﺯﯨﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﻯ ﮬﺎﺟﻰ، ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ، ﺋﺎﺑﻼﺧﺎﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﺒﻪﮒ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺑﻪﻧﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ سىجاڭ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺗﯜﻩﻧﺠﺎﯕﻨﻰ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﻯ ﮬﺎﺟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻳﺎﻻﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﯩﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ تاپشۇرۇپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ سىجاڭ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ سىجاڭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﯩﻨﯩﯔ (ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥ) سىجاڭى ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1934 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻣﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﯘ 1937 - ﻳﯩﻞ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ << ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻰ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗۆﮬﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﻰ 1938 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ - ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﮬﺎﺷﯩﻢ ﮬﺎﺟﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻤﺎﻗﺘﺎ ﺑﻮﻏﯘﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1940 - ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ. 1940 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻟﯘ ﺑﯩﻨﺪﻯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺧﯘﻳﺰﯗ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻟﯘ ﺑﯩﻨﺪﻯ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ << ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ >> ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯ - ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ << ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ >> ﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ - ﺗﻪﻓﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺋﻮﻥ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺋﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ - ﺗﻪﻓﺴﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ.

ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ << ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ >> ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ - ﺗﻪﻓﺴﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ، ﻳﻪﻧﻰ 1941 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ: ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ< <ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ .

0998ۋارىس

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 05:38:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم
ئابدۇلھەكىم خان مەخسۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 12 يىللىقىنى ئەسلەيمىز. جانابى اﷲ دىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم ۋە ئاتىسى ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىملارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمىز
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئۇستازى، يىتوك ئالىمى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم 1925 ـ يىلى دىيارىمىزنىڭ گۇما ناھىيىسىدە ئۆز ۋاقتىدا ھەممىگە تونۇلغان ۋەتەن، مىللەتكە سادىق دىنى زات ئابدۇجىلىل داموللاھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم سەزگۈرەشتىلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى يەنىلا بىز ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىمنىڭ ھايات قىسسىلىرىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.

ئۆز دەۋرىدىكى سىياسىي زومىگەر شىڭ شىسەينىڭ چىرىك تۈزۈمىگە قارىشى چىققان بارلىق ۋەتەنپەرۋەر، ئېتىقادىغا سادىق كىشىلەر ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىنىڭ تار كىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر پايدىسىز شارائىتنىڭ مىنۇتسىرى قىستاپ كىلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئابدۇلجېلېل داموللام ، ئوغلى ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ ئافغانىستانغا چىققان ۋە 1936 ـ يىلى مەككە مۇكەررەمەگە كىلىپ، ھەج پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قىسىم مەسلەكداشلىرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ۋەتەنگە قايتقان. بىراق، جاللات شىڭ شسەينىڭ يالاڭ تۆشلىرى تەرىپىدىن ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىم ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئابدۇلھەكىم بىلەن بىرگە تۈرمىگە تاشلانغان.
1937 ـ يىلدىن 1932 ـ يىلىغىچە بولغان 5 يىل جەريانىدا شىڭ سىسەي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن 250 مىڭدىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇس قاماققا ئېلىنغان ۋە ھەر خىل ئوسۇللار ئارقىلىق قەتلى قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئەڭ خەتەرلىك سانالغان ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىممۇ شەھىد قىلىنغان. ياش ئېتىبارى بىلەن تۇلىمۇ كىچىك دەپ قارالغان ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم بۇ قېتىم ئۆلۈمدىن قوتۇلۇپ قالغان. 1933 ـيىلى شىمالدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى پارتىلىغاندىن كېيىن، قاغىلىق، پوسكام ۋە تاشقۇرغان قاتارلىق رايۇنلاردا يېلىنجىشقا باشلىغان ئىنقىلاب سېپىگە كۆپ ساندىكى مەسلەكداشلىرى قاتارى ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان. روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىشى بىلەن، ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشقان بۇ كۆرەش ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ 1936 ـ يىلىدىن 1938 ـيىلىغىچە بولغان ئىككىنچى قېتىم مەھبۇس بولۇپ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا ۋە ئىنتايىن ئېغىر ئازاب ـ ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغان. 1938 ـ يىلى قورۇلغان قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۇنى قاماقتىن بوشاتقان. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، مىللەتنىڭ مەغلۇبىيىتى جاھالەتتىن باشقا نەرسىدە ئەمەس دېگەن تونۇشقا كىلىپ، قاغىلىقتا بىر دىنى مەكتەپ ئاچقان ۋە بۇ يەردە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلىرىغا دىنى تەلىماتلارنى بىرىشكە باشلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك جىددى مەسىلىلەر بويىچە ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاشكار ـ يۈشۇرۇن ئىشارىلەرنى بىرىپ كەلگەن. 1939 ـ يىلى جۇڭگۇ چوڭ قورۇقلىقىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن كومنىستىك پارتىيەگە تەۋە قىزىل ئارمىيە شۇ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى دىيارىمىزغا يىتىپ كەلگەن ۋە ھاياتى دېگەندەك تىنچ ئۆتمىگەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنى يۇشۇرۇن نەزەربەنىت ئاستىغا ئالغان. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئۆز قارمىقىدىكى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم بىرىشنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغان. 1955 ـ يىلى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق رايۇنلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيانلار بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇلھەكىم مەخسۇممۇ بۇ ئىسيانلارغا ئاۋاز قوشقان دېگەن قاراش بىلەن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. 1956 ـ يىلى نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم تۈرمىدىن بوشىتىلغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەخسۇمنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىرى يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئىسلام دىنى بويىچە تەلىم تەربىيە خىزمىتىنى قايتىدىن باشلىغان. 1957 ۋە 1958 ـ يىللىرى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن بىر قىسىم قوزغىلاڭلاردا باشلامچىلىق بىلەن رول ئوينىغان ياكى ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ يەنىلا ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ تالىبلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مەخسۇمنىڭ دېنى مەكتىۋى دەرھال پىچەتلىنىپ، ئوقۇغۇچىلىرى تارقىتىۋېتىلگەن، مەكتەبنىڭ بارلىق مال ـ مۇلكى مۇسادىرە قىلىنغان. بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇم نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان.

جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىدا، ئەڭ ئۇزۇن قاماققا ئېلىش مۇددىتى 20 يىل بولۇپ، ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم 1959 ـ يىلى 12 ـ مارتتا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1979 ـ يىلى 12 ـ مارتتا تۈرمىدىن چىققان ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم، ئارىدىن كۆپ ئۆتمەيلا، بىر قارىخانا ئاچقان. دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، ئۆزبىك، قازاق، قىرغىز، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئەتراپىغا كۈنسىرى توپلىنىپ، دىنى تەلىم ـ تەربىيە ئېلىشقا باشلىدى.
1959 ـ يىلدىن تاكى 1979 ـ يىلىغا قەدەر، مەسجىدلەرگە كىرىش، قۇرئان ئوقۇش، ۋەز ـ نەسىھەت، تەبلىغ قىلىش ھەتتا جىنازە نامىزىنى ئوقۇشقا قەدەر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چەكلەندى. 1965 ـ يىلى 5 ـ ئايدىن 1975 ـ يىلى 10 ـ ئايغىچە داۋام قىلغان 10 يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن ئىبارەت ئىسمى چىرايلىق، ۋۇجۇدى بەد بەشىرە ئازازۇل ھەرىكەت يۇقىرىقى چەكلىمىلەرنىڭ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن جەريانىنى تەشكىل قىلدى. ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ مۇستەقىل نەزىرىيەسى بويىچە مىللەتنىڭ مىللى مەۋجۇتلىقى، ئۇنىڭ دىنى جەھەتتىكى سالاھىيىتىنى قانچىلىك ئېنىق بەلگۈلىيەلىشىدە ئىدى. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئۆزىنىڭ بۇ خىل نەزىرىيەلىرىنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىزاھلاشقا تىرىشاتتى. ئوقۇغۇچىلىرىغا بۈگۈنكى دەۋر ئىلىم ـ پېنى ھەققىدە يېڭى ـ يېڭى ئۇچۇرلارنى بىرىشنىمۇ ئونۇتمىغان ئىدى.

1980 ـ يىلىدىن كېيىن، جوڭگۇدا سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى ۋە دىنى جەھەتتە ئەركىنلىك بارلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ دىنى تەلىم ـ تەربىيەسى ئۈچۈن ئاجايىپ شەرت ـ شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى. مەخسۇمنىڭ يۈزلەرچە تالىبلىرىنىڭ سانى مىڭلارچە بولۇپ كەتتى. ئىلىم ئەھلىنى ھامان چىن دىلىدىن سۈيىدىغان قارغىلىق خەلقى ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىنىڭ بىرىنى مەخسۇمنىڭ يىراق ـ يېقىندىن كەلگەن تالىبلىرىغا ئېچىپ بىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تالىبلارغا بولغان ئىززەت ۋە ئىكراملىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلىشقا تىرىشتى.
1985 ـ يىلى، يەنى 39 يىلدىن كېيىن، مەككە مۇكەررەمەگە ھەج قىلىش ئۈچۈن چىقتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھال ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز يۈرتى قارغىلىققا قايتىپ كەلدى.

دىيارىمىزدا ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ تۈرتكىسىدە مىڭلارچە مەدرىسلەر مەيدانغا كەلدى، ئوخشىمىغان جايلاردا ئۇنىڭ تالىبلىرى بۇ ئىشنى بار كۈچى بىلەن جانلاندۇردى. بۇ 20 ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنى ساھەدىكى ئەڭ جانلىنىش كەيپىياتىنى تەشكىل قىلدى. ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ھەر تەرەپتىن يىتوك بىر شەخس ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايدىڭ ھەقىقەتكە ئايلاندى. مەخسۇم ئۈرۈمچىگە كىلىپ ”خىزمەت“ قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغاندا رەت قىلغان ئىدى. چۈنكى، ئۆزى كۆنۈككەن شەھەر، ئەجرىنى بېغىشلىغان تالىبلىرى، ئەل ـ جامائەت، قىسقىسى، بارلىقىنى زاۋۇت، فابرىكىلارنىڭ ئىس ـ تۈتەكلىرى قاپلىغان ئۈرۈمچى شەھرىگە قۇربان قىلىپ بېرىش مەخسۇم ئۈچۈن ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما، ئىسلام دىنى ئىنىستىتوتىدىكى دىيارىمىزنىڭ ھەر تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىمغا بولغان ئىشتىياقىلىرى، ئۇلارنىڭ مەخسۇمھاجىمغا بولغان ئىھتىياجلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان بولغاچقا، ھاياتىدا تەلىم ـ تەربىيەگە ھېچ نەرسىنى تىگىشىپ باقمىغان مەخسۇم ھاجىم 1987 ـ يىلىدىن باشلاپ، تاكى بارىن ئىنقىلاۋى يۈز بەرگەنگە قەدەر ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنىستىتوتىدا دەرس بىرىپ كەلدى.
1990 ـ يىلقى بارىن ئىنقىلاۋىدىن كېيىن، مەخسۇمنىڭ دىنى مەدرىسىسى قايتىدىن پىچەتلەندى ۋە مەدرەسە مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى، مەخسۇمھاجىممۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. چۈنكى، بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ ئالدى ـ كەينىدە مەخسۇمھاجىمنىڭ تالىبلىرىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئورۇن تۇتقان ئىدى.

ھاياتى ئاددى ـ ساددا، ئەمما مەنىۋى دۇنياسى تۇلىمۇ باي ئۆتكەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم، بارلىغىنى تەلىم ـ تەربىيەگە بېغىشلىدى. مەيلى تۈرمىدە بولسۇن ياكى جەمىئىيەتتە بولسۇن، بەش ۋاقت نامىزىنى تاشلىمىدى، باشقىلارغا بىرىدىغان تەلىم ـ تەربىيىسىنى ئىمكانىيىتىنىڭ يىتىشىچە داۋاملاشتۇردى. شۇڭىمۇ خەلقىمىز مەخسۇمنىڭ شان ـ شەرىپى، ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى ھامان ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇنى دىيارىمىزنىڭ نەرىگىلا بارمىسۇن، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردى...
مەرھۇم 1993 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ناماز شامغا تاھارەت ئېلىپ، نامازغا تۇرىدىغان چاغدا باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپات خەۋىرى تامامىي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سالدى. گەرچە، مەخسۇمنىڭ نامىزىنى چىقىرىدىغان كۈنى، قاغىلىققا كىرىدىغان قاتناش يوللىرى توسۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئون مىڭلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ نامىزىغا قاتناشتى.... شۇنداق ئابدۇلھەكىم ئابدۇلجېلىل مەخسۇمھاجىم ۋاپات بولدى، بىراق، ئۇنىڭ مىڭلىغان تالىبلىرى دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق خاراكتىرگە ئىگە ھىمايىچىلىرىگە ئايلاندى. مەيلى ۋەتەن ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، ئۇلار ھامان خەلقىمىزنىڭ دىنى ئېتىقادىغا، مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ساھىب چىقتى. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ھامان بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن تەڭ كۈلۈپ، تەڭ يىغلىدى. ئۇلار كىم ۋە قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىمكانى يار بەرگەن ھەرقانداق خىزمەتتىن باش تارتمىدى. ئۇلارنىڭ تەقدىرى قىسمەتلىرى گەرچە تۇز سۈيىدەك ئاچچىق ئۆتكەن بولسىمۇ، اﷲ دىن باشقا ھېچكىمگە ۋايسىمىدى، ھېچكىمدىن باشپاناھلىق تىلىمىدى..... مانا بۇلار مەخسۇم ھاجىم روھىنىڭ ئۇنىڭ تالىبلىرىدا يېتىلىۋاتقان ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئىدى.
جانابى اﷲ دىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم ۋە ئاتىسى ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىملارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلىپ بېرىشىنى، قىلغان ئەمەللىرىنى سەدىقە جارىيە (يەنى ساۋابى ئۈزۈلمەي يىتىپ تۇرىدىغان سەدىقە) قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمىز، ئامىن! اﷲ ئۇلارنىڭ مىڭلارچە تالىبلىرىنى ئىككى دۇنيا بەخت – سائادىتىگە ئىرىشتۈرگەي! ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مىڭلارچە مەخسۇمھاجىملارنى يىتىشتۇرۈپ، دىنىمىزنىڭ اﷲ كۆرسەتكەن پرىنسىپلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق ۋە مۇيەسسەر قىلغاي! ئامىن!!!!

0998ۋارىس

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 05:46:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر خەتتات

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىسى بولغان ئۇلۇغ كەبىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىگە ئالتۇن بىلەن يېزىلغان خۇشخەتلەرئارىسىدا« ئابدۇرېھىم ئەمىن »دېگەن ئىسىم ھېلىھەم كۆزۈمىزگە چېلىقىدۇ. بۇ بىز سۆزىنى قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر خەتتاتنىڭ نامى ئىدى. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبى تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان ۋە ناماز ھە م دۇئالىرىدا ئۇنىڭغا يۈزلىنىدىغان ئۇلۇغۋار قىبلىسى - كەبىنىڭ ھەر كۈنى مىڭلارچە كىشى قوللىرى بىلەن ئېسىلىپ، يۈزلىرىگە سۈرۈتۈپ كېلىۋاتقان ئالتۇن ئىشىكىگە بىر ئۇيغۇرنىڭ نامى يېزىلغانلىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك كاتتا ئىشتۇر.
ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قارغىلىق ناھىيىسىدىن بولۇپ، خەتتاتلىقنى مەككە شەھىرىدە ئۆگەنگەن ۋە 1962- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش مەخسۇس فابرىكىسى قۇرۇلغاندىن بىرى بۇ مۇئەسسەسەنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.

ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم كەبىنىڭ 280 كىلو ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ئىشىكىدىكى خۇشخەتلەرنى يازغان خەتتاتنىڭ ئۆزى ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەد قاسىم ھاجىم مۇنداق دەيدۇ: « خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن 1925- يىلى قارغىلىقتىن بىر كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە «دارۇلئەيتام»دا ئوقۇغان. 1938 –يىلى مەككىگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ مەككىدە بىر ئۇستىنىڭ يېنىدا تىكىشچىلىككە شاگىرتلىققا كىرىپ تىكىشنى ئۆگەنگەن. بىز 1950- يىللىرى مەككىگە كەلگىنىمىزدە، مەككىنىڭ قەدىم كوچىلىرىدىن «بۇخارىي كوچىسى»دەپ ئاتىلىدىغان كوچىدا بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ دۇكىنى بولۇپ، شۇ دۇكانلارنىڭ يېنىدىكى بىر تىكىش دۇكىنىدا تىكىشچىلىك قىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن 10 ياكى 15 يىل كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتىكى مىسىر رەئىسى جامال ئابدۇنناسىر بىلەن ئارىسى بۇزۇلغانلىق سەۋەب بىلەن تارىختىن بىرى مىسىردىن كېلىۋاتقان كەبىنىڭ يوپۇغىنى مەككىگە ئېلىپ كېلىشتىن توسقان ۋە كەبىنىڭ يوپۇغىنى ئۆزىمىز توقۇيمىز دېگەن مەقسەت بىلەن مەككىنىڭ ھازىرقى كونا جىددە يولىدا «كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش فابرىكىسى» نى قۇرۇپ چىققان. ئابدۇرېھىم ئەمىن سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدەئۇستا خەتتات بولۇپ تونۇلغانلىقتىن،ئۇ مەزكۇر فابرىكىدا كەبىنىڭ يوپۇغىغا خۇسنىخەتلەرنى يېزىش ئىشلىرىغا تەيىنلەنگەن. كېيىنچە شۇ فابرىكىنىڭ باشلىقى بولغان.»
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى «ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى»دا خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتايلىرىنى بېكىتىش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز رەھمەتۇللا ئەنايەتۇللانىڭ ئېيتىشىچە: ئابدۇرېھىم ھاجىم 1980- يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەد سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندە، ئىسمايىل ئەھمەد بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇزىنىڭ قارغىلىقتىن ئىكەنلىكىنى ۋە بەزى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن.

«ھەرەمدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار»دىگەن ماقالىلارنى يازغان ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە: ئابدۇرېھىم ھاجىم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئانچە كۆپ ئارىلىشىپ كەتمەيدىغان كىشى بولغانلىقتىن كۆپ ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيدىكەن.
ئابدۇلئەزىز يۇنۇس ھاجىم مۇنداق دەيدۇ:« ئابدۇرېھىم ئەمىن زەگەرلىكتە بىرىنچى، توقۇمىچىلىقتا بىرىنچى ۋە خەتتاتلىقتا بىرىنچى بولغان ئادەم ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قرالى ئابدۇلئەزىز كەبىنىڭ ئىشىكىنى ئالتۇندىن قىلىش ۋە يوپۇقنى يېڭىلاشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇنى كۆرگەن قرال بۇلارنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ خەتتات ئابدۇرېھىمنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ، قانداقلا ھاجىتى بولسا راۋا قىلىپ بېرىشنى ئېيتقاندا، ئابدۇرېھىم ئەمىن، «مېنىڭ ئىسمىم كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلىپ قالسا»دىگەن تەلەپنى قويىدۇ. قرال بۇ ئادەمنىڭ ئېسىللىكىدىن تەسىرلىنىپ تەلىبىنى دەرھال قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىسمى كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلىپ قالىدۇ. كېيىنچە ئابدۇرېھىم ئەمىن 300 دىن كۆپرەك ئادەم ئىشلەيدىغان«كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش فابرىكىسىى»غا باشلىق بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن 30- 40 يىللار كېيىن ئابدۇرېھىم ئەمىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ».

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ كىشىنى 1980- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىستانبۇلنىڭ لالەلى دىگەن يېرىدىكى بىر مېھمان كۈتۈشتە كۆرگەن ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىشى 60 بىلەن 65 ياشلار ئارىسىدا ئىدى. شۇ چاغدا يېنىدا 8-10 ياشلار ئارىسىدىكى بىر بۇغداي ئۆڭلۈك قىزى بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن بۇ قىزنى بىر ئەرەبتىن بېقىۋالغان ئىكەن. مەن ئۇ قىزدىن ۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋىدىم. شۇنچە چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ بەردى»

بۇنىڭدىن ئابدۇرېھىم ھاجىمنىڭ مىللىي غۇرۇرى كۈچلۈك بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. چۈنكى ئەرەبتىن بېقىۋالغان بىر قىزنىڭ ئۇيغۇرچە پاراڭغا جاۋاب بېرەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىيالىشى ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېلىپ چىققان بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1980 – يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئانا ۋەتەندىكىلەرنىڭ قارام – قاتناشلىرى ئەمدىلا باشلانغان بىر ۋاقىت ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ جايدىكىلەر ھازىرقىدەك كۆپ ئۇيغۇرنى ئۇچرىتالمايتتى. ھازىرقىدەك سىنئالغۇ ئەسۋابلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. دىمەك بۇ ئەرەب قىزىغا ئۇيغۇر تىلىنى ۋەئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشنى ئابدۇرېھىم ھاجىم بىلەن ئايالىنىڭ ئۆگەتكەنلىكى ئېنىق.

ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم كېيىن يەنە بىر ئوغۇل بالا بېقىۋالغان ئىكەن. ھازىر ئابدۇرېھىم ھاجىملارنىڭ مەككىدىكى چوڭ ئۆيىدە شۇ ئىككى بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى ئولتۇرماقتا ئىكەن.
خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم 1993- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ۋاپات بولغان ئىكەن.

مەنبە:مەرىپەت مۇنبىرى.

0998ۋارىس

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 05:50:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇلئەزىز مەخسۇم

ئۇلۇغ پەيغەمبىرىم چەككەن جاھاندا ئۈممىتىم دەپ غەم.
ئۇنىڭ بىر ئۈممىتى زىنداندا ياتقاي مىللىتىم دەپ ھەم

كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغۇچى ئۆتكۈر شىئىر-غەزەللىرى، ئىگىلمەس-سۇنماس پىداكارانە روھى ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىنىڭ تىللىردا داستان بولۇپ كىلىۋاتقان ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، 1894-يىلى ئۇيغۇر يىڭىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بايراقدارى، جامائەت ئەربابى، يىتىشكەن ئالىم، شۇنداقلا يىڭى زامان ئۇيغۇر مائارىپىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇلقادىر ئابدۇلۋارىس(تەخەللۇسى: غازى) داموللامنىڭ ئائىلىسىدە ئاتۇشتا دۇنياغا كەلدى.

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئاتىسى ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بىلەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھرىدە پۈتتۈردى. بۇ جەرياندا داموللام ۋە باشقا بىر قىسىم ئۇستازلاردىن ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۈگەندى.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئابدۇلقادىر داموللام ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنى چەتئەلدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيلەش مەقسىتىدە ھىندىستانغا ئەۋەتىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدۇ.
ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى ئىلىپ بىرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كۆرەش جەريانىغا توغرا كىلىدۇ.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھۆرلۈك، ئەركىنلىكنى ئۆزلىرىنىڭ ئالىي نىشانى قىلغان بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.
ئىزىلگەن ھىندىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىلىپ بارغان كۆرەش سەپلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ.

1924-يىل 8-ئايدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ يوشۇرۇن پىلانلىشى، ساتقىن مۇناپىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئابدۇلقادىر داموللام ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھەر كونائوردادىكى كۈتۈپخانىسىدا رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلىنىدۇ.
شۇ يىلى كۈز مەزگىلىدە بۇ شۇم خەۋەردىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىشىغا كەلگەن پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇلئەزىز مەخسۇم دادىسىنىڭ قاتىلىنى، توغرىسى ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ قاتىلىنى تىپىپ، خەلقتىن ئىبارەت بۇ ئادىل سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ھىندىستاندىن ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كىلىدۇ.
ئەپسۇسكى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك توسقۇنلىقى بىلەن ئۇ ئاچقان داۋا ئۈنۈمسىز ئاخىرلىشىدۇ.
  
ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاتىغان ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ 1920-يىللاردىن باشلاپ شېئىر يىزىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.
ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت سەمەرلىرىگە ئىتىقاد نوختىدىن قاراشنى ئۆزىنىڭ مۇتلەق سۆيگۈسىنى، بارلىقىنى ۋەتەننى، خەلقىنى، ياشلارنى، ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، ئار-نۇمۇسىنى، مەدەنىي مىراسلىرىنى، ئىتىقادىنى، ئومۇمەن، ۋەتەن-مىللەتكە بولغان ئىخلاسنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتمىغان شائىر، ئانا تۇپراقنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۆمۈر تاپىنىدىن تارتىپ چىقىرىش ئۇچۇن كۆرەشكە چاقىرىشتىن، جەننەت مىسالى گۈزەل ۋەتىنىنىڭ تەبىئى مەنزىرلەرىنى تەسۋىرلەشتىن، رەقىپلەرىگە نەپرەت ياغدۇرۇشتىن باشقىغا ئىشەنمىدى.
شائىرنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى، رەقىپلەرىگە بولغان نەپرىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا، كۆرەشتىكى سەۋىرچانلىقى، پىداكارلىقى، ئىسيانكارلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
قاراڭغۇ تۈرمە، زەي زىندان، ئىغىر جىسمانىي ئەمگەك بۇ ئىتىقادلىق ئىنساننىڭ گىگانت گەۋدىسىنى ھۆرلۈك دەۋاسىدىن، ئىتىقادىدىن ۋاز كىچىشكە كۆندۈرەلمىدى.  

مىللەتنى ئويغۇتۇش، يىڭىلىققا ئىنتىلدۈرۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خائىنلارنى قامچىلاش، زۇلۇمغا قارشى كۆرەشكە چاقىرىش، ئىنسانىيەت كىشىلىك ھوقوقىنى قوغداش-شائىر ئابدۇلئەزىز مەخسۇم شىئىرلىرىنىڭ مەركىزى تىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى رەھىمسىزلەرچە قامچىلاپ تەنقىدلىگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن بىز شائىرنىڭ شىئىرلىرىدىن تەكلىماكان ئەھلىنىڭ جىددى تەشۋىشلىرى ۋە  ئۈمىت ئىشەنچىلىرىدىن يۇغۇرۇلغان بىر غىرىپ كۈينىڭ يۈرەكنى لەززىگە سالىدىغان ياڭراق مۇزىكىسىنى ئاڭلىغاندەك بولىمىز.

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ياڭ زىڭشىن دەۋرىدىن باشلاپ(1914-1924)، جىن شۇرىن(1924-1933)، شىڭ سىسەي (1933-1944)، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى(1944-1949) دەۋرلىرىدە ۋە ئازاتلىقتىن كېيىنكى تۈرلۈك «سولچىل سىياسىي ھەرىكەتلەر»(1949-؟) ئەۋج ئالغان مەزگىللەردە بولۇپ، چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى 58 يىللىق ھاياتىنىڭ 43 يىلدىن كۆپرەكىنى تۇرمەلەردە ئۆتكۈزگەن ئىدى.  
شائىرنىڭ تازا جاسارەتكە تولغان چاغلىرى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنى چىرىتىپ تۈگەتكەن قاراڭغۇ كامىرلاردا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئۆتتى.

1980-يىلى كۈز ئايلىرىدا شائىرنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە كىسەل ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ھۆكۈمەت ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنى تۈرمىدىن قويۇپ بەردى.

ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىغان ئانايۇرت خەلقى، قەيەرگىلا بارسا شائىرنى بىشىدا كۆتۈردى، چەكسىز ئىززەت-ئىكرام، ھۆرمەت-ئىھتىرام بىلەن قارشى ئالدى.  
شائىر ئابدۇلئەزىز مەخسۇم قەشقەر، كۇچار، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا بىر قاتار زىيارەتتە بولغاندىن كىيىن، ئۈرۈمچىگە كىلىپ يەرلىشىدۇ.  
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم 1982-يىلى 8-ئايدا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن، خەلق بىلەن كۈيىنى بىللە كۈيلەپ، يىغىسىنى تەڭ يىغلاپ، كۈلكىسىنى تەڭ كۈلۈپ ئۆتكەن بۇ جاسارەتلىك ئىنسان، قانداقتۇر ھىچ كىشى چۈشۈنەلمەيدىغان، ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، ئاتالمىش «پويىز ۋەقەسى»دە، ئۈرۈمچىدە ئۆزى ئۈچۈن ھاياتىدا كىچىككىنە بىر خۇۋلۇق كۆرسەتمىگەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
ئىنقىلابى شائىر، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بىر دىنى ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن:

<<ۋەتەن ۋە مىللەتنى سۆيمەك ئەھلى ئىسلام شانىدۇر.  
بۇ ھەقىقەت، بۇ ئادالەت تەڭرىنىڭ پەرمانىدۇر.>>  

دىگەندەك جاراڭلىق مىسرالىرى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ساداسىنى ياڭرىتىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ھەقىقى ئۈلگىسىنى يارىتىدۇ.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۆلمىدى، ئۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كۆرەش يولىدىكى نامايەندىسىگە ئايلاندى.
  
ياشلارغا مەدھىيە

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم (ئەزىزى)

ياشلىق ئۆمۈرنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغى،
قاينام ھاياتنىڭ بەك كۆركەم باغى،
ھۆرلۈك-بۇ گۈلزار باغنىڭ مىۋىسى،
ۋىجدان-تېنىدۇر. ھىممەت-ياپراغى.

ياشلىق زور نىئمەت بۈيۈك غەنىمەت
بۇ غەنىمەتنىڭ قەدرى بەك قىممەت
مىللەت-ۋەتەنگە تەقدىم قىلغاندا
ئىرۇر ئەڭ شانۇ-شەرەپلىك ھىممەت

ھەر كۈن تارىخدىن ئۇچار بىر ياپراق
ھايات شىخىدىن چۈشەر بىر ياپراق
ياشلىق دەۋرانى-شوخلۇق جەريانى
شۇل ھايات ئۈچۈن ئەڭ خۇشبۇي پۇراق

ياشلىق بىر ياقتىن ئۆتكۈر كەسكىنلىك
جۇنۇن ئارىلاش شوخلۇق ئەركىنلىك
سۇندۇرالمايدۇ ياشلىق روھىنى
تۈرلى خام-خىيال قىسمەن قىيىنچىلىق

ئوتتەك يالقۇنلاپ ياشلىق مەزگىلى
ئىچىلىپ تۇرغاي خۇش ھىدلىق گۈلى
ئەڭ شانۇ-شەرەپ ھەر بىر ياش بىلسۇن
ۋەتەن مىللەتنىڭ ئۆتكۈر بۇلبۇلى

ياشلىق ھاياتنىڭ شەرەپ-شانلىرى
ياشلار مىللەتنىڭ ئارسىلانلىرى
ۋىجدانلىق ياشلار ھەققانىيەتلىك
جەڭ مەيدانلىرىنىڭ قەھرىمانلىرى

ۋىجدان ئەسلىتەر مەقسەت نىشاننى
چىقىرىپ تاشلار قۇرۇق ئارماننى
ئەركىن ئازاتلىق يولىدا ۋىجدان
كۆزلەر ھەققانى كۆرەش مەيداننى

ياشلىق جەريانى مەۋسۇمى باھار
كۆڭۈللۈك گۈزەل رەڭگارەڭ گۈلزار
تىخىمۇ ياشناپ تىخىمۇ گۈللەپ
بولۇر بۇ گۈلزار ياشاشقا مادار

ياشلىق ھاياتنىڭ كۆركەم زامانى
شانۇ-شەۋكەتلىك گۈزەل دەۋرانى
يالقۇنلاپ تۇرغاي ئەزىز ياشلارنىڭ
ئوتلۇق يۈرەكى ئۆتكۈر ۋىجدانى

ياشلار ئىلكىگە قەلەم ئالغاندا
تىرەن ئىلھاملار كىلەر يازغاندا
بايراق كۆتۈرۈپ جەڭگە ئاتلانسا
چاقماق چاقتۇرار قىزىل مەيداندا

ياشلار جىسمانى قابىلىيەتلىك
روھى جىسمانى ئۆتكۈر خىسلەتلىك
بولسۇن ياشلاردا مىللى ھىسيات
بولسۇن شۇ چاغ زور پەزىلەتلىك

ياشلىق گۈللىرى نىمىدىن ئىبارەت
يەنى ۋىجدانى ھىممەت جاسارەت
ۋەتەنگە كۆيۈش مىللەتنى سۆيۈش
شۇ خۇشبۇي گۈللەر ئۈچۈن بىشارەت

بولسۇن ھەربىر ياش ئالىي نىيەتلىك
دىن ۋە دىيانەت ھەققانىيەتلىك
مىللىتى ئۈچۈن بولۇر ئىپتىخار
ۋىجدان ئىگىسى ئىنسانىيەتلىك

يۈزۈڭلارنى ياخشى ئاقلاڭلار
تارىخىڭلارنى ئوبدان ساقلاڭلار
ۋەتەن مىللەتنى جان دىلدىن ئاسراپ
ھەققانىي يولنى دائىم ياقلاڭلار

ئەزىز ياشلىرىم بولۇپ مەردانە
ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن كۆيۈپ پەرۋانە
قۇرۇق ئوي بىلەن خام تەمە قىلىپ
بولۇپ قالماڭلار ھەيران ۋەيرانە

ئەزىز ياشلىرىم غەييۇر ئارسىلان
ياۋلارغا قارشى جەسۇر قەھرىمان
باسقان ئىزىدىن يانماس ئوت يۈرەك
قىرىنداشلىرى ئۈچۈن دائىم مىھرىبان

ئەزىز ياشلىرىم ئۆتكۈر ۋىجدانلىق
ئىسلام دىنىنى سۆيىدۇ ئىمانلىق
مەھكەم ئىرادە قەيسەر نىشانلىق
مانا شۇ ئۆلگە تولۇق ۋىجدانلىق

ئەزىز ياشلىرىم بولسۇن بەختىيار
دىگەن تىلەكتە غايەت ئۈمىدۋار
بولغاچ <<ئەزىزى>> ياشلار شەنىگە
يىزىپ ئەسەر قىلىندى يادىكار

0998ۋارىس
ئۇيغۇرت بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 05:56:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش