ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت gunqa721 كە 2011-06-21 17:54ئەۋەتىلدى :
بۇ خان ئۈچ ئايدىن بۇيان «ئاشىقى»نى ئىزدەپ يۈرگەن تۇرسا، دوختۇرخانا ئاللىقاچان ئۇنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكەندۇ ھەقچان. بۇ قىز بەك خىيالىكەن. ئۆزىنى كىنولاردىكى شەخسكە ئوخشىتىپ قالغان ئوخشايدۇ. بىر ئادەمنى شىنجاڭ تەۋەسىدىن ئەمەس بىر شەھەردىن تاپماقمۇ بەسى مۈشكۈل تۇرسا، ئەمەلىيەتكە بېقىپ ئىش تۇتماي نۇرغۇن پۇلىنى يوق قىلىپتۇ. ھېلىمىۇ ئالىي مائارىپ تەربىيەسىنى ئاپتۇ، بولمىغان بولسا پۈتۈن جۇڭگودىن ئىزدەيدىكەن ئەسلى.
بۇ گېپىڭىز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ تاغام نەۋرە ئاكامنى شاڭخەي دېگەن يەردىن 10كۈندە تېپىپ چىقتىغۇ ؟ يول بولسا ، پۇل بولسا توخۇنىڭ سۈتىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ ھازىر .
سۈيۈملۈك مەشۇقىنىڭ راس كىملىكى بولغان بولسىدى ، ئۇ ئاشىقمۇ تاپالىغان بولاردى كىچىككىنە شىخۇ دېگەن يەردىن .