تاڭنۇر بۇ مۇسابىقە توغۇرلۇق سۈكۈتتە تۇرماقچى
قاندا بار ئۇيغۇرنىڭ ،پۇتبول ھەۋىسى ،
قاندا بار ئۇيغۇرنىڭ، ئۆملۈك ئەھدىسى .
جىسمىدۇر ئۇيغۇرنىڭ، قالقان -ئىرادە ،
پۇتبۇلدىن شات قۇچۇش ئارمان ۋەدىسى .
چىملىقتا ياڭرايدۇ ، پۇتپول ناخشىسى ،
نىشانلار ئۆچمەيدۇ ،كۈندۈز – ئاخشىمى .
بارى ھەم مىرئەخمەت ، تالاي يىگىتلەر،
ۋەتەنگە –مىللەتكە ، شەرەپ تاپقۇسى .
مەيداندا قالماقتا ، ئۆچمەس ئىزىمىز ،
بۈگۈنگە ئۇل سېلىپ ،ئوغول -قىزىمىز .
ئىھساق ھەم ئۈمۈتتىن ،ئۆرنەكلەر ئېلىپ ،
قۇياشتەك چاقنىسۇن ، شەرەپ –نامىمىز .
تالايلاپ ئارزۇلار ، بولسىمۇ يەكسان ،
دىللاردا بۇ پۇتبول،قىلماقتا جەۋلان .
بىلىمگە چىڭ باغلاپ پۇتبول كۈچىنى ،
ئىناقلىق –پۇتبولدا سۈرەيلى دەۋران .
پۇتبول ئۇ ،تىنچىلىق ،دوسلۇق ئۇرىشى ،
ھەر ئىسىل ماھارەت ، نامايەن كۈرىشى .
بولغاچقا پۈتبولدا ، كۆز يەتمەس سىھىر ،
چاۋاكلار ياڭرىتار ، بارچە ھەر كىشى .
ئوت يۈرەك ئوغلاننىڭ ، نىشانى پۇتبول ،
چىملىقنى تىتىرتەر ،چولپانى –پۇتبول .
ھۇررادىن بارچە ئەل ، ياڭرىتار ئالقىش ،
تىنىچلىق –دوسلۇقنىڭ ئەلچىسى پۇتبول .
مەنبە: تاڭنۇر ( خەيرۇللا قۇربان، بۆرتالا)