مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: www.gulqi.biz

(جىددىي)قەشقەردىكى يوللارغا ئىسىم قويۇشۇپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21525
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 323
توردا: 3938 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 05:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە « ئەمىن يولى» دىسە ، خەنزۇلار ئاھاڭى بۇيىچە 爱民路 دىسە بولىدىغاندەك قىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2681
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7247
تۆھپە نۇمۇرى: 1011
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 05:32:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار  ياخشىمۇ سىلەر ؟  مېنىڭچە مەھمۇد دېگەن ئىسىم مۇۋاپىقمىكىن دەپ قارايمەن .  چۈنكى تارىختا بۇ ئادەمنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە تۈرك مىللەتلىرى تارىخىغا ھەم شۇنداقلا جوڭگو تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس . مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 1000يىللىق تۇغۇلغان خاتىرە پائالىيەتلىرى كۆپ دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلدى  . مېنىڭچە بۇنىڭغا قەشقەۋىلايەتلىك پارتىكوم ۋە قەشقەرنىڭ ھەرقايسى قاتناش تارماقلىرى قارىشى تۇرماس دەپ قارايمەن . بۇ توغرىسىدا پۈتۈن تورداشلار ھەم شۇنداقلا قەشقەر تەۋەسىدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئاۋاز بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ۋاقىتنىڭمۇ سورى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 837
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1092 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 06:08:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئاۋال چوقۇم ۋىلايەتلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومتېتتىغا ئىنكاس قىلىپ ،چوقۇم ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە ئىسىم ئاتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك.چۈنكى ئاپتونۇمىيە قانۇنىنڭ ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى شۇلارنىڭ قولىدا

دۇنيادا پەقەت:مەرت باينىڭ بايلىقى بىلەن سېخى ئالىمنىڭ بىلىمىگىلا ھەسەت قىلىشقا بۇلىدۇ.

ئاللاھ ھىدايەت ق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28765
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2346
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2011-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 06:13:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئاسان قىلسۇن!يەنىلا يولىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشىگە قارىتا قويغان تۈزۈكمىكىن دەيمەن!

مۇسلىم

ھايات بىر تىراگى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42204
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 53
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2011-5-26
ئاخىرقى: 2011-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 06:41:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەركىنلىك ھايات مەن ئۇچۈن ھەممىدىن قىممەت ، ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت . لىكىن كىچمەن ھەر ئىككىسىدىن ، ئازاتلىق، ئەركىنلىك ئۇچۈنلا پەقەت .                            پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36021
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1598 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 07:58:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىككى ئىسىمنى تەۋسىيە قىلاي.1-مەھمۇد قەشقىرى كوچىسى.2-يۇسۇپ خاس ھاجىپ كوچىسى.

ئىتىپاقلىق كۈچ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36134
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1736
تۆھپە نۇمۇرى: 151
توردا: 2312 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 08:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر نام دەسلەپ قانداق قويۇلۇپ قالسا، ئۇ ھەرقانداق بىمەنە نام بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئۆزگەرتىدىغانغا ئىمكانىيەت بولمايدىكەن. نەچچە يىللار بۇرۇن مىشار يېزىسىدىكى بىر مەھەللىگە بىر بازار قۇرۇلغان، ئۇنىڭغا "دادى بازىرى" دەمدۇ، ياكى "دالى بازىرى" دەمدۇ بىر ئىسىم قويۇلۇپتىكەن، 4، 5 يىلدىن بىرى ھەرقېتىملىق قۇرۇلتايدا بۇ يۇرتنىڭ قەدىمى ئىسمى مىشا بولغاندىكىن "مىشا بازىرى" دەيلى، دەپ پىكىر كىرگۈزۈپ تۇرىۋاتىمەن، ئەمما بۇ "مىشا بازىرى" دېگەن نام پەقەت مېنىڭ ئاغزىمدىلا ئىزچىل ئەمەلىلىشىگلىك. مىشا بازىرى دېسەم، بۇ ئىسىمنى تۇنجى ئاڭلىغان  ئۇيغۇرمۇ دەرھال چۈشۈنۈگلۈك، ئەمما كاتتا مەسچىتنىڭ داموللىسىمۇ دالى بازىرى دەگلىك.
بۇ يول بىرەر نامدار كەنتكە بارىدىغان، ياكى بىرەر نامدار كەنتتىن ئۆتىدىغان يول بولسا، يولنىڭ نامى شۇ كەنتنىڭ نامى بىلەن ئاتالسا، مەسىلەن شامالباغ يولى، توغاچلا يولى، جاڭگالساي يولى دېگەندەك،  ئۇنداق نام بولمىغاندا خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە نامى ھېلىقى قاملاشمىغان نامغا بىرقەدەر يېقىنلىشىدىغان "ئەمىن يولى(爱民路)" دەپ ئالسا مۇۋاپىق بولغىدەك.
مەن بىرەر ئورۇن-جايغا ئىسىم قويغاندا يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئۇيغۇن بولغان ئىسىملارنى قويۇش ھەققىدە نىزامنامە بار دەپ ئاڭلىدىم، لىكىن، قايسى نىزامنامىنىڭ قايسى يېرىدە بار بىلمىدىم، بەلكىم خەنزۇچە بىلىمى يۇقۇرى بالىلار گوگلىدىن يەرناملىرى ھەققىدە نىزامنامە ئىزدەپ باقسا، كېرەكلىك ئۇچۇرغىمۇ ئىرىشىپ قالارمىز.
ماۋۇ يۇرتىمىزنىڭ نامىدا "ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن" بولغاندىكىن، ئەسلىدە مۇشۇنداق نام قويۇشلار ئۈچۈن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىكىتىلگەن بىرەر "ھۆججەت" بولىشى كېرەك ئىدى، بەلكىم بار بولىشى مۇمكىن، ناۋادا بولمىسا، مەركەزنىڭ دۆۋلەت دەرىجىلىك مۇشۇ ھەقتە بىرەر "ھۆججىتى" بولىشى مۇمكىن، ئۇمۇ بولمىغاندا دۆۋلەت ئىمزا قويغان بىرەر خەلقئارا قانۇن بولىشى مۇمكىن، ئالدى بىلەن شۇ ھەقتىكى مەلۇم دەرىجىلىك "ھۆججەت"نى ئاساس قىلىپ،  شۇ ھۆججەتكە ئاساسەن، يەرلىك ئىسىم قويۇشنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ ۋە بۇ يەرلىك ئىسىمنىڭ قويۇلىشىدىكى تارىخى ياكى ئىجتىمائىي ئاساسنى تەمىنلىسەك، ئاندىن بۇ ئىش روياپقا چىقىشى مۇمكىن.

بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.   تۇرايىم: قۇت تۇرا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17680
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5992
تۆھپە نۇمۇرى: 613
توردا: 2250 سائەت
تىزىم: 2010-11-15
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 08:06:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە «بۇغراستان كوچىسى»،«باغستان كوچىسى» ،«گۈلىستان كوچىسى» ،«مەھمۇد كوچىسى»،«ئىپارخان كوچىسى» قاتارلىق ئىسىملار ،مەنىسىنى ماتىريال يوللىغۇچى ئويلانسا بىلەلەيدۇ.

قەدرىمنى مەن ئول

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31327
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1036
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 08:41:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئەمىن يولى دىگەننى قوللايمەن

مەن ئوز يولومدا مىڭىۋىرىمەن  باشقىلار سوزلەپلا قالىدۇ

ئەلچى گۈلچىلىكى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43435
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1625
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 09:53:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ ، پىكىر بەرگىنىگە رەھمەت . پىقىر مۇشۇ ئىسمىلار قېتىدىن مەلۇم ئىسىمنى تاللاپ ، ئالاقىلىشىپ ، پىكىر ئېلىش گۇرۇپپىسىغا يەتكۇزىمەن.
بەلكىم بۇ ئۇرۇنىشلىرىمىز ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن . ئەمما بىزدە «يىتىپ قالغۇچە ، ئېتىپ قال» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ؟ قاراپ تۇرغاندىن تىرىشىپ باققان ياخشى .
پىقىرنىڭ بىر ئادىتى شۇ : ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىش ، يەنىلا نەتىجە چىقمىسا مەيۇسلەنمەسلىك .
بەلكىم تىرىشچانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى بۇلۇپ قالار !
تەكلىپلەرنىڭ داۋاملىق ئۈزۈلمەسلىكنى ئۈمد قىلىمەن

پۇتكۇل شىنجاڭ بويىنچە گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز تور ئادرىسىمىز :www.gulqi.biz

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7140
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6312
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 10:20:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي،،،بەرىبىر ئەسقاتماسمىكىن ،بىزنىڭ ئاقسۇدىمۇ قىزىلكۆۋرۈكنىڭ سول تەرىپىدىكى يولنى 94-يىللاردا ياسىغاندادوسىتلۇق يۇلى دەپ بىر چىرايلىق ئىسىم قويغان، بىر يىل بۇرۇن بۇ يولنى قايتا ياسىغاندا خاڭجۇ يۇلى دەپ ئات قۇيۇۋالدى بۇنىڭغا بىر نىمە دەيدىغان ئادەم چىقمىدى ،ھەي بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك .

چاقماق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6665
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8484
تۆھپە نۇمۇرى: 680
توردا: 2239 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 10:55:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى پىكىر قىلىپسىز، ئەقلىڭىزگە بارىكاللاھ!
ئەگەر ھەممە ئۇيغۇرلار سىزدە مەسئۇلىيەتچان بولىدىغان بولسا، ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم ئۈمىد زور.

گەپكە كەلسەك، ئۇيغۇر ئىسىم قويۇشتىكى سەۋەب:
1. قەشقەر قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، قەدىمكى يېپەك يولىدىكى مەدەنىيەت يۇرتى بولۇش بىلەن بىرگە، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان شەھەردىكى يوللارغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇش ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىق. مەسىلەن: خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان بېيجىڭ ياكى شىئەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى يولغا ياپونچە ياكى ئېنگلىزچە ئىسىملارنى قويۇش مۇۋاپىق ئەمەس. چوقۇم شۇ مەدەنىيەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچى مىللەتنىڭ تىلىدىكى ئىسىمنى قويۇش كېرەك. قەشقەرمۇ دەل مۇشۇلارنىڭ جۇملىسىدىندۇر.
2. قەشقەر شەھىرىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ئومومىي نوپۇسنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر شەھىرىدىكى يوللارغا چەت تىللاردىن ئىسىم قويۇش قانداقتۇر ئەقىلگە نامۇۋاپىق ئىش بولۇپلا قالماستىن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى گاڭگىرىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇش مۇمكىن. مۇنداق بولغاندا،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يېتىپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بۈيۈك نىشانغا دەخلىسى بولۇشى ئېنىق.
3. قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. ناۋادا، بۇ يولغا خەنزۇچە ئىسىم قويۇلسا، خەلقئارادىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ۋەتەن سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ مۇشۇنداق كىچىككىنە ئەھۋاللارنىمۇ دەستەك قىلىپ، رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتىشىگە، ھەمدە خەلقئارادا پىتنە -پاسات تېرىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىك بولىدۇ.

قانداق ئىسىم قويۇش مەقسىتىگە كەلسەك،
ئالدى بىلەن، شۇ يول بويىغا جايلاشقان مەھەللە ياكى كوچىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىنى ئىزدەپ تېپىش، ھەمدە شۇ ئىسىمنى قايتا قوللانسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئەگەر ئۇ يەرگە ئىسىم قويۇلمىغان ياكى قويۇلغان ئىسىم ئۇنتۇلغان بولسا، چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇۋاپىق بىر سۆزنى قويۇش كېرەك.
خەنزۇچە 建安 يولى دەپ قويۇلغان بولسا، ئۇيغۇرچە ماس ھالدا «جانان» يولى دەپ ئاتىسىمۇ بولىدۇ.
ياكى تېنچ ئامانلىقىنى نىيەت قىلغان بولسا، سىز ئېيتقاندەك «ئەمىن يولى» (爱民路) دەپ قېلىپلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.
لېكىن، بۇنى ئېنگلىزچە بايان قىلىش زۆرۈر بولسا janan road ياكى Amin (Emin) road دەپ يازسا بولىدۇ.

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5407
تۆھپە نۇمۇرى: 1110
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 11:07:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئەمىن يۇلى دىگەننى قۇللايمەن

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8984
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6088
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 7088 سائەت
تىزىم: 2010-9-3
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 12:42:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹تارىخىي مەدەنىيەتكەئىگە داڭلىق شەھەر ،كوچا ، ئىمارەتلەرنى قوغداش نىزامى››دىن پايدىلىنىپ بېقىشقا بۇلىدۇ.چۈنكى بۇ يول يېڭى ياسالغان يول بولغان تەقدىردىمۇ يول ياسسىلىشتىن بۇرۇن ئۇ جايلارنىڭ  بۇرۇنقى ئىسمى بولغۇيتى.
ناۋادا ئۇيغۇرچىسىغىمۇ ‹‹جيەنئەن يولى ››دەپ يېزىلغان بولسا ،بۇنى ئۆزگەرتسە بەلەن بولغۇدەك.يەنى سىز دىگەندەك ‹‹ئەمىن يولى›› دىسە.
شەخسەن مەنمۇ ‹‹جەن ئەن يولى›› دەپ خاتا نام قۇيىۋالىدىغاندەك قىلىمەن.

داۋاگەر سۇس بولسا، قازى مۇتىھەم بۇلۇپتۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44755
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1650
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 3849 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 01:36:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش