ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 36قەۋەت پاۋىل كە 2011-06-27 00:55ئەۋەتىلدى :
ئەسىرىڭىزنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم قەلەم قۇۋىتىڭىز كۇندىن كۈنگەئېشىپ بېرىپتۇ.بۇلۇپمۇ سىز كۇرۇشتۇرۈپ ئىشلىگەن قىستۇرما سۈرەتلەر ئەسەرنىڭ جانلىق چىقىشىغا تۈرۈتكۈلۈك رول ئويناپتۇ. ھەم شۇنداق تەبىئى ماسلىشىپتۇ . بۇلۇپمۇ جەمىيەتتە ئەۋىج ئېلىۋاتقان مارىپ ساھەسىدىكى ھۇقۇقنىڭ كۇزۇرى بولغان « ئالىم بولساڭ ئالەم سىنىڭكى، شوجاڭ بولساڭ خانىم سىنىڭكى » دەيدىغان ناچار ئىستىل ئۇستۇلۇق بىلەن قامچىللىنىپتۇ.
ئەمما سىزگە تۈۋەندىكى تەكلىپلەرنى بىرىشنى لايىق تاپتىم:
1-ئەسەرردىكى ئىملاخاتالىغىغا ئامال بار ئۇرۇن بەرمەڭ.
2-مەيلى قايسى مەخسەتنى ئەكىس ئەتتۈرمەكچى بۇلۇڭ ئەدىبىيات ۋە ئەدىبىياتتا ئىشلەتكەن تىل چۇقۇم ئانا تىلغا ۋېكىللىك قىلىشى زۈرۈر.
3-سىز يازغان يازمىلاردا ئاساسەن ياخشى باشلاپ ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ ئاخرىداھېرىپ قىلىپ خاتىمىگە كەلگەندە(زىددىيەتنى)تەلتۈكۈس ھەل قىلماي بولدى قىلسىز.
.......
ياخشى تەكلىپلىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن ! ئەمما ئىملا خاتالىقىنى ئۆزىمىزدىن باشلامدۇق قانداق؟ ...ئىملادىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىۋالدىم .ئەمما ئەدىبىياتتىن سۆز ئاچقانكەنسىز سىزدىن سۇراپ باقسام تەنقىدى ھەجۋى ھىكايىلەر قانداق يېزىلىدۇ؟
مەن ئۈگەنگەندە -تۇرمۇشتىكى سەلبى پىرسۇنازلارنى پاش قىلىش،ئاشكارىلاش، سەلبى ئىش ھەركەتلەرنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلما جەھەتتىن تىل ئەركىن ئىپادە قىلىنىپ ئۆتكۈر زەھەرلىك ھەجۋى سۆز ئىبارىلەر بىلەن ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش مىجەز خۇلقى ۋە كەمچىلكلىرىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئىنىم قارىغاندا تىمىنى ئۇقۇمايلا ئىنكاسلارغا قاراپ ئىنكاس يازغاندەك قىلىسىز.
ئەلبەتتەتەكلىپ پىكرىڭىز مىنىڭ ئىجادىيىتىم ئۈچۈن زور ئىلھام ۋە ئۆگۈنۇش بۇلىدۇ.شۇڭا سىزگە يەنلا رەخمەت ئېيتىمەن.