مىسرانىم مۇنبىرى «تەلەي يۇلتۇزى» 16- سان
ئەقىل
1-سوئال: خېمىيەۋى ئوغۇت بىلەن ئورگانىڭ ئوغۇتنى سېلىشتۇرغاندا قايسىسىنىڭ ئۇزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى؟
2-سوئال: ئۇنئالغۇدىن چىققان ئاۋازىڭ بەزىدە يۇقىرى بەزىدە تۆۋەن بۇلۇپ ئۆگىرىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئايلىنىش سۈرئىتى مۇقىم بولمىغانلىقىدا، سىزنىڭچە بۇ قاراش توغرىمۇ؟
3-سوئال: رەسساملىق بولسا يۈز، رەڭ ۋە شەكىلنى ۋاستە قىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟
4-سوئال: ئادەم قورققاندا ۋە جىددىيلەشكەندە، ئىچكى ئەزا نېرۋىلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا، بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسى قۇيۇپ بەرگەن ئادرېنالىننىڭ مىقدارى ئاشامدۇ ياكى تۆۋەنلەمدۇ؟
5-سوئال: كۈچ ئۇلاپ يۈگرەش مۇسابىقىسىدە كۈچ ئۇلاش تايىقىنى بىرىش - ئېلىش ئۇسۇلى ئىككى خىل، بۇ ھۆكۈم توغرىمۇ؟
6-سوئال: داۋازلار پولات سىمدا ماڭغاندا قولغا ئۇزۇن خادا ئېلۋېلىشنىڭ سەۋەبى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن. سىزنىڭچە شۇنداقمۇ؟
7-سوئال: قىزىل ۋە سېرىق رەڭلەرنىڭ تەسىرچانلىقى يۇقىرى بولغاچقا ئىسسىق رەڭ دەپ ئايرىيمىز. بۇ قاراش توغرىمۇ؟
8-سوئال: تارىخى ھېكايىلەر تارىخ بىلەن ئەدەبىياتنىڭ بىرلەشمىسى ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا چىنلىق بىلەن بەدىئىي توقۇلما ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلىدۇ دىيىش توغرىمۇ؟
بىلىم
9-سوئال: ئالما ئۆسۈش مەزگىلىدە نەملىككە كۆپرەك ئېھتىياجلىق بۇلۇپ، ئالمىنىڭ يۇرۇقلۇققا بولغان تەلىپى:
ئا: يۇرۇقپەرەس دەرەخ
ب: سايەپەرەس دەرەخ
س: يۇرۇقلۇققا بولغان تەلىپى يوق.
10-سوئال: پويىزنىڭ تورمۇزى :
ئا: ئالدىدىكى پاراۋوز ۋاگونىدىلا بار.
ب: ھەممە چاقتا بار.
س: پەقەت ئالدىدىكى پارۋوزنىڭ چاقلىرىدا ئارقىدىكى بىر قانچە ۋاگونلىرىدىكى چاقتىلا بار.
11-سوئال: يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئاتموسفېرا ماسسىسىنىڭ زور كۆپ قىسىمى يەر يۈزىگە يېقىن بولغان 16 كىلومتېر دائىرىدىكى ئاتموسفىرا قاتلىمىغا مەركەزلەشكەن، بۇ جايدا ھاۋانىڭ زىچلىقى:
ئا: ناھايتى يۇقىرى
ب: ناھايتى تۆۋەن
س: نورمال
12-سوئال: ساپال قاچا – قۇچىلار ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇنىڭ كەشىپ قىلىنىشى قايسى دەۋىرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ:
ئا: تاش قورال دەۋرىگىچە
ب: تۆمۈر قورال دەۋرىگىچە
س: مېتال قورال دەۋرىگىچە
13-سوئال: ھازىر ئاساسى جەھەتتىن ھەممە ئائىلىكلەر تەبئىي گاز ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا بۇ تەبئىي گازنىڭ ئاساسلىق تەركىبى نېمە؟
ئا: ھىدروگىن
ب: مېتان
س: كاربون تۆت ئوكسىد
14-سوئال: «قۇملۇقتىكى ئۆسۈملۈك پادىشاھى» دەپ نام ئالغان ئۆسۈملۈك:
ئا: توغراق
ب: شەمشاد
س: سۆكسۆك
زىھىن سىناش سوئاللىرى
1
5-سوئال: تاللا بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن باشلاپ 1- دىن 6- گىچە جەمئىي 6 رەت مال جازىسى بار. كىر يۇيۇش پاراشوكى مال جازىسى بولسا سۈت تۈرلىرى مال جازىسىغا يانداش، لېكىن كىر يۇيۇش پاراشوكى تاللا بازىرىغا كىرگەن چاغدىكى كۆزگە كۆرىنىدىغان جايدا ئەمەس. گۆش تۈرلىرى مال جازىسى بولكا مال جازىسىنىڭ ئالدىدا، كونسىرۋا مال جازىسى سۈت تۈرلىرى مال جازىسىنىڭ ئالدىدىكى 2-رەتكە تىزىلغان، گۆش تۈرلىرى مال جازىسى مىۋىلەر مال جازىسىنىڭ كەينىدىكى 4-رەتتە.
ئۇنداقتا سىز بۇل مال جازىلىرىنىڭ رەت تەرتىپىنى دەپ بىرەلەمسىز؟
16-سوئال: بىر تاللا بازىرى بىر مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشىنىڭ ناھايتى تىزلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ باھاسىنى ئەسلىدىكىسىدىن %10 ئۆستۈرۈپتۇ. بىراق شۇ كۈندىن باشلاپ ئەتىسى ئۇ مەھسۇلات كۆڭۈلكىدەك سېتىلماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تاللا بازىرى يەنە بىر قېتىم باھانى %10 چۈشۈرۇپتۇ. بەزى كىشىلەر ئەمدى تاللا بازىرى زىيان تارتىدىغان بولدى دىيىشىتى. سىزنىڭچە تاللا بازىرى راست زىيان تارتامدۇ؟ (پايدا ئالغان بولسا ياكى زىيان تارتقان بولسا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ)
17-سوئال: سەككىز ئوقۇغۇچى ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۇققان، ئۇلار ئالىم، ئەمەت، سەمەت، مەمەت، توختى، قادىر، ئېلى، تۇرسۇن قاتارلىقلار.
1) ئەمەت، سەمەت، مەمەت قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئەمەت ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر ئالغان، مەمەت ئەڭ تۆۋەن نۇمۇر ئالغان، بىراق مەمەت سەككىزىنچى ئەمەس.
2) ئالىم بىلەن سەمەت ئارىسىدىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇغۇچى بولسا قادىر.
3) قادىر بولسا توختىدىن 4 دەرىجە يۇقىرى.
4) تۇرسۇن تۆتىنچى دەرىجىگە ئىرىشكەن.
5) ئالىم بولسا سەمەتتىن يۇقىرى نۇمۇر ئالغان.
ئۇنداقتا سىز بۇلارنىڭ دەرىجە رەت تەرتىپىنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟
مۇكاپات بۇيۇمى تۆۋەندىكىچە:
1. دەرىجىلىك مۇكاپات
(بىر نەپەر)
ئەڭ تىز،ھەم كۆپ سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەنلەر.
مۇكاپات سوممىسى 5000مۇنبەر پۇلى
2-دەرىجىلىك مۇكاپات
(ئىككى نەپەر)
3000 مۇنبەر پۇلى
3-دەرىجىلىك مۇكاپات
(ئىككى نەپەر)
2000 مۇنبەر پۇلى
رىغبەتلەندۈرۈش
(بەش نەپەر)
جاۋاپنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ 200 مۇنبەر پۇلىدىن 1000مۇنبەر پۇلىغىچە.
كېلەر قېتىملىق سانىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىغانلار باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ سوئاللارنى سىناق شەكىلدە ئارقا بەتكە تىما قىلىپ ئەۋەتسە، كۆرۈپ مۇقۇمداپ بولغاندىن كېيىن يوللىسا بۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
بەرگەن جاۋاپلىرىڭىزنى چوقۇم يۇشۇرۇن قىلىپ يوللىشىڭىز شەرت ،يوللاپ بولۇپ تەھرىرلەنسە ياكى باشقا ئىسىمدا كىرىپ سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەنلىكىڭىز بايقىلىپ قالسا ،جاۋابىڭىز بىردەك بىكار قىلىنىدۇ ھەم ئىسمىڭىز ۋاقىتلىق چەكىلىنىدۇبۇ تىمىدىكى مۇناسىۋەتسىز (مەن جاۋاپ بىرەلمەيدىكەنمەن ،سوئال قىيىنكەن ،باشقىلارنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ باقاي دىگەندەك) ئىنكاسلار ئۇچۇر قىلمايلا بىردەك ئۆچۈرلىدۇ
17-سان تەلەي يۇلتۇزى سۇئالىنى چىقىرىشنى خالايدىغان دوستلار مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس يىزىپ تەلەپ قىلسا ياكى سەھرا ئوغلى ھەم ھۆكۈمران بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
بۇ سان تەلەي يۇلتۇزىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى مۇشۇ تېما تەستىقلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى شەنبە ئەتىگەن سائەت (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 6:00 گىچە بولىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى سورايمەن.بەزى بىر نوقسانلار بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.
تەييارلىغۇچى: alafasy