ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 23قەۋەت xax2282 كە 2011-06-30 12:53ئەۋەتىلدى :
بۇرۇن يوللار ناچار ئىدى ئۇ ۋاقىتتا بىز بالىلار بىلەن موتسكلىتتا بارغان ئىدۇق . دەسلەپ چىققان ۋاقتىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن چېغىمىزدا سىنىپ مەسئۇلىمىز تەجۋادار ئادەم ئىدى شۇ ئوقۇتقۇچىمىز سىنىپتىكى 40 تەك ئوقۇغۇچى ۋە ئون نەچچە ئوقۇتقىچىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۇ يەردە دۇئا قىلغاچ بىر كۈن ئوينىغان ئىدۇق . ئۇ يەرگە چىققانلار بىرتال توخۇ بولسىمۇ سويۇپ قان ئېقىتىشى زۆرۈر . بىز شۇ چاغدا ئىككى قوي سويغان ئىدۇق تاماقنى ئۆزىمىز ئىتىپ دالا تامىقى يەپ بەك ھوزۇرلانغان . ھازىر قاتناش ياخشى بولۇپ كەتتى . بېرىشنى ئارزۇ قىلغانلار بېرىشقا بىر ئەرزىيدۇ . خۇددى ھەرەمگە بارغان بىلەن ئوخشاش .
بۇردەرلەر مەزكۇر جايغا بېرىپ ساياھەت قىلساڭلار بولىدۇ، گۆش يىگۈڭلار كېلىپ بىرەر مال سويۇپ يىسەڭلارمۇ بولىدۇ. بېراق شۇجاينىڭ ئۆزىگە ئاتاپ بىرەر نەرسە سويۇشنىڭ ئۆزى شېرىك، مەزكۇر گۆش ھارامدۇر. ئىسلام شەرىئىتىدە مازارلارغا ۋە باشقا مۇقەددەس جايلارغا ئاتاپ مال سويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.