ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت WesT.BoY كە 2011-06-30 16:05ئەۋەتىلدى ئاپتور(arman312) نىڭ تېمىسىغا :
مۇشۇ تىمىنى يوللاش ۋە رەسىملەرگە چۈشەندۈرۈش كىرگۈزۈشكە خېلى ۋاقىت سەرىپ قىلغانسىز ، ئەمما نىمىشقا 优盾,支付宝 لارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئىشلەتمىدىڭىز؟ يۇۋ دۈن، جىفۇباۋ دىگەننىىڭ مەنىسى يوققۇ تىلىمىزدا.
كىيىنكى تىمىلىرىڭىزدا ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن. ئانا تىلنىڭ شالغۇتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى بار.
ئۇيغۇرچە ئاتىلىشنى نىمە دەپ مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى بىلمىدىم.كۆپ تەرجىمە قىلىپ باقتىم بولمىسا. تەلىم بىرىڭ،نىمە دەپ ئالسام مۇۋاپىق بۇلىدۇ.ئۈزەمنىڭ تەرجىمىسى بۇيىچە ئۇيغۇرچە ئاتىسام،يەنە شۇ خەنزۇچىنى تەڭ يېزىپ(ئوقۇلۇشى بىلەن) چۈشەندۈرمىسەم تېخى بولمايدىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ تور بەتتىمۇ بىزگە كۈرۈندىغىنى ئاشۇ خەنزۇچە خەتلەر(ئاشۇنداق ئاتىلىشى) بولغاچقا ،مۇشۇنداق يازغان.ئەگەر كۆپ سانلىقلار بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بولسا ،بۇندىن كىين شۇنى ئىشلىتەي.
مىنىڭ ئويلغىنىم:
تاۋباۋ تورى_ گۆھەر قېزىش تورى
جېفۇباۋ _ چىقىم قىلىش گۆھىرى(سۇپىسى)
U دۈن_ بىخەتەرلىك قالقىنى،بىخەتەرلىك دىسكىسى،قالقان دىسكىسى،قوغداش دىسكىسى،قاراۋۇل دىسكا،U قاراۋۇل،U قالقان،U دىسكا
买家-سېتىۋالغۇچى،ئالغۇچى
卖家-ساتقۇچى
باشقىسغا تورداشلار بىر پىكىر بەرسە.مەن ۋە باشقىلار بۇندىن كىين مۇشۇ بۇيىچە ئاتىساق.