ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 32قەۋەت kirani كە 2011-07-01 18:58ئەۋەتىلدى :
بولدى بەس توختات سۆزۈڭنى،ئەي ئەقىلسىز ،ئەي نادان،
كۆرۈبان يازماڭنى توشتى سەبرى پەيمانىم مېنىڭ!!!!!!!!!
نىمە بۇ ئەي خالايىق،مۇشۇمۇ مۇشائىرە بولدىمۇ؟ بولدىلا ،باشقۇرغۇچىلار بۇ يازمىنى ئۆچۈرۈڭلار. . . .مەزمونغۇ بەك ياخشى. . لېكىن نە قاپىيەن نە رېتىم،نە تۇراق ، نە ۋەزىن بولسۇن؟!
بەئەينەن‹‹قىرلىق ئىستاكان›› دىكى ئابدۇل تېرىنىڭ شىئېرلىرىغۇ بۇ. . .
.......
‹‹يۈكسەك شىئىرى ئىستىدات ۋە پەۋقۇلاددە بەدئى ماھارەت ئىگىسى›› بولغان قىرانى جاناپلىرى.
ماڭا ئەقىلسىز،نادان دىگەن ناملارنى بەخىش ئەتكەن بۇ تىمىڭىزدىكى بارلىق يازمىللىرىمنى ئۈچۈردۇم . بۇ مۇنبەر جانابىڭزدەك ئۇلۇغ ئەدىپلەرلا قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان داڭلىقلار ماكانى ئەمەس.بۇ يەرگە شىئىرىيەتتە مەلۇم ساۋادى بارلارمۇ ،ساۋاتسىزلارمۇ كىرىدۇ. ھەركىمنىڭ ئۈزى بىلگەنچە بىر نەرسىلەرنى دەپ باققۇسى كىلىدۇ.سىز ئەگەر ھەقىقى شىئىرىيەت شەيداسى-شائىر بولسىڭىز تەكلىۋىڭز بۇيىچە كىرىپ ئانچە قاملاشمىسىمۇ تاققا-تۇققۇ
يازمىلارنى يىزىپ قويغۇچىلانى نادان،ئەقىلسز دەپ ھاقارەتلىمەي ئىلمى چۇشەنچە بەرسىڭىز بۇلاتتى .بىزلەر بىلمىگەننى بىلىۋېلىپ
بىر ئاز ئاساسقا ئىگە بولساق سىزمۇ مۇشۇ سەمىمىيتىڭز ئۇچۇن تورداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن بۇلاتتىڭىز .ئەپسۇس سىزدە بۇنداق سەمىمىيەت بولمىغاچ يازمىڭىزغا غەرەزسىز ئاۋاز قوشقان لارنى ئەقىلسىز،نادان دەپ ھاقارەتلەپسز . مۇشائىرىگە قاتناشقان ھەممەيلەندىن بىردەك يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلماقچى بولسىڭىز بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق مۇشائىرە تىمىسىنى يازغۇچىلارتورى ياكى كۈيۈكتاغقا يوللاڭ.