ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 42قەۋەت jamela كە 2011-07-05 14:36ئەۋەتىلدى :
ئاياللارنى دوزاختا ئەڭ جىق كۆردۈم دىگەن..
بىر قولدىن چاۋاك چىقمايدۇ.ئاياللار ھەرگىز ئۆزى يالغۇز بۇزۇقچىلىق قىلالمايدۇ .ئاياللارنىڭ ھەربىر گۇناھىغا ئەرلەر شىرىك بولۇپ تۇرۇپ ،يەنە نېمە ئۈچۈن دوزاقتا ئاياللار كۆپ بولىدۇ؟ئاياللار گۈزەل ھۆسنى جامالى ،ناز -كەرەشمىلىرى(شەيتان) بىلەن ئەرلەرنى ئازدۇرغانلىغى ئۈچۈنمۇ ؟ئەرلەرنىڭ شەيتانغا ئاسان ئېزىپ كىتىدىغان ئاجىزلىغىغا جازا يوقمۇ؟ مەسىلىنى ئەرلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق نوقتىسىدىن ئەمەس،بەلكى ئاياللار نوقتىسىدىن چىقىپ ئويلاپ باقساق باشقىچە يەكۈنلەرگە ئېرىشىشىمىز مۈمكىن. بۇ ھېكايىدىكى ۋەقەلىققە ئوخشاپراق كېتىدىغان بىر ئەمىلىي ئىشنى ئۈلۈشكۈن خوشنامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم .بىراق مەن ئاڭلىغان رىئال ۋەقەلىكتە ،توي قىلمىغان يىگىت دېسكوخانىدىن تېپىۋالغان ئىككى بالىسى بار ،ئۆزىدىن نەچچە ياش چوڭ تۇل ئايال بىلەن توي قىلىمەن دەپ، ئاتا-ئانىسىدىن كېچىشكە تەرەددۇت قىلىپتۇ .بۇ ئاتا-ئانىمۇ ئۇ تۇل خوتوننى ئوغلىغا ئېلىپ بەرمەيمىز دەپ، قىلمىغان ئىشى قالماپتۇ .كۈلكىلىك يېرى شۇكى ،بۇ بالىنى داخانغا (باشقا مىللەتنىڭ)ئوقۇتۇپ بولۇپ ،ئارقىسىغا ئادەم سېلىپ قويسا ،ئىككى كۈندىن كېيىن پايلاقچى ئاتا-ئانىغا تېلىفون بېرىپ ،بالاڭلار ئۇ خوتۇنغا بازاردىن تويلۇق ئۈزۈك ئېلىۋاتىدۇ دەپ خەۋەر بىرىپتۇ.بۇ ئاتا-ئانىلار ئوغلى ئالدىدا ئاخىرى مەغلۇپ بولغانلىغىنى ئىقرار قىلىپتۇ.بۇ ھېكايىدىكى ئەلىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسىغا قارشىلىق قىلماي قوشۇلغان بولسا ،ئىككى جاننىڭ ئۆمرى ئۇنداق قىسقا بولماس ئىدى .ئەلىمۇ 25يىلنى ھايات لەززىتىنى تېتىپ ئۆتكۈزگەن بولاتتى. بىزدە ئەقىل كاممۇ ياكى كونا قايدە -يوسۇنلارغا بەكرەك ئېسىلىۋالامدۇق ؟مېنىڭچە ،بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ،ئۆرۈپ-ئادىتىمۇ دەۋىرنىڭ تەرەقىياتى بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشى كېرەك ،ئۇمۇ ئىسلاھ قىلىشقا ،يېڭىلاشقا مۇھتاجمىكىن دەيمەن؟