بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈپ، مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن ياراملىق شاگىرتلارنى تەربىيەلىگەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەسر ژانىرىنى راۋاج تاپقۇزۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئىزچىل ئىجاد قىلىپ كەلگەن ئۇستازلىرىمىزنىڭ بىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىم مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبى بىلەن 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 غا يېقىن ئۈرۈمچىدە 53 يېشىدا ۋاپات بولدى. مەن مەرھۇمنىڭ 1-قارارلىق سىنىپ مەسئۇللۇقىدا تەلىم ئالغان شاگىرتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ مۇسىبەت خەۋىرىنى مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق كەڭ ئەدەبىيات ئاشىنالىرىغا يەتكۈزۈشنى بۇرچۇم ھېسابلىدىم.
ئەنەيتۇللا قۇربان 1958-يىلى 1-ئايدا توقسۇن ناھىيسىنىڭ ئىلانلىق يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966 -يىلى 9-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان. 1966-يىلى 9-ئايدىن 1971-يىلى 7-ئايغىچە ئىلانلىق يېزا گۈلباغ باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1973-يىلى 7-ئايغىچە ئىلانلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1973-يىلى 9-ئايدىن 1976-يىلى 4-ئايغىچە توقسۇن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1976-يىلى 4-ئايدا توقسۇن ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىلىغا ئىمتىھان بېرىپ دىكتور ھەم مۇخبىر بولغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئاخبارات ژانىرلىرى بويىچە ئاشۇ چاغدا باشلانغان. كېيىن ئىلانلىق يېزىلىق رادىئو ئۇزىلىغا يۆتكىلىپ، 1978-يىلى 3-ئايغىچە ئىلانلىق يېزىلىق رادىئو ئۇزىلىدا ئىشلىگەن. 1977 -يىلى 3-ئايدا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتاھانى ئەسلىگە كەلگەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن.
ئەنەيتۇللا قۇربان 1983-يىلى 2-ئايدا ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزى ئوقۇغان شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان. ئۇ ئۇنۋىرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ مۇنبەردىن ئايرىلماي كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇ تولۇق كۇرس ۋە مەخسوس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «يېزىقچىلىق ئاساسلىرى»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئەمىلى يېزىقچىلىق»، «ئىقتىساد يىزىقچىلىقى»، «ئەدەبى يېزىقچىلىق»، «مەمورى خەت-ئالاقە يېزىقچىلىقى»، «كاتىپلىق ئىلمى»، «كاتىبات يىزىقچىلىقى»، «ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى تەتقىقاتى»، «سۆز قابىليىتى ۋە ناتىقلىق»، «ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە قائىدە يوسۇن ئىلمى»، «پىلانلاش ئىلمى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كەلدى. بەزى دەرسلەرنى ئۆزى يېڭىدىن ئاچتى. ئۇ يەنە «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «يېزىقچىلىق كونسىلتاتسىيە كىتابى»، «ئالىي مەكتەپ تىل ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە قاتناشتى.
ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش بىلەن بىرگە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ ئىزچىل شوغۇللىنىپ «يىللارغا جاۋاپنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممىتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىنىڭ دەسلەپكى نامايەندىسى»، «تارىخى چىنلىقنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى»، «ئەقلىيە سۆزلەر ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ ئىلان قىلدى. بىر قىسىم ماقالىلىرى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى.
ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1980-يىللارنىڭ دەسلىپىدە رەسمى باشلاندى. ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا 350 پارچىدىن ئارتۇق نەسر، شېئىر، ھېكايە بالىلار ئەسەرلىرى، تىپىشماق، چۆچەك، ئەقلىيە سۆز قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا مەلۇم ساندا تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلدى: «ھايات بەيگىسىدە»، «بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى»، «تاللانغان ماقالىلار»، «ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما»، «جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى داڭلىق نەسىرلەردىن تاللانما» قاتارلىق توپلاملارغا ۋە دەرسلىك كىتاپلارغا ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ «ئىككى تامچە ياش»، «ئۇ، ئۇخلىغانمىكىن»، «ئويغانغان چۈش» قاتارلىق نەسر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى.
ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلىرى شىنجاڭ ئونۋىرسىتى «211 قۇرۇلىشى» نى ئۆتكۈزىۋېلىش خىزمىتىدە ئىلغار شەخس بولۇپ مۇكاپاتلاندى، شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى پارتىكومى تەرىپىدىن «ئىلغار يازغۇچى» بولۇپ مۇكاپاتلاندى. ئاپتۇنۇم رايونلۇق كىنو-فىلىم تارقىتىش قويۇش شىركىتى تەرىپىدىن ئىلغار كىنو ئوبزورچىسى بولۇپ مۇكاپاتلاندى. «تارىخى چىنلىقنىڭ بەدىئى ئىنكاسى» ناملىق ماقالىسى مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، «قېنىمىز ئوخشاشلا قىزىل، ئوخشاشلا قىزىق» ناملىق ئەسىرى ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «نۆل» ناملىق نەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى.1996 -يىلى «شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى شىچۈەن لياڭيى ئىلغار ياش ئوقۇتقۇچى» مۇكاپاتىغا، «لىرىك سۇژىت ھەققىدە» ناملىق ئىلمى ماقالىسى جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمىيىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئىلمى ماقالە» مۇكاپاتىغا، «قۇياشقا تۇتاشقان ئويلار» ناملىق ئەسىرى «خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
ئەنەيتۇللا قۇربان ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو تۇرپانشۇناسلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
قالۇ ئىننا لىللاھى ۋەئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!
ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان جايىنى جەننەت ھىدى قىلىشىنى ، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئامىن.
مەنبە: نۇر تورى
مەنبە ئادىرىسى :
http://www.nur.cn/html/news/24856.shtml