ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 40قەۋەت toxkanjan كە 2011-07-05 14:26ئەۋەتىلدى :
ساراڭ بولدىلمۇ غوجام.مەنمۇ مۇشۇ يەركەندە تۇرۇپ بېھىشباغنىڭ قەيەردىلكىنى ئۇقمايمەن.مەن يەنىلا سىزنىڭ مەھەللىڭىزگە بارماي.تاماكا ھاراقتىن يىراق تۇرۇپ ئۆيۈمنى باقاي.ئاللاھ ھەممىزنى بۇ نىجىستىن يىراق قىلسۇن.مۇشۇنداق بەزى كىشىلەرنىڭ زەھەرنى پۇلغا سېتۋىلىپ ئىچىپ چېكىپ يۈرگىننى كۆرۈپ تەنە قىلىپ دىگەن گەپ ئىدى.سىزمۇ ياخشى تەنە گەپ قىلىپسىز.سالامەت بولۇڭ.ئاللاھ ئىشلىرڭىزنى ئوڭ قىلسۇن.
خاپا بولماڭلار دەيمەن، بىلمەمسىلەر بىز قەشقەلىق دېگەننىڭ گېپى سېسىقراق،بىراق نىيىتى دۇرۇس جۇما
بۇرۇن ئالىي مەكتەپتە ياتاقداشلىرىم ئارىسىدىمۇ قاپاقچىلار بار ئىدى. ئۇلارغا تاشلاشنى دەۋەت قىلساق ،ھەر يوغان قائىدە -داۋلىلارنى سۆزلەپ بىزنى ئېغېز ئاچۇرمايتى(سىزمۇ ئۈرۈمچىدە ئوقىغان بولسىڭىز ،يەرلىك بالاڭزىلارغا نەسھەت قىلسا قانداق بولدىغانلىقىنى بىلەرسىز ؟) ، بىرسى تېخى ئۆزلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى چېغىدا تاماكىدا چاي دەملەپ ئىچىش، ئاق ھاراققا نان چىلاپ يىىشتەك ئاجايىپ نوچىلىقلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ ،بىزدەك ئچىش ،چېكىشنى بىلمەيدىغان، «لىڭتاسما» ئوغۇللارنى مازاق قىلغانىدى.
بىزغۇ ئىچىش ،چېكىشنى بىلمىسەكمۇ ،باشقا چوڭ ئىش قولىمىزدىن كەلمىسىمۇ ،ھەرھالدا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىمتىھاندىن ئۆـۈپ ئايلىقچى بولۇپ ،خوتۇن ئېلىپ ،بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كىلۋاتىمىز.
بىراق ئاشۇ قاپاقچىلار نىڭ نەچچىسى مەكتەپتىىن دىپلومنىمۇ ئالالمىدى،بەزىلىرى ھازىرغىچە ئۆيىدە ئاتا-ئانىسىدىن مۇئاش ئېلىپ ياشاۋاتىدۇ.
شۇڭا سىزنىڭ يازمىڭىز ماڭا شۇ ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويدى.
بۇرادەرلەر، مىللەت ئۈچۈن مۇشۇ خەلق ئۈچۈن ئاداققىچە خىزمەت قىلىش ھەربىىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ بۇرچى. بىراق بەزىلىرىمىز بەلكى ئۆزىمىزدىكى كەمچىللىك،ئىقتىدارسىزلىق ۋە بەزى سىرتقى ئامىللار تۈپەيلى بۇ بۇرچىمىزنى تازا ياخشى ئورۇندىيالماسلىقىمىز مۇمكىن.
لىكىن چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ ،پاك ئىتىقاد-غۇرۇرىمىز بىلەن ھالال ياشاش، ئۆزىمىزنى ھەرخىل گۇنالاردىن، ئىچىپ-چېكىدىغان، ئوينايدىغان ئىشرەت سورۇنلىرىدىن نېرى قىلىپ ،ئائىلىدە ياخشى ئەر، ياخشى دادا،ۋاپادار ئوغۇل بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ مۇشۇ خەلقنىڭ ساغلام تەرققىياتى ۋە مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن قوشۇلغان بىر كىشلىك ھەسسىمىز بولار دەپ ئويلايمەن.