ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 19قەۋەت korxad كە 2011-07-06 12:41ئەۋەتىلدى :
13-15-17قەۋەتتىكى قىزىققان قېرىنداشلىرىم ،دىمىسىمۇ بۇ بالنىڭ روھىغا بارىكاللا ،بۇنداق قارارغا كېلىش ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ ،بىراق ئەڭ مۇھىمى بىخەتەر تىنىچ ئىتىپاق تۇرمۇش كۇچۇرۇش ھەممىدىن ئەۋزەل،بىخەتەرلىككە كىم مەسئۇل بولىدۇ ،ھالىمادىس بىر ئىش چىقىقپ قالسا كىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ .بۇ ئىشتا ئەڭ مۇھىمى يەرلىك ھوكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپىرات تارماقلىرى تەستىقلاپ قوشۇلىشى كېرەك ،ھوكۈمەت ئۈرگانلىرى قوشۇلغاندىن كېيىن سەپەر قىلسا ھەممە ئىش ياخشى بولىدۇ ،ئالدىراقسانلىق قىلىش مىنىڭچە ياخشى ئىش ئەمەس .
مەن ئەسلى سىزگە سۆز قايتۇرماي دىگەن شۇنداق بولسۇمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قوياي:تەۋەككۈلچىلىك بولغاندا ئاندىن بىر ئىشنىڭ نەتىجىسى چىقىدۇ ،ھەممە ئىششىنىڭ يامان يېرىنى ئويلاپ ئۆيىمىزدە ئولتۇرساق زامان بىزنى-سىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ!‹ئاخىرىنى ئويلىغان،پالۋان بولالماس› شۇڭلاشقا تۇلۇپ تاشقان ئىرادە بىلەن بىرگە، تەۋەككۈلچىلىكمۇ چوڭ ئورۇندا تۇردۇ،يەرلىك ھۆكۈمەت قوللىسا دەپسىز،ئۇلارغا قارغاندا خەلقىمىز قوللاپ-قۇۋەتلەپ باشقا ئېلىپ كۈتەرسەك ئاندىن باشقا ساھالەرنىڭ دېقىتىنى تارتالايمىز،ئۇبالا سەپەرگە چىققاندا ئۇرۇق تۇققانلىرلا كىلىپتۇمىش،ئەگەر مەن شۇيەردە بولغان بولسام مەنمۇ بارلىق تۇققانلىرىمنى ۋە دوسلىرىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇزۇتۇپ قوياتتىم،لېكىن ئۇنداق بولمىدى،چۈنكى مەن ئۇيەردىن ئەمەس،شۇڭلاشقا توردا بولسۇمۇ ئازراق ياردىمىمنى قىلاي دەپ مۇنۇ ئورۇنغا ئېلىپ كەلدىم.
سىزدىن باشقىنى تەلەپ قىلمىغانكىن،ئەگەر ئۈيىڭزنىڭ ئالدىدىن ئۈتۈپ قالسا بىر پىيالە چاي تۇتۇپ قويسىڭز مۇ شۇنداق چوڭ ئىش بۇلدۇ!!!