مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hasalharisi

بۇ كەشپىياتلار كىمنىڭ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەنسىزمۇ ئۆتىدى

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11309
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7258
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:49:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سةمىمى بۇلۇش ئةڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14017
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8474
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3355 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە تۆت چوڭ كەشپىيات بىزنىڭ.پەقەت دەپتەرگە يېزىپ قويمىغانلا يىرىمىز بار.بۇنى تارىخچىلارمۇ ناھايتى جايىغا چۈشۈرۈپ دەپ بىرەلەيدۇ.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 02:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرىلىكىق جىق  ياۋروپالىقلارمۇ جىق ...  تۇركى مىللەتلەردىنمۇ جىق ... ھازىر  مۇسۇلماننىڭ گىپى ئۆتمەيدۇ . كىم يامان بوسا ھەممە شۇنىڭ .  بۇ ئۆتكۇنچى دۇنيا . ئاللا  كاللىسىغا شۇنى  سالمىغان بولسا  قانداق ياساپ چىقاتتى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40217
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4472
تۆھپە نۇمۇرى: 696
توردا: 1793 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2013-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 02:54:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻪﺵ ﭼﻮﯓ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ
ئۇﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ئەﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ئۇﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ئۆﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ . ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ھﻪﻡ ئۇﻧﻰ ئۈﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ - ئۆﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ - ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺟﻪەﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ئەﻳﻨﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ، ئەﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ئاﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ . يەﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ << ﺑﻪﺵ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ >>ﻧﻰ ئاﻻھﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ئەﺭﺯﯨﻴﺪﯗ .
1 - ﻛﺎﺭﯨﺰ
<< ﻛﺎﺭﯨﺰ >> ﺳﯚﺯﻯ ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﺳﯚﺯ ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ << ﻳﻪﺭ ﺗﯧﮕﯩﺪﻩ ﺳﯘ ئاﻗﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺮﯨﻖ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ . ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻳﻮﻕ . ﻛﺎﺭﯨﺰ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﯩﻚ ﺳﯘ ﺋﯩﻨﺸﺎئاﺗﻰ ئۇﻳﻐﯘﺭ ئەﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ << ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ئوﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ >> ( ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ، ﺗﻮﻗﺴﯘﻥ ، ﭘﯩﭽﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﻟﻼﺭ )ﻏﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﯘﭼﺎﻧﯩﯔ ئاﻳﺮﯨﻢ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ئۇﭼﺮﺍﻳﺪﯗ . ھﻪﺗﺘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﻗﯘﻳﯘﺵ ئۈﭼﯜﻥ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺗﯚﺕ ﭼﺎﺳﺎ ئوﻳﯘﭖ ، ﺳﯘ ﻳﯩﻐﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئوﺭﻩﻛﻤﯘ << ﻛﺎﺭﯨﺰ >> ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻕ ﯞﻩ ئۆﺗﯜﺷﻜﻪﻙ ھﻪﻡ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﻜﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ئاﻻﻗﻪ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ئۇﻳﻐﯘﺭﻻﺭ << ئەﺕ >> ، << ﯬﻛﻤﻪﻙ >> ، << ئﮔﯜﺯ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، ئوﺭﻧﯩﻐﺎ << ﮔﯚﺵ >> ، << ﻧﺎﻥ >> ، << ﺩﻩﺭﻳﺎ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺑﯘ ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ئەﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ھﺎﺩﯨﺴﻪ . ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺳﯘ ﺋﯩﻨﺸﺎئاﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﺎﺭﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﯕﭽېڭ ( ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﻰ ) ﯞﻩ ﻳﯜﻧﺨﯥ ( ﻗﺎﻧﺎﻝ )ﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ئۈﭺ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻨﺸﺎئاﺗﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﻳﺪﯗ . ﻣﯘئەﻟﻠﯩﭙﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﯬﻥ ﺯﻭﺟﺎﯓ << ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ : << ﮔﯩﯯﻟﻮﮒ ﺧﯘﺍﯓ ﺟﯩﭽﯩﯖﻨﯩﯔ ئاﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ئاﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﺭﯨﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﭙﯩﻖ ﺋﯧﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ 2500 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ئۇﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﭽﻪ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﺸﺎئاﺗﻨﻰ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﻗﺎﻧﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ئۈﭺ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻨﺸﺎئاﺕ ﺩﻩﭖ ئاﺗﺎﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ >>ﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ _ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ئوﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 1160 ﻛﺎﺭﯨﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺑﺎﺯﻯ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ . ﺳﯘﯓ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ئەﻟﭽﯩﺴﻰ ﯞﺍﯓ ﻳﻪﻧﺪﯦﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻨﺎﻣﯩﺴﯩﺪﻩ : << ﺳﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ئاﻟﺘﯘﻥ ﯪﺭﺕ ( ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ )ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯧﺮﯨﻘﻼﺭ ﺷﻪھﻪﺭ ئەﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﭖ ئۆﺗﯜﭖ ، ﺋﯧﺘﯩﺰ ، ﺑﺎﻍ - ﯞﺍﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﺩﯨﻜﻪﻥ . ﺳﯘﺩﯨﻦ ﺗﯜﮔﻤﻪﻥ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ >> ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ئوﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﯨﺰﻻﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﻟﯩﻨﯩﭗ ، ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ئاﻗﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ .
ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﻛﯧﻠﯩﻤﺎﺗﯩﺪﺍ ﺳﯘﻧﯩﯔ ئوﭼﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﭘﺎﺭﻏﺎ ئاﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ئەﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﺎﺭﯨﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﻖ ﺋﯧﺮﯨﻖ ﻛﻪﺷﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﭼﺎﺭﯞﺍ ﻣﺎﻝ ئۈﭼﯜﻥ ئوﺗﻼﻕ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﻳﻠﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ . ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺟانبالىق ( ﺟﯩﻤﺴﺎﺭ )ﻧﻰ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ( ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺷﯩئەﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ئىران )ﺩﺍ ﻛﺎﺭﯨﺰ ﭼﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ئوﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ .

2 - ﭘﺎﺧﺘﺎ
ئەﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ئوﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ، ئاﺭﭘﺎ ، ﺗﯧﺮﯨﻖ ، ﺷﺎﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺯﯨﺮﺍئەﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ، ﭼﺎﻣﻐﯘﺭ ، ﺗﯘﺭﯗﭖ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ، ئۆﺭﯛﻙ ، ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ، ئاﻟﻤﺎ - ئاﻧﺎﺭ ، ئۈﺯﯛﻡ - ئۈﺟﻤﻪ ، ﻗﻮﻏﯘﻥ - ﺗﺎﯞﯗﺯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯧﯟﻩ - ﭼﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ئۆﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ - تىكىپ ئۆﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭘﺎﺧﺘﺎ ، ﭼﯧﮕﻪ - ﻟﻪﻧﺪﯨﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺯﯨﺮﺍئەﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ئۆﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ تىككەﻥ . ﭘﺎﺧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ، ئاﺩﻩﺗﺘﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺧﺘﯩﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻦ ﯞﻩ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯧھﺘﯩﻤﺎﻝ ﭘﺎﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﻮﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ئوﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﺍ ﻛﯧۋﻪﺯ ئۆﺳﯜﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ئەﯓ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻗﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ << ﻟﻴﺎﯕﻨﺎﻣﻪ >>ﺩﻩ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﻟﻴﺎﯓ _ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ - ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ، 502 _ 557 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ 55 ﻳﯩﻞ ھﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ . << ﻟﻴﺎﯕﻨﺎﻣﻪ >> ( ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ، ﻳﺎﯞ ﺳﯩﻠﻴﻪﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ )ﻧﯩﯔ << ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺭﯗﯕﻼﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ >>ﺩﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ : << ﮔﺎﯞﭼﺎﯓ ( ﻗﯘﭼﯘ ) ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﺪﻩ . . . ﺩﻩﻝ - ﺩﻩﺭﻩﺥ ، ئوﺕ - ﭼﯚﭖ ﺗﻮﻻ . ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﭘﯩﻠﻪ ﻏﻮﺯﯨﺴﯩﺪﻩﻙ ئۆﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﺎﺭ ، ﻏﻮﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﭙﻪﻛﻜﻪ ئوﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺗﺎﻻ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﻪﺧﺘﻪﺱ ﺩﻩﻳﺪﯗ ؛ ﺑﯘ ﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺭﻩﺧﺖ ﺗﻮﻗﯘﻳﺪﯗ ، ﺭﻩﺧﺘﻰ ئاﭘپاﻕ ، ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ >> . ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ << ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ >> ، << ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ >> ﯞﻩ << ﺧﻪﻳﻠﯘ ﺯﺍﺷﻰ >> ، << ﮔﯘﺍﯕﻴﯜﺟﻰ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻐﺎﻥ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﭘﺎﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ئۆﻟﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 6 - ئەﺳﯩﺮﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .
ئەﻣﻤﺎ ، ﭘﺎﺧﺘﺎ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ، ﻗﯘﭼﯘ - ئۇﺩﯗﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ئاﻟﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ئۆﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ، ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺭﻩﺧﺘﻠﻪﺭ ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﻪﯓ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ( ئاﺭﺧﯧﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯧﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 25 _ 220 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ) ئەﺭ - ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ، ﻳﯘﯓ - ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ كەمزﻩﻙ ( ﻛﯚﻙ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺑﯚﺯ ) ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻗﯘﭼﯘ - ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ( ﺟﯩﻦ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﯩﭽﻪ ، ﻳﻪﻧﻰ 3 _ 6 - ئەﺳﯩﺮﻟﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺗﻪئەﻟﻠﯘﻕ ) ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻼﺭ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ، ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺧﺘﺎ ئۆﺳﯜﻣﻠﯜﻛﯩﻨﻰ << ﻛﯧۋﻪﺯ >> ، ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻨﻰ << ﭘﺎﺧﺘﺎ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ ، ﭘﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ئاﻕ ﺭﻩﺧﺘﻨﻰ << ﺑﯚﺯ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ ( ﺑﯚﺯﻧﯩﯔ ﺳﯩﭙﺘﻪ ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ << ﺗﻮﻟﯩﻤﺎ >> ، ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ << ﭼﻪﻛﻤﻪﻥ >> ، ﺑﯚﺯﮔﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﻮﻳﺎﻗﺘﺎ ﮔﯜﻝ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ << كەمزﻩﻙ >> ، << ﺳﻪﺭﮔﻪﺯ >> ، << ﺷﺎھ ﺗﺎﯞﺍﺭ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ ) . ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ << ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ >>ﺩﺍ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ : << ﻛﻪﭘﻪﺯﻟﯩﻚ _ ﻛﯧﭙﻪﺯ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ؛ ﻛﻪﭘﻪﺯﻟﯩﻚ ئەﺭ _ ﻛﯧﭙﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ ئاﺩﻩﻡ >> . ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯘﻣﺸﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯩﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ . ﻓﻪﺗﻬﻪﻟﻰ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ << ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﻟﯘﻏﻪﺗﯩﺖ _ ﺗﻪﺭﺍﻛﯩﻴﻪ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ( 1690 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ) << ﭘﺨﺘﻪ _ ﭘﺎﺧﺘﺎ، ﻣﺎﻣﯘﻕ ﻳﻪﻧﻰ ﭼﯩﮕﯩﺘﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﭘﺎﺧﺘﺎ >> ﺩﻩﭖ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ << ﻟﯘﻏﻪﺕ ﭼﻪﻏﺘﺎﻳﻰ >>ﺩﻩ << ﭘﺨﺘﻪ >>ﻏﺎ << ﭘﺎﻣﯘﻕ ﻳﻪﻧﻰ ﻣﺎﻣﯘﻕ >> ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺍھ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ھﯩﻨﺪﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ( ﺳﺎﻧﺴﯩﻜﺮﯨﺖ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ) ﭘﺎﺧﺘﯩﻨﻰ << Karas - ﻛﻪﺭﭘﺎﺱ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ ؛ ئەﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ << ﻗﯘﺗﻦ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ ( ﭼﯩﮕﯩﺘﻠﯩﻚ ﭘﺎﺧﺘﯩﻨﻰ << ﻗﯘﺗﻦ ﺧﺎﻡ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ ) ؛ ﭘﺎﺭﺳﭽﯩﺪﺍ << ﻛﺮﺑﺎﺱ >> _ ﻛﻪﺭﺑﺎﺱ ﺩﻩﻳﺪﯗ . ئەﺭﻩﺑﭽﯩﺪﯨﻜﻰ << ﻗﯘﺗﻦ >> ﻳﺎﻏﺎﭺ ﭘﺎﺧﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ Kudunﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻛﻪﻧﺪﯨﺮ - ﭼﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺭﻩﺧﺘﻨﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﻡ ئەﺷﻴﺎﺳﯩﻨﻰ << ﻛﺎﺗﺎﻥ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ .

3 - ﻳﯩﭙﻪﻙ
ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ئەﯓ ئەﯞﯞﺍﻝ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ << ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﻰ >> ﺩﻩﭖ ئاﺗﯩﻐﺎﻥ . ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 4 - ئەﺳﯩﺮﺩﻩ ئۆﺗﻜﻪﻥ ﮔﺮﯦﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯮﻧﯧﺴﻜﺮﯨﺪﻭﺱ ، ﻧﯧﯫﺭﻛﻮﺱ ، ﻛﯩﺘﯩﻔﻮﺱ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﺎﻧﺪﯨﺮﺍﮔﻮﭘﺘﺎ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎسى ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﺩﺭﻳﻪ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .
ﭘﯩﻠﻪ _ ﻳﯩﭙﻪﻙ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ، ﺳﯩﭽﯜﻩﻥ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭ ( ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ) ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﻐﺎﻥ . ﻳﯩﭙﻪﻙ ﯞﻩ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ ئاﯞﯞﺍﻝ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﯞﻩ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ئاﺭﺧﯧﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺪﯨﺮﯨﺸﻼﺭﺩﺍ ﺗﻮﻗﺴﯘﻥ ﯪﻟﻐﯘﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯜﺱ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ ( ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 8 _ 5 - ئەﺳﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ) ، ئۈﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﻪﻧﺴﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻚ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻟﻪھﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﺎﭘﺎﻝ ، ﻣﯩﺲ ﻗﺎﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻝ ( ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 5 _ 3 - ئەﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﻳﻪﻧﻰ ئۇﺭﯗﺷﻘﺎﻕ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻘﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ) ، ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ، ئۇﺩﯗﻥ ، ﻗﯘﭼﯘ ، ﯪﮔﻨﻰ ، ﻛﯘﭼﺎ ، ﺑﺎﻱ ، ﺑﺎﺭﭼﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﻢ - ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ئوﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ئەﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺗﻮﻗﯘﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ئەﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﺗﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ئۈﭼﯜﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ئۈﺟﻤﯩﻨﻰ ئاﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ئۆﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ، ھﻪﺗﺘﺎ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﭘﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺗﻰ ئۈﭼﯜﻧﻼ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ئۈﺟﻤﻪ ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئۆﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ئۈﺟﻤﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﺳﻮﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ .
ﺑﯘ ﺩﯨﻴﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭ ﻳﯘﯓ ﺗﻮﻗﯘﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ھﯜﻧﻪﺭ - ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ئۆﺯﮔﯩﭽﻪ ئاﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺗﻮﻗﯘﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯘﯓ ﺗﻮﻗﯘﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ھﯜﻧﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺭﻩﺧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ، ئۆﺯﮔﯩﭽﻪ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﯞﻩ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯩﭙﺘﻪ ﺗﻮﻗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ - ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﭙﻪﻛﻨﻰ ئاﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻮﻗﯘﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻠﭽﺎ - ﮔﯩﻠﻪﻡ ﺗﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﻏﻪﺭﺏ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ئەﻟﻠﻪﺭ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍ ﺳﯩﭽﯜﻩﻥ ﯞﻩ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ئاﻻﻗﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ئاﯞﯞﺍﻝ ﺳﯘﻏﺮﺍﻕ ( ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ )ﻧﻰ << ﺳﯩﺮﯨﺲ >> ( ﺷﺎﻳﻰ ﺋﯧﻠﻰ ) ﺩﻩﭖ ئاﺗﯩﻐﺎﻥ ، << ﺳﯧﺮﻯ & ﺳﯧﺮﻳﺎ >> ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ئەﯓ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻗﻰ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ << ﺳﯧﺮﯨﺲ >> ﺩﻩﭖ ئاﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺋﯩﺮﺍﻥ - ﺧﻮﺭﺍﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﻰ << چىن ﻣﺎﭼﯩﻦ >> ﺩﻩﭖ ئاتىسىمۇ ، ئۇﻻﺭ ﺋﯩﭽﻜﻰ ئۆﻟﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ئاﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ئەﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ، ئىچكى ئۆﻟﻜﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺑﻪﻥ ﭼﺎﯞ ئاﻛﯩﺴﻰ ﺑﻪﻥ ﮔﻮﻏﺎ ئاﻕ ﺷﺎﻳﻰ ﺳﻮﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ئەﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﺑﻪﻥ ﮔﻮ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ : << ئەﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 300 ﺗﻮﭖ ئاﻕ ﺷﺎﻳﻰ ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻛﯘﺷﺎﻥ ﺋﯧﺘﻰ ، ﺧﯘﺷﺒﯘﻱ ﺩﻩﺭﻣﻪﻙ ، ﭼﻪﻡ ﻗﻮﻳﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ئاﻟﺪﯨﻢ >> .
ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ئاﺭﺧﯧﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﭙﯩﻨﺪﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯞﻩﺳﯩﻘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ئاﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﺗﺎﺭﯨﻢ - ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ئوﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻠﻪ - ﻳﯩﭙﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﻪﻡ ئەﻣﻪﺱ ، ﺩﯦﺴﻪﻙ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ .

4 - ﻗﻪﻏﻪﺯ
ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ . ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻣﯩﻼﺩﻯ 105 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﻱ ﻟﯘﻥ ئۆﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ئاﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ، ﻗﻮﯞﺯﺍﻕ ، ﻛﻪﻧﺪﯨﺮ ﺗﺎﻻﺳﻰ ، ئەﺳﻜﻰ - ﺗﯜﺳﻜﻰ ﻻﺗﺎ ، ﻛﻮﻧﺎ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﺎﻡ ئەﺷﻴﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻧﺎﻳﺎﭖ ( ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ) ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ . ئەﻣﻤﺎ ﺧﻪﻟﻖ ئاﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺳﻪﻱ ﻟﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ . ﻗﻪﻏﻪﺯﭼﯩﻠﯩﻚ ھﯜﻧﯩﺮﻯ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﮔﻪ ئاﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﺑﯘ ھﯜﻧﻪﺭ ئاﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ئوﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ( ﻣﯩﻼﺩﻯ 25 _ 220 - ﻳﯩﻠﻼﺭ )ﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ - ﺗﺎﺭﯨﻢ ئوﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭ ﻗﻪﻏﻪﺯﭼﯩﻠﯩﻚ ھﯜﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ئۆﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1901 - ﻳﯩﻠﻰ ﯪﯞﺭﯨﻞ ﺳﺘﯧﻴﯩﻦ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭﺩﯨﻦ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ( ئاﺭﺧﯧﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ئاخىرﻗﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯧﻜﻰ ﯞﯦﻲ - ﺟﯩﻦ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 220 _ 420 - ﻳﯩﻠﻼﺭ ) . 1910 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﯨﻨﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﻮﺗﺎﻧﯩﻚ - ﻓﯩﺰوﻟﻮﮒ ﯞﯦﺴﻨﯧﺮﻧﯩﯔ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟﻯ ئاﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﺑﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭ ﻻﺗﺎ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ئۈﺟﻤﻪ ﻗﻮﯞﺯﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ . ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﺗﻪئەﻟﻠﯘﻕ ﺩﻩﭖ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﻨﺪﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻛﻪﺵ ﯞﻩ ﻗﻪﻏﻪﺯ ئاﺩﻩﻡ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئوﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟﻯ ئاﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﺑﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﭘﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ؛ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﻪﻧﺪﯨﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﻧﺪﯨﺮ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﻻﺭﺩﯨﻦ ھﻪﻡ ﺑﺮﺍﻙ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺗﺎﻻﻟﯩﻖ ﺧﺎﻡ ئەﺷﻴﺎﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ( ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 206 _ 25 - ﻳﯩﻠﻼﺭ )ﺩﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻥ : ﻣﺎﻱ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺮﯨﻐﺪﺍﺵ ئۇﺳﯘﻟﻰ ﺋﯩﺴﻼھ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ؛ ﻧﺎﻳﺎﭘﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻤﯘ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ؛ ﺗﺎﻻﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﻰ - ﺳﯩﭙﺘﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ؛ ئۆﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻳﯩﻠﯩﻤﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﯞﻩ ﯬﺗﯩﻘﻪ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئاﻗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ( ﺳﯜﺕ ) ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ئەﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﺮﺍﺧﻤﺎﻝ ﯞﻩ ھﺎﻳﯟﺍﻥ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﯩﻤﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺩﯨﻨﯩﻲ ئەﻗﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯜﻳﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﺵ ئۈﭼﯜﻥ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ .
ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ - ﺗﺎﺭﯨﻢ ئوﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﻗﻪﻏﻪﺯﭼﯩﻠﯩﻚ ھﯜﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ئۆﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ئۆﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ھﻪﻡ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﻮﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ . ﻗﻪﻏﻪﺯﭼﯩﻠﯩﻚ ھﯜﻧﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻮﺭﺍﺳﺎﻥ - ﺋﯩﺮﺍﻧﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .

5 - ﻣﯩﺦ ﻣﻪﺗﺒﻪئە
ﻣﻪﺗﺒﻪئە _ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ . ﻣﻪﺗﺒﻪئە ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ 2000 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ئاﺷﺘﻰ . ئەﻣﻤﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﻪﺗﺒﻪئەﻟﻪﺭ ئوﻳﻤﺎ ﻣﻪﺗﺒﻪئە ﺋﯩﺪﻯ . ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﯞﻩ ئوﻳﻤﯩﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ . ﺷﯩﺮﯨﻔﺘﻠﯩﻚ ( ﺩﺍﻧﻪ - ﺩﺍﻧﻪ ھﻪﺭﭘﻠﯩﻚ ) ﻣﻪﺗﺒﻪئەﻧﻰ ئاﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺭﯨﻨﺰﯗﯓ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﯩﯖﻠﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ( ﻣﯩﻼﺩﻯ 1041 _ 1048 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ )ﺩﺍ ﺑﻰ ﺷﯧﯔ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ئوﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺑﻰ ﺷﯧﯔ ﻳﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻻﻳﻐﺎ ﺧﻪﺕ ئۇﻳﯘﭖ ، ھﺗﺘﺎ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ ﭼﯩﯖﯩﺘﻘﺎﻥ ، ئاﻧﺪﯨﻦ ئۇ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺑﻪﺕ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ . ئەﻣﻤﺎ ، ﺩﯛﻧﺨﯘﺍﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﮔﺎﯞ ﮔﺎﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪﺕ - ﺷﯩﺮﯨﻔﺘﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻮﻣﻰ _ << ﻻﻧﻜﺎ ﯪﯞﺍﺗﺎﺭﺍ - ﺳﯘﺗﺮﺍ >> ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ئاﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﺑﯘ ﻧﻮﻡ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﺰﯗﯓ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯩﯖﮕﯘﻩﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ( ﻣﯩﻼﺩﻯ ( 627 _ 650 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ )ﺩﺍ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﻪتﻘﯩﻘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺷﯩﺮﯨﻔﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﺗﺒﻪئەﻧﯩﯔ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 500 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ . ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﻫﺎﻥ ﮔﯧﻨﺴﻔﻠﯩﺶ ﺯﯗﻡ ﮔﯘﺗﯧﻨﺒﯧﺮﮒ 1450 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯧﺘﺎﻝ ﺷﯩﺮﯨﻔﺘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺕ ﻳﺎﺳﺎﺵ ھﯜﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺑﻰ ﺷﯧﯖﻨﯩﯔ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﮔﯘﺗﯧﻨﺒﯧﺮﮔﺪﯨﻦ 400 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻮﻣﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﯨﻔﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﺗﺒﻪئە ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 900 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﯨﻔﺘﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪ ھﻪﺭﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ 11 - ئەﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﺗﻪئەﻟﻠﯘﻕ . ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺗﺒﻪئە ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪﺳﻰ ئاﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ھﻪﺭﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ، ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ئەﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻏﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﯘﺳﺨﯩﻼﺭﺩﺍ ﺷﯩﺮﯨﻔﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ؛ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﯨﻔﺘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺑﻪﺕ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ . ئەﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪﺗﺒﻪئەﭼﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﺪﺍﻕ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ، ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪﻟﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﯩﺮﯨﻔﺘﻠﯩﻚ ﻣﻪﺗﺒﻪئەﭼﯩﻠﯩﻚ ھﯜﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ئەﯓ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

ئاﻻھﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺍھﺎﺕ : ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ئاﻛﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ << ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ئەﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ

دۇنيا ناھايتى ئاددى، مۇرەككەپ بۇلغنى ئادەم...

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15560
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7223 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 03:19:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست كارىز بار،قايسى بىر ئالىم ئۇيغۇرلارنىڭ كارىزى مىسىرلىقلارنىڭ پىراممىداسىدىنمۇ قالتىس دىگەنىكەن.....
كارىز ھازىر بىيجىڭ خاڭجۇ قانىلى بىلەن قوشۇلۇپ جوڭگۇدىكى ئۇچ چوڭ قەدىمى قۇرلۇشنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.كارىزنىڭ تۇرپاندىكى ئەڭ قەدىمكىلىرىنىڭ 2000نەچچە يۇزلۇك تارىخقا ئىگە....كارىزنىڭ قۇرۇلمىسى قارىماققا ناھايىتى ئاددى كۆرىنىدۇ،يۇقىرىدىن تۆۋەنگە مەلۇم يانتۇلۇق بويىچە نەچچە يۇز قۇدۇق چىپىلىدۇ،قۇدۇقلار تەشمە ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ،يەرشەكلى ئەڭ پەس يەرىگە كەلگەندە ئېرىق ئارقىلىق يەر ئۇستىگە چىقىرىلىدۇ،ئۇ سۇلار سۇغىرىشقا باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ،سۇيى ئۇلۇغ كارىزلار 400،500مو يەرنى كىچىكلىرىمۇ40،50مو يەرنى سۇغىرالايدۇ....كارىزنىڭ ئۇزۇنلىرى20_30كىلومىتىر قىسقىلىرى بىرنەچچە كىلومىتىر كىلىدۇ.ھەربىر قۇدۇقنىڭ ئارلىقى 20،30مېتىر ئەتراپىدائادەتتە ئۇچ كىلومىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كارىزدا 120گە يىقىن قۇدۇق بولىدۇ....قۇدۇقلارنىڭ چوڭقۇرلىرى100مىتىرغا قىسقىلىرىمۇ5،6مىتىرغا يىتىدۇ...
ئەينى ۋاقىتتىكى تەرەقىيات مەدەنىيەت سەۋيىسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندىمۇ بۇ چوڭ مۆجىزە......

غۇپۇر نۇرىدىن تولمبۆك نىڭ شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۇ قۇرلۇشى_كارىز ناملىق ئەسىرىدىن بىزنىڭ دەرىسلىك كىتابىمىزدا بار ئىكەنتۇق پايدىلىنىش قىممىتى بارمىدۇ دەپ يوللاپ قويدۇم.....

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

مەن ،  بۇرۇنقى م

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31368
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4191
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 03:27:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدىلا يازماي .........!

تىرىشقان ئۇزار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46257
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3679
تۆھپە نۇمۇرى: 188
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2011-6-30
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 03:38:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-3يىللار ئىلگىرى ناھىيەلىك بىر قىرىندىشىمىز ھاۋادىن پايدىلنىپ ئوت ئالدىغان ماتورنى كەشىپ قىپتىكەن توردا  كۆرگەن ئىدىم يوق بولۇپ كەتتى بىلدىغانلار بولسا خەۋەرىنى بەرسەڭلا

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22081
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10084 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 05:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چامغۇرنىمۇ ئۇيغۇرلار يېتىشتۇردىمىكىن دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41062
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2011-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 06:25:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ كەشپىياتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتلىرى

ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىرلەردىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ياشاپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا،موڭغۇلىيە يايلاقلىرى ۋە شىنجاڭ رايونىدا شانلىق ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ،ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قالدۇردى.بۇ تۆھپىلەر ھازىرمۇ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە مەنبەلىك ئورنى بىلەن راۋاجلىنىپ مۇكەممەللەشمەكتە.ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئالەمگە مەشھۇر ئەجداد ئالىملىرىمىز كۆز يۇمۇپ بولمايدىغان ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تونۇتقان بولسا،تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ نامسىز ئالىملار تەرىپىدىن يارىتىلغان كەشپىياتلار دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنى تونۇشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى.بۇنىڭدا گەۋدىلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
       1. مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى
ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئاغزاكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولغان بولسا ، شۇخىل ئاغزاكى نەرسىلەرنى يازما ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئىپادىلەشنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ھادىسە بولۇپ قالدى.بۇ ھادىسە دەل مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىدى.ئۇنداقتا بۇ يەردە بۇ كەشپىياتنى دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن قايسى مىللەت ياراتقان،دىگەن مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ.بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئارخىئولوگى قۇربان ۋەلى مۇنداق يازىدۇ:«دۇنيادا مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا سۆزلىگەندە،سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بى شىڭ دىگەن كىشىنىڭ 1041-1048-يىللىرى تىزما خەت(مىخ مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى)تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياغاچقا ئويۇپ قەغەزگە بىسىلغان(خوتۇن قىزلار رىسالىسى)دىگەن كىتابمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.ئويما مەتبەئە ئوتتۇرا جۇڭگۇ رايۇنىدا مىلادى 7-ئەسىردە قوللىنىلغان بولسا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىلادى 5-ئەسىردە تۇرپاندا ئويما ۋە تامغا مەتبەئەدە بىسىلغان بۇددىزىم رەسىملىرىمۇ بار ئىدى»(«بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» ئۇيغۇرچە نەشىرى،201،202-بەتلەر)بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،دۇنيادا مەتبەئە تېخنىكىسى ئەسلىدىكى 7-ئەسىردىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىكى مەزگىلدە،يەنى 5-ئەسىردە تۇرپاندا قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان.ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە پەقەت ئويما مەتبەئە بار ،دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا،تۇرپاندا ئويما مەتبەئەنىڭلا ئەمەس يەنە تامغا مەتبەئەنىڭمۇ بولغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.بىز يەنە مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەشىپ قىلغانلىق توغرىلىق تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى:ئابلىز مۇھەممەت سايرامى «ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى»دىگەن ماقالىسىدا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1990-يىللىق12-ئاۋغۇست سانىدىكى مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ:«1990-يىلى دۇنخۇاڭدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا،دۇنخۇاڭ مۇزىيى تاپقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئالتە دانە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى.ئۇ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيتىگەقوشقان زور تارىخىي تۆھپىسى» («شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى »1993-يىللىق 3-،4-سان،43-بەت). بۇخىل ئارخىئولوگىيىلىك ئىسپاتلار يۇقارقى قاراشلىرىمىزنى تېخىمۇ تىپىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ،دۇنيادا تۇنجى بولۇپ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلار،دىگەن كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان خۇلاسىنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ.

       2. زەمبىرەكنىڭ كەشىپ قىلىنىشى
بىز ئەمدى زەمبىرەكنى ئۇيغۇرلار ياساپ چىققان دىگەن مەسىلە ئۈستىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
ئارخىئولوگ قۇربان ۋەلى «تارىختىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى»دىگەن ماقالىسىدا مۇنداق يازىدۇ:«ئەينى زاماندا يىڭىدىن كەشىپ قىلىنغان ھەربىي ياراقنىڭ نامى>ئۇيغۇر زەمبىرىكى<ئىدى.ئۇيغۇر زەمبىرىكى بىر يىڭى كەشپىيات ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك قورال بولۇپ قالغان.جۇڭگۇ تارىخىي مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان دۇنيا بويىچە دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زەمبىرەكمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر زەمبىرىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغانىدى.>ئۇيغۇر زەمبىرىكى< دىگەن بۇ نام مىلادى 1182-يىلى بارلىققا كەلگەن».
دىمەك،يۇقارقى مەلۇماتلاردىن بىز شۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىزكى-دۇنيا ئۇرۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ زامانىۋى تۈستە ئىلىپ بىرىلىشى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئاتۇم دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان پارتلاتقۇچ زەمبىرەك مۇئەييەن رول ئوينىغان.شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زەمبىرەك ياسىغان دەۋرىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يادرولىشىش باسقۇچىنىڭ بىر ئۈندۈرمىسى دەپ قارىيالايمىز.

         3. راك كېسىلىگە شىپالىق رېتسىپنىڭ ياسىلىشى
ئۇيغۇرلارنىڭ تېببىي ساھەدىكى تۆھپىسىمۇ زور بولۇپ،قايتا ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك بولغىنى راك كېسىلىگە شىپالىق دورىنىڭ كەشىپ قىلىنىپ،رەسمىي داۋالاشنىڭ رېتسېپىغا ئايلانغانلىقىدۇر.بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئىسپات بار:«قاغىلىق ناھىيىلىك مىللىي تېبابەت شىپاخانىسىدا ئىشلىگەن داڭلىق تېۋىپ مەمتىلى ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،ئۇيغۇر ئالىمى،ئاستىرونۇم ھۈسەيىنخان تەجەللى (1848-1927)نىڭ بىردىنبىر تېبابەتچىلىك رېتسېپلىرى توپلىمى <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>دا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.ئۇنىڭدىن <سەراتان>نى داۋالاش،يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئادەم بىھوش قىلىش، ۋە ھوشسىزلاندۇرۇش دورىلىرىنى ياساشقا ئائىت رېتسىپلارمۇ بار ئىكەن. مەرھۇم خەلپىتىم ئەينى ۋاقىتتا <سەراتان>دەپ ئاتالغان كېسەلنىڭ ھازىرقى راك ئىكەنلىكىنى ئۇقماي قالغانلىقى سەۋەبلىك ،ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى رېتسېپىغا دىققەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى».(«مىللەتلەر ئىتتىپاقى»)ژۇرنىلى 1994-يىللىق 1-سان،22-بەت)
دېمەك دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كىسەل-راك كېسىلىنىڭ شىپالىق رېتسېپى ئۇيغۇر تېببىي ئالىمى ھۈسەيىنخان تەجەللى تەرىپىدىن ياسالغان بولسىمۇ،ئاپەتلىك يىللاردا كۆيدۈرۋىتىلىپ،پۈتۈن ئىنسانىيەت كۆڭۈل بۆلگەن راك كېسىلىنىڭ يەر شارى يۈزىدىن يوقىلىشىغا زور توسقۇنلۇق بولغان.گەرچە مەزكۇر رېتسېپ تېببىي ساھەدە ئىشلىتىلىش ئورنىدىن قالغان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ مەلۇم مەزگىل (1927-يىلىدىن بۇرۇن )كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس.بۇ يەردە ھازىر مۇنۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ؛تەجەللى ئۆز ئەسەرلىرىنى دېگۈدەك ئەرەپ-پارس تىللىرىدا يازغاچقا،بۇ ئەسەرلەر خەلققە تارقىلىش داۋامىدا ھازىرمۇ ئەرەپ-پارس تىللىرىنى بىلمەسلىك سەۋەبلىك ئاشۇ رېتسىپمۇ خەلق قولىدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ياكى 1958-يىلى بېيجىڭدىن كەلگەن ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ ئالىمنىڭ ئاسترونومىيىگە ئائىت بىر پارچە ئەسىرىنى ئېلىپ كەتكەن قاتاردا ئېھتىمال مۇشۇ رېتسېپقا ئائىت مەلۇماتلارنىڭمۇ بولۇشى ئالاھىدە نەزىرىمىزگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8579
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8506
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 07:49:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمادىن ئىنكاسلار ھوسۇللۇق بولدىمۇ نىمە. ھەممەيلەنگە رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش