مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yanhin918

ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى : ئەبۇ ھەنىپە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17236
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1219 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 11:17:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مالىكى مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى : ئىمام مالىك

مالىكى مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى:  شەيخۇل ئىسلام  ئىمام  مالىك



ئى. ئابدۇلئەزىز







توللۇق ئىسمى: ئىمام ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى ئامىر ئەلئەسبەھى




شەيخۇل ئىسلام  ئىمام  مالىك (ئاللاھ  ئۇنىڭدىن رازى بولسون!)  ھىجريە 93 ( مىلادى 711) - يىلى بۈيۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ  شەھىرى مەدىنىدە، ئەسلى شەجەرىيەسى يەمەنگە تۇتۇشىدىغان بىر ئەرەب ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىمام مالىكنىڭ  بوۋىسى، يەمەندىكى بەزى ۋالىيلاردىن شىكايەت قىلىپ مەدىنەگە كېلىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان.



ئىلىم سەپىرى ۋە ئۇستازلىرى:



مالىك تۇغۇلغان زاماندا، مەدىنە شەرىئەتنىڭ مەنبەسى، ئالىملارنىڭ چىرىقى ئىدى. مالىك ئائىلىسى مەدىنىگە كېلىپلا ئىلىم بېغىغا قەدەم قويۇشقا باشلىغان، بۇۋىسى ئەڭ چوڭ تابىئىى ۋە ھەدىس رىۋايەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئىمام مالىكنىڭ تاغىسى ئەبۇ سۇھەيىل نافئى بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەدىس ئىلمىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەنلەردىن ھېسابلىنىدۇ.



مالىك، بۇ ئىلىم بىلەن نەفەسلىنىدىغان جەمئىيەتتە ئىلىم دۇنياسىغا قەدەم تاشلايدۇ. بىرىنچى بولۇپ، قۇرئاننى يادىلاش بىلەن باشلايدۇ. ئۇ ئائىلىسىگە، تاغىسىغا ئوخشاش ئۆلىمالارنىڭ دەرىسخانلىرىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قويىدۇ، بۇ ئىشنى ئائىلىسى خۇرسەنلىك بىلەن قوللايدۇ، بۇ ئىشقا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن كىشى ئانىسى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بولىدۇ. ئىمام مالىك، ئانىسىغا ئۆلىمالارنىڭ مەجلىسىگە بېرىپ ئۆگىنىش رىغبىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئانىسى ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى كىيملەرنى كىيدۈرۈپ، بېشىغا سەللە ئوراپ: "ھازىر بېرىپ يېزىشنى باشلىغىن" دەپ ئىلىم دەرۋازىسىنى ئېچىپ بىرىدۇ. بۇ بۈيۈك ئانا ئىمام مالىكنىڭ شەكلىگىلا كۆڭۈل بۆلمەستىن، بەلكى قايسى ئالىمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئوقۇشنى، نېمە ئوقۇشى لازىملىقىنى دەپ بالىسىغا كۆرسەتمە بېرىپ تۇرىدۇ.



ئۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆلىمالارنىڭ دەرىسخانلىرىدا، قۇشقا ئوخشاش، بىر دەرەختىن يەنە بىر دەرەخكە قۇنۇپ، خالىغان مېۋىلەرنى تاللاپ ئېلىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ھەدىس شوناس ئابدۇرراخمان ئىبنى ھورموزنى (ھىجريە 117ـ يىلى ۋاپات بولغان) ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئۇستاز تۇتىدۇ. ئىمام مالىك ھەدىس ئىلمىنى نافئى مەۋلە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئەبىززىناد ۋە ئىبنى شىھاب ئەززۇھەرىلاردا ئۆگەنگەن بولسا، فىقھى ئىلمىنى رابىئە ۋە يەھيا ئىبنى سەئىدتە ئۆگەنگەن. ئىمام مالىك، ئىلىم ئېلىش يولىدا قاتتىق تىرىشچان بولغان بولۇپ، بو يولدا ھېچقانداق نەرسىنى ئاياپ قالمىغان، ھەتتا قىسىقچىلىق زامانلىرىدا ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىنى سېتىپ بولسىمۇ ئىلىم تەھسىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئىمام مالىك ئىلىم يولىدا ئۇستازلارنىڭ قاتتىقلىقىنى كۆتۈرىدۇ، بۇ توغرىدا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن تىك چۈشتە، نافئىنىڭ نىڭ ئۆيىگە كېلەتتىم، مېنى  قاقىرام ئىسسىقلىقتىن ساقلايدىغان بىرەر دەرەخ يوق ئېدى، نافىئنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم، ئۇ ئۆيىدىن چىققان تەقدىرمۇ، ئۇنى كۆرمەسلىككە سېلىپ، يەنە بىرەر سائەتكىچە ساقلايىتتم، ئاندىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ سالام بېرىپ، بىرەر ھەدىس توغرىسىدا سوئال سورايىتتىم، ئۇ جاۋاب بېرەتتى. ئۇنىڭدا چوسلۇق بار ئىدى".



ئىمام مالىك ئىلىم تەھسىل قىلىشنى، ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش ئىلمى، ۋە ساھابىلارنىڭ پەىۋالىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلاپ، شەرىئەت ئىلمىگە ئالاقىدار بولغان بارلىق ئىلىملارنى ئۆگىنىشكە قەدەم قويغان.



سۈپەتلىرى:



1ـ تۇتۇۋىلىش قابىلىيىتى: ئاللاھ  تائالا ئىمام مالىكقا ئادەتتىن تاشقىرى تۇتۇۋىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغان بولۇپ، بىر كۈنى ھەدىس ئالىمى ئىبنى شىھاب ئەززۇھەرىدىن يېزىۋالماستىن، 31 ھەدىس ئاڭلاپ، بىر ئازدىن كېيىن ئۇستازىغا بىرەر ھەدىسنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي دەپ بەرگەن.



2ـ ئىمام مالىكنىڭ قەلبىنى ھېكمەت نۇرى بىلەن يورۇتقان ئىخلاس ۋە تەقۋالىق: ئۇ ئىلىمنى ئاللاھ  ئۈچۈنلا ئۈگەنگەن بولۇپ، ئۆزىنى شەخسىي غەرەزلەردىن، ھاۋايى ـ ھەۋەسلەردىن ساقلاپ، پەقەتلا ئۆزىنى ھەقىقەتكە يىتىش ئۈچۈنلا ئاتىغان.



ئىمام مالىك، بىرەر پەتىۋا بېرىشتە ، ئالدىراپ جاۋاب بەرمەيىتتى. ئەگەر بىر كىشى بىرەر مەسىلە توغرىسىدا سوئال سوراپ كەلسە، ئۇنىڭغا: ھازىر كېتىپ تۇرۇڭ، بۇ مەسلىگە قاراپ جاۋاب بىرەي دەپ ئۇ كىشىنى قايتۇراتتى. ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنپ مۇنداق كېلىدۇ: ئۇ بىر كۈنى 30 مەسىلىدە سوئال سورلۇپ، بېرسىگە جاۋاب بېرىپ 39 غا بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بەرگەن.



ئىمام مالىكنىڭ بىردىنبىر كىتاۋبى "مۇۋەتتا":



بۇ كىتاب، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى جۇغلىغان بىرىنچى كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



ئىمام مالىك كىتاۋبنى ئۇمەۋىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە، ئەبۇ جەئفەر ئىبنى مەنسۇرنىڭ زامانىدا  يېزىشقا باشلاپ، ھارون ئەل راشىدنىڭ  واقتىدا تاماملىغان. ھارون ئەل راشىد خەلىپىلىكتىكى بارلىق يەرلەرگە، ئىمام مالىكنىڭ بۇ كىتاۋبىنى بىر تۇتاش يۈرگۈزۈشنى ۋە كەبە شەرىفكە ئېسىپ قويۇشنى ئىمام مالىكقا دېگەندە؛ ئىمام مالىك، ئىسلام زېمىنىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى، ھەممە يەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆرپـ ئادەتلىرى بارلىقىنى، بۇنداق قىلغاندا كىشىلەرگە تەسلىك بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى دەپ، بۇ ئىشقا رازى بولمىغان.



"مۇۋەتتا" نى ئىمام مالىك قىرىق يىل ئىچىدە يېزىپ پۈتتۈرگەن. بۇ كىتاب ھەدىس كىتابى بولۇپ، ئىمام مالىك ئۇنى فىقھى تەرتىپى بىلەن رەتلەپ چىققان، شۇنىڭ ئۈچۈن "مۇۋەتتا" ھەدىس ۋە فىقھى كىتابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مالىكى مەزھىپىنىڭ تارقىلىشى:



مالىكى مەزھىپى، ئىمام مالىكنىڭ تالىپلىرىنىڭ ھارماي تېرىشچانلىق قىلىشلىرى، ۋە ئىمام مالىكنىڭ كىتاۋبى "مۇئەتت" نىڭ تەسىرى بىلەن گۈللەنگەن.



    مالىكى مەزھىپى بىرىنچى بولۇپ ۋۇجۇتقا كەلگەن يېرى، ھىجاز زېمىنىدا تارقالغان. شۇنىڭدەك، ئىمام مالىكنىڭ ھايات واقتىدا مىسىردىمۇ تارقالغان. ھازىر بولسا شىمالى ئافرىقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى، تۇنىس، ئالجىرىيە ۋە ماراكەش، ۋە كۆپىنچە ئافرىقا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەزھىپى مالىكى ھېسابلىنىدۇ.



ۋاپاتى:



ھىجرەت دىيارىنىڭ ئىمامى ئىمام مالىك، دۇنياغا ئىلىم نۇرىنى چېچېپ، بىزنىڭ شەرىئەت فىقھىمىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك بىر تۈۋرىكىنى تۇرغۇزۇپ بېرىپ، ھىجرىيەنىڭ 179 ( مىلادى 795)ـ يىلى بۇ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئاللاھ ئىمام مالىكتىن رازى بولسۇن، ۋە رەھمىتى ئاستغا ئالسۇن. ئامىن

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9306
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 11:38:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  پادىشاھ كە 2011-07-10 12:22 AMئەۋەتىلدى  :
مەنچە ئۇ بىلىم بولماستىن بەلكى كىشىلەر ئارىسىغا زىدىيەت سالىدىغان ،ياشلارنى-ئۆسمۈرلەرنى يامان يولغا باشلايدىغان ئەپۈيۈن.چۈنكى مەزھەپ دىگەنلەر مۇسۇلمانلارغا پايدا ئېلىپ كەلگىنى يوق بەلكى ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چېچېپ مەزھەپ تالىشىپ بىر-بىرىنى كەمسىتىپ قىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ شۇ تۈپەيلى ئۇنداق نەرسىلەرنى تەرغىپ قىلمايلى مەنچە ئۇ بىد ئەتلىك .بىز ھەقىقىي مۇسۇلمان بولساق بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ مۇھەممەت ئەلەھىسالامغا ئىمان كەلتۈرگىنىمىز تۈزۈك پالانى مەزھەپ،پۇكۇنى مەزھەپ دەپ تەرغىپ قىلمايلى دەيمەن دوستۇم.
مەزھەب دىگەن ئەلمىساقتىن بۇيان ھەر يان تەرەپلەردىن توغرا - خاتالىقلارغا يول تۇتقۇچى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى - تۇنۇشلىرىغا قارىتا ھەر خىل ۋە سەر خىل بولۇپ كەلگەن . ئاللاھنىڭ ياراتمىقى ھەر زامان ، ھەر ماكان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان يېڭىلىقلارغا ئىگە يول ئىچىدىدۇر ! شۇ سەۋەبتىن ھەر بىر ھەق - ناھەقلەر ، دىيندا خۇددى تۇزلۇق دېڭىزغا تاتلىق دەريانىڭ سۇلىرى بىركىشىپ كەتكەندەك ، راست - يالغانلار ئارلىشىپ كەتكەن ، مۆئمىنلەرنىڭ زادى قايسى توغرا - خاتاسىنى ئېنىق چۈشىنىشى ، ئايرىشى ئۈچۈن مېھرىبان ئاللاھ ھەر ۋاقىت نادانلار ، ھاماقەتلەر ، شۇنداقلا ئاللاھقا خاس ئىبادەت قىلمايدىغان ، نەپسىگە قۇل بولغان ، نەپسى نىمىنى بۇيرىسا شۇنىڭدا بولىدىغان ، شۇنى قىلىش بىلەن قارىماققا ئىسلام شۇئارى دىينىدا بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى ، ئېتىقادى يەنىلا يەھۇدىي - ناسارالارغا ، ھەتتە بۇتخانىدىكى راھىبلارغا ئوخشاش بولىنىپ قېلىنىشلىرىدەك ئورنى بىلەن ئۆزلىرىنى يەنىلا ئاللاھنىڭ دوستلىرى ، يېقىن بەندىللىرى دەپ داۋراڭ سېلىشلىرىدەك ئەسلى دورامچى مايمۇنلىقىنى كىشىلەرگە ، تەييار تاپ چوشقىلىقىنى ھەم تەۋسىيە قىلىشلار بىلەن ئاتا - بوۋىلىرى زامانىدا زامان - ماكاننىڭ ئورنىغا قارىتا تۇتقا قىلىنغان ، ئېلىپ بېرىلغان شەرىئەت قىسمىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ ، ئەمىلىيەتتە شۇ خىل دىيننى ئىلاھ قىلىۋېلىشتەك ئېتىقادلارغا ئىزچىل بولىۋالغان كىشىلەر ئۆز ئارا ئىختىلابلىشىپ ھەر پىرقىلەر بولۇپ ئۆزىنىڭ يولىنى تۇتقا قىلىپ شۇنىڭ بىلەنلا رازى بولىشىپ ئۆتكەنلەردە ئاللاھ ئۆزىگە ئۇ كىم بولسۇن تۆۋەنچىلىك بىلەن تىگىشلىك رەۋىشتە ئىبادەتتە بولىنىپ كەلگۈچى بەندىللىرىگە قارىتا ئۇلار نەپسانىيەتچىلەر ھەققە قارشى ، توغرىلىققا ، ئاللاھنىڭ شۇ زامانغا خاس توغرىلىققا قارشى ئىختىلاپلىشىپ كېلىۋاتقان ھەقىقەتكە يىتەكلەش بىلەن ئويلىمىغان يەردىن خۇددى قۇرئاندا ھەر خىل رەۋىشتە ئىلگىركىلەرنىڭ قىسسىنى بايان قىلغاندەك گاھ ھەقىقەتنى ئۈستۈنلۈككە ، گاھ تۆۋەنلىككە چىقىرىش - چۈشىرىش بىلەن پەقەت نەپسىگە بىرىلىپ كەتكەن ، غاپىل قالغان ۋە شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ زالىم بولغان ، ھەققە قارشىلىق قىلىش بىلەن كاپىر بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنى پەرىشتىلەرگە ، مۆئمىنلەرگە ۋە ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرگە قارىتا ئاشكارا ھاللاردا دەلىل بىلەن ئايرىپ تۇنۇتۇش ئۈچۈن ھەر  3 يىلدا ، 30 يىلدا ۋە ھەر يۈز يىلدا ۋە ھەر مىڭ يىلدا ھەر ۋەزىيەتتىكىلەرگە ئۆزىگىچە يول تەيىن قىلىپ كىملەركى توغرىلىقنى ئاللاھدىن تىلەيدىكەن ، شۇ بەندىلەرنى شۇ خىل مەزھەپ ، گۇرۇھ ئىچىگە سېلىش ، يىتەكلەش بىلەن ئىمانى نۇرغا ئېلىپ چىققان . دۇنيادىلا مەھشەر كۈنىنىڭ جەننىتىنىڭ يول خېتىنى بىرىشتەك دەلىلگە ئاساسلاندۇرۇپ ياشىتىش قىلدۇرغان .
ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا پۈتۈن ئىنسانلار ھاياتىنى ئالدىن پۈتكەن . ھەر بىر ئۆزگىرىشلەر ، زامان - ماكانلار ئالدىن پۈتۈلگەن . ھەر بىر ئۆزگىرىشلەر ، بىر زاماندىن كىيىن يەنە بىر زاماننىڭ كىلىشى ، بىر خەلىپىدىن كىيىن يەنە بىر خەلىپىنىڭ كىلىشى ، ئۇنىڭ قەيەردىن ، قايسى رەۋىشتە كېلىشىدىن تارتىپ ئالدىن پۈتكەن ۋە بۇنى قۇرئاننىڭ ئىچكى دۇنياسى مەناسىغا ھىكمەتلەشتۈرۈپ لەۋھۇلمەھپۇز قىلىپ پۈتكەن . بۇ خىل ئىلىمنى پەقەت ئاللاھقا توغرا رەۋىشتە شۇنىڭدەك تەقۋادارلىق ئىچىدە ياشىغان كىشىلەرگە قارىتا ھەقنى بىۋاستە بىرىش ، ياكى پەردە ئارقىسىدىن ئاڭلىتىش ۋە ياكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئايان قىلىشتەك ھەر خىل رەۋىشتە ئۇسلۇبلاردا شۇ خىل بەندىللىرىنى دىيندىكى ئورنىغا قارىتا ئىلىم ئاتا قىلىپ توغرىلىقنى بىلدۈرۈپ ، ئاڭلىتىپ  كەلگەن .
قۇرئاننىڭ تۈزىلىشى ، يۇمشىتىشى قاتتىق تۆمۈر مەسەللىك ئىچىدە يارىتىلغان بولۇپ ، ئاللاھ خالىغان بىر زاماندا شۇنىڭدەك ئالىي ئۈستۈنلۈك ئىچىدىكى بەندىسىنى چىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا ئۆز مۇددىئاسى ، ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ قۇرئاننى ئۇنىڭ تىلى بىلەن كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن . ئەمما شۇ خىل نىمەت كېلىشتىن ئىلگىرى جەمىيەتتە نۇرغۇنلىغان پىتنە - پاساتلار تارقايدىغان بولۇپ ، كىشىلەرنى پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش ئىچىدىكى تۆۋەنلىك ئىچىدىكى مەزھەب ئۆلىمالىرى ، تەقۋادارلىرى كىشىلەرنى چاقىرىق قىلغان . ئەمما ھاماقەتلەر ئۇلارنى پەس ، نادان ، ھەقىقەتتىن چىقىپ كەتكەن ، دىيننى بۇزىۋاتقان دەپ تۇنۇپ قېلىشلار بىلەن كىمنىڭ ئاۋازى يۇقىرى ، يوغان بولسا ، ئاچچىقتىن كۆزلىرى پىيالىدەك يوغىناپ پولتىيىپ چىقسا شۇنى تاللاشتەك ، پەقەت دىين بىلەن كۆڭلىنى رازى قىلىش بىلەن تەسكىن تاپقان . ئاقىۋەتتە ، شۇ خىل پىتنىچى دەججالارنىڭ تەۋسىيە قىلغان سۇ دەپ بايان قىلغانلىرىنى ئۆز كۆڭۈللىرى بىلەن رازى بولۇشۇپ ئىچىشكەن . ئەمىلىيەتتە ئۇ ئۇلارغا ئاچچىق ئەمەلدىن باشقا ئوتتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئاقىۋەتتە پۇشايمانغا سالغان .
ئاللاھ يارىتىشتا ياراتتى . ئەمما بەندىللىرىنى ھىچقاچان تاشلىۋەتمىدى . ئۇلارغا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان يوللارنى ، سىنىپىي شەرىئەتلەرنى ئاشكارا ھاللاردا بايان قىلىپ كەلدى . پەقەت ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلغۇچىلارلا نىمىنى توغرا تاپسا شۇنى تاللاشتەك ئىنسانىي تەپەككۇرىغا ، ئىنسانىي ھىسىياتىغا بىرىلىپ كىتىش بىلەن ئۆزلىرىگە زالىم بولۇشتى . ئاقىۋەتتە ماڭغان يولى باتىلدىن ئىبارەت خالتا كوچا بولۇپ ،ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندا ھەق تەرەپكە قايتاي دىسە غورورى ئۇنىمىدى . ماڭاي دىسە يولى يوق ئىدى . شۇ ۋەجىدىن جاھىللىق قىلىپ ‹‹ نېمىنى كۆرسەم شۇنى كۆرەي ›› دىگەن تەرسالىقى بىلەن ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئاللاھقا ئاشكارا دۈشمەن بولۇش يولىغا رازى بولغان ھاللاردا ئۆز ئىززىتىنى ، ئىلگىركى ئورنىنى ، ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالماققا تەييار تۇردى . چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى پەقەت كىشىلەرنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىبادەتتە بولغان ئىدى . ئۇلار تىلىگەنلىرىگە ئىرىشتى . چۈنكى ئۇلار ئاللاھدىن شۇنى تىلىگەن ئىدى .
ئىلگىرى زومىزو پىتنىلەرگە ئۆزلىرىنى سېلىشىپ بىلمىگەنلىرىگە ئەگىشىپ ، ھالالنى ھارام قىلىشىپ ، ھارامنى ھالال قىلىشىپ شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغانلىقرىدىن ئۆزلىرىنى ھەقىقەتەن ھاماقەتلىككە سېلىش بىلەن مەنا چۈشەنمەس قەلىبلىرىگە ئىگە قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنى پەقەت تاۋۇشنىلا ئاڭلايدىغان ۋە شۇ بۇيىچىلا ئىش كۆرىدىغان چاھارپايلاردەك ۋە ھەتتە ئۇلاردىنمۇ بەتتەر ھاللارغا قويۇش بىلەن ئۆز كۇرىسىنى پەسلەشتۈردى . نەپسىنى پىسقى بىلەن كەمسىتتى . ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى چۈشەنمەس بولدى . بۇ رەھمىتى ئىلگىرى نامازدا يۈزىنى قىبلىگە يۈز كەلتۈرگەندەك بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە يۆتكەش قىلغاندەك بىر شەرىئەتتىن يەنە بىر شەرىئەتكە ، بىر گوروھلىقتىن يەنە بىرىگە يۆتكەش قىلىش بىلەن دىيننى بەرپا قىلغۇچى ئىبراھىملارنىڭ توۋلىشى بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىللىرىنى شۇ تەرەپكە يۈزلەندۈرىشى بىلەن تاتلىق سۇلۇق دەريانىڭ تۇزلۇق دېڭىزغا قايسى رەۋىشتە كىرگىنىدەك ۋە كىيىنمۇ ھەم شۇ پېتىچە چىقىپ كىتىشىدەك تەقدىر - قىسمەتلەر بىلەن ئاشكارا ھەم ئايرىلغۇسىدۇر !
كىشىلەر نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرى ياكى ئاتا - بوۋىللىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش كىشىلەر بىرلىشىپ ھەم نىمىلەرنى تىلەشتى ، نىمىلەرنى قىلىشتى ، ئاللاھنىڭ قايسى يولىدا بولۇشتى ھەممە ئۆز نەتىجىسىنى كۆرىدىغان ۋاقىت ھەم يىتىپ كەلدى .
ھەقىقەت بىر . ئەمما كىشىلەرنىڭ تاللىغىنى ھەرخىل !
شۇ ۋەجىدىن ھەر ۋاقىت نۇرغۇنلىغان پىرقىلەر بارلىققا كەلگەن ۋە شۇ خىل پىرقىچىلىك ئىچىدە بىر - بىرلىرىگە ئوخشىمايدىغان يول تۇتۇش مەزھەبلىرى بارلىققا كەلگەن . ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا نەپسىگە بىرىلىپ غاپىللىققا سىڭىپ كەتكەنلەر شۇنىڭدەك ھەر ۋاقىت تېڭىرقاش ئىچىدە ئىختىلاپتىن باش كۆتىرەلمىگەن . تەۋھىد بىلەن ئەسلا كارى يوق ، نىمىنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتەك پۈچەك ئىشلار بىلەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ كاللىسىنى چارچىتىپ ئاللاھدىن تىلەشنى ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىشنى تەرك ئەتكەن ياكى غاپىل قالغان . ئۆزلىرىگە نىمىنىڭ ئەڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقى بىلەن ئەسلا كارى بولماستىن ، پەقەت مۆئمىنلەرنىڭ ئىبرەت ئالىدىغان شەيئىسى بولۇپ قالغان . ئۆزلىرىنى خالاپ شۇنىڭدەك ماتىرىياللىق يولىنى تۇتقا قىلغان ، رازى بولغان . بۇلارمۇ ھەم ئالدىن قۇربانلىق بەرگۈچى سائادەتمەنلەردۇر !
ئى مۆئمىنلەر ! شۇنىڭدەك سائادەتمەنلەردىن سىلەرگە سالام !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4976
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-30
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 04:28:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ كاتتىدۇر ، ئالىملارنىڭ ئالىمىدۇر ، مەرتلەرنىڭ مەرتىدۇر ، سېخىلەرنىڭ سېخىسىدۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر !
مىڭلارچە تەشەككۈركى سېنىڭ ئىزنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تەرجىمە گورۇپپىسىنىڭ ئەجرى ئارقىلىق ھەقىقىتىڭغا يېقىنلاشتۇرغىنىڭغا !
مۇشۇ بۈيۈك ئىش ئۈچۈن ئەجىر قىلغانلارنى رەھمىتىڭگە ئالغايسەن ئامىن !چۈنكى سەن تىلىگەنلەرنى قۇرۇق قول قايتۇرمايسەن ، كاتىلارنىڭ كاتىسىدۇرسەن ! سېخىلارنىڭ سېخىسىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2764
يازما سانى: 509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7341
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2033 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2011-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 04:45:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزنەك ئىنكاسلىرىڭىزنى تەستە چۈشىنىمەن ،شۇنداق بولسىمۇ ئازراق چۈشەنگەن شۇ قىسمىغا تايىنىپ سىزگە قايىللىقىم ئاشىدۇ ھەر رەت  ،ئەگەر ھەممىنى چۈشنەلىگەن بولسامچۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن ھەم  شۇنىڭغا تىرىشۋاتىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5136
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8637
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 06:44:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  پادىشاھ كە 2011-07-09 11:22 PMئەۋەتىلدى  :
موشۇنداق ماز تېمىلار بىلەن مەزھەپ دىگەنلەر تەڭ يوقالسۇن !باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇندىن كېيىن مەزھەپ دىگەنلەرگە ئائىت تېمىلارنى تەستىقلىماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.قۇرۇپ كەتسۇن ئەشۇ مەزھەپ دىگەنلەر  ...شۇ تۈپەيلى  مۇسۇلمانلار ئارىسىدا جەڭگخى -جېدەل تۈگىمەستىن باشقىلارغا قۇل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ،يوقالسۇن مەزھەپ!يوقالسۇن شۇنى تەرغىپ قىلغۇچىلار!  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پادىشاھ:
مەزھەپ ھەققىدە قاراشلىرىڭىز سەل ناتوغرا بولۇپ قاپتۇ. بىلگىنىمدىن ئىككى ئېغىز سۆزلىشىمگە رۇخسەت قىلسىڭىز.
ئىسلامدىكى ئىككى چوڭ مەزھەپ بولغان سۈننى ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ ئارىسىدا ئوخشىماسلىقلار ھەتتا زىددىيەتلىك قاراشلار بولغىنى ئۈچۈن كۆپ جەڭگى-جىدەل بولغىنى راست. بىراق ئىمام ھەنەفى، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام مالىكلاردىن ئىبارەت تۆت ئىمامنىڭ بەزى مەسىلىلەرگە بولغان ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى تۆت شاخچىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، چوڭ جەڭگى-جىدەلگە سەۋەبچى بولغان ئەمەس. مەسىلەن، بىز تەرەپتە ئىمام ھەنەفىگە ئەگىشىدىغىنىمىز ئۈچۈن بەش ۋاق نامازنىڭ سۈننىتى تولۇق ئوقۇلىدۇ، ئىمام ھەنەفى بۇنى بەك تەكىتلىگەن، ئەمدى ئىمام شافىئىغا ئەگىشىدىغان مالايسىيا دېگەندەك دۆلەتلەردە بەش ۋاق نامازنىڭ سۈننىتى ئاساسەن ئوقۇلمايدۇ، چۈنكى سۈننەت نامازنى نەفلى ناماز قاتارىدا سانايدۇ. بۇ ئىككى قاراشنىڭ ھېچقايسىسى خاتا ئەمەس، نامازنىڭ سۈننەتلىرى تەكىتلەنگەن سۈننەتلەر قاتارىدا بولۇپ تولۇق ئورۇندىغان ئادەمگە كاتتا ساۋاب بار، لېكىن ئىمام شافىنىڭ قارىشى بويىچە سۈننەت دېگەن نەفلى ناماز قاتارىدا، ئوقۇغانغا ساۋاب بار، ئوقۇمىغانغا گۇناھ يېزىلمايدۇ دېيىلىشمۇ توغرا.
شۇنىڭدەك تۆت ئىمام ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىقلار ھەرگىز ئەقىدە دېگەندەك چوڭ ئىشلار ئۈستىدىكى چوڭ ئىختىلاپ ئەمەستۇر. ئەينى زامانىدا مۇشۇ ئىماملارنىڭ بىر-بىرىنى ئۇستاز تۇتقانلىقلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارمۇ بار. شۇڭا بۇ توغرىسىدىكى بىلىملەرنى «يوقالسۇن» دەپ جار سېلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.
بىلگەنلىرىمىزنى چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈش، بىر-بىرىمىزدىن ئۆگىنىش ياخشى ئىش. باشقىلار چۈشەنمەيدىغان تىلدا ھەر نېمىلەرنى دېيىش ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان قۇرۇق سۆزلەردۇر.

ئوت بىلەن يۇغۇرغان قەلبىم بار ئىدى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5136
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8637
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 06:45:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايتا يوللىنىپ كېتىپ قاپتۇ، تەھرىرلىۋەتتىم.

ئوت بىلەن يۇغۇرغان قەلبىم بار ئىدى...

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9306
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 10:08:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 13قەۋەت  jahan كە 2011-07-10 04:45 PMئەۋەتىلدى  :
كۆزنەك ئىنكاسلىرىڭىزنى تەستە چۈشىنىمەن ،شۇنداق بولسىمۇ ئازراق چۈشەنگەن شۇ قىسمىغا تايىنىپ سىزگە قايىللىقىم ئاشىدۇ ھەر رەت  ،ئەگەر ھەممىنى چۈشنەلىگەن بولسامچۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن ھەم  شۇنىڭغا تىرىشۋاتىمەن ...
ئاللاھنىڭ ئىلمىسىگە يىتىش ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك تەقۋادارلىق كېرەك . مىنىڭ سۆزلىرىمنى كۆپرەك ئىلىمدارلار ۋە تەقۋادارلار چۈشىنەلەيدۇ . چۈنكى بۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى تەسەۋۋۇرغا ، كۈزىتىش ئۈستۈنلىكىگە ، دەلىللەرگە ، غەيىباتلارغا تولغان .

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6541
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8625
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 12:27:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئالامەت  تېمىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش