قىرىندىشىم سىزنىڭ مۇتلەق يەكۈنلىرىڭىزگە ھەيرانمەن،بىزگە ھەممە ئۇسلۇب كىرەك،ئابلاجاننىڭ ناخشىلىرىدا ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بار دەپ قارايمەن،ئۇ مىنىڭ نەزىرىمدە،مۇزىكانت،ئىجادىيەتچى،ئۇسۇل ماھىرى،ھەم بىر تالانتلىق ئاكورتلاشتۇرغۇچى،،،بىزدە يەنە كىم ئاشۇنداق كۆپ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ،،،بۇ دەۋىرنىڭ ئىھتىياجى،،،چۈنكى بىز 2011-يىلىدا ياشاۋاتىمىز،،،سىزچە ئابلاجان خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتالماسمۇ؟ ئۇ ئۇيغۇرنى سۆيمەسمۇ؟ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىغىدىن تانغانمىدۇ؟ مەن بىر مۇزىكانت بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئابلاجاننى قوللايمەن،،خەلق ناخشىلىرىمىز چوقۇم بولمىسا بولمايدۇ،ئەمما بىز بىر ئىنتايىن تىز بولغان ئۇچۇر دەۋىرىدە ياشاۋاتىمىز،مەيلى ئۆزبىك بولسۇن،مەيلى تۈرك بولسۇن ھەممىسىدە بۇ خىل ئۇسلۇب بار،ئەجىبا ئۇلار دۆتمۇ؟ يۇلتۇزخان بولسۇن ياكى تاراكان بولسۇن ھەممىسى خەلق ناخشىسىنىمۇ ئېيتقان ھەم يىڭىچە ناخشىلارنىمۇ ئېيتقانغۇ؟ ئەينى دەۋىردە ئاففاق غوجىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى چەكلىگەن ،قېنى سىز دەپ بىقىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولغان؟(بۇ بەلكىم تىمىدىن چەتنەشتۇر،خاپا بولماڭ) .ئىشقىلىپ ھەممىگە تارخ ئادىل باھا بىرىدۇ؟ رەنجىمەڭ،،،،،،،،، سىزنىڭ خەلق ناخشىلىرىنى ئەنئەنىنى قوغداش روھىڭىز چوقۇم ھەممىمىزگە ئەسكەرتش بولسۇن،،خەلق ناخشىلىرى بىزنىڭ سەنئىتىمىزنىڭ جىنى ،بۇ بىر ھەقىقەت ،ئەمما بىز ساغلام بولغان يىڭىلىققىمۇ ئوخشاش مۇھتاجمىز، تىتىقسىز ناخشىلارغا بولسا مەن ھەم سىز ،بارلىق خەلق قارشى،،!!