ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ! مەن ئالدىدا ‹‹سەككىز بۈرجەكلىك شەھەر-تېكەس›› دېگەن تېمىنى يوللىغان ئىدىم.بەزى تورداشلار تېكەس ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىشىمنى تەلەپ قىلپتۇ،شۇ سەۋەپ بۇ تېمىنى يوللىدىم.
تېكەس ناھىيىسى جۇڭگو قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئۇيسۇن يايلىقىغا جايلاشقان.تېكەس ناھىيە بازىرى سەككىز ئاساسى كوچا،تۆت ئايلانما يولدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،ھەر بىر كوچا،ھەر بىر ئايلانما ئارىسىدا يەنە سەككىز كوچا قوشۇلۇپ ماڭىدۇ،يەنى ئىككىنچى ئايلانما يولدا 16 كوچا،ئۈچىنچى ئايلانما يولدا 32 كوچا،تۆتنىچى ئايلانما يولدا 64 كوچا بار بولۇپ شەھەر قۇرۇلۇشى ئالاھىدە ئۆزگىچە،خۇددى ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشاش كىشىگە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.تېكەس ناھىيەسى توققۇزتارا ناھىيەسى،مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ.ناھىيە تەۋەسىدە ئىلى دەرياسىنىڭ ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنى بولغان تېكەس دەرياسى ۋە كۆكسۇ دەرياسى بار.
تېكەس ناھىيىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 160 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇيغۇر،قازاق،خەنزۇ،مۇڭغۇل،خۇيزۇ،ئۆزبىك قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان،قازاقلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولۇپ،50 مىڭغا يېتىدۇ، خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 35 مىڭ،ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى20 مىڭغا يېتىدۇ.(2009-يىللىق نوپۇس ئىستاتىسكا).ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى ناھىيە بازىرىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.ئۇندىن باشقا كۆكسۇ يېزىسى ۋە چىلۈزەك يېزىسىنىڭ قوبۇ كەنتىدىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ناھىيە بويىچە ئالتە يېزا،ئىككى بازار بار.
تېكەستە ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر ئوغلانى چىن تۆمۈر باتۇر بىلەن سىڭلىسى مەختۇمسۇلا ياشاپ ئۆتكەن بولۇپ،ھازىرمۇ قوبۇ كەنتىدە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قەبىرىسى بار.
تېكەس ناھىيىسى 2007 يىلى دۆلەت تەرىپىدىن جۇڭگۇدىكى تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەر نامىغا ئېرىشكەن.ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە قەشقەر ۋىلايىتى ۋە تۇرپان ۋىلايىتىدىن قالسىلا بۇ نامغا ئېرىشكەن بىردىن بىر شەھەر(ناھىيە)ھېسابلىنىدۇ.ناھىيە تەۋەسىدە قاراجۇن مەنزىرىلىك رايۇنى (يايلاق)،قۇشتاي يايلىقى،قىساڭ مەنزىرلىك رايۇنى،كۆكسۇ ئارشىڭى قاتارلىق گۈزەل ساياھەت ئورۇنلىرى بار.
تېكەس ناھىيەسىنىڭ ئەسلىدىكى تاماشا مۇنارى ھازىر چېقىلىپ ئورنىغا 75 مېتىر ئىگىزلىكتىكى 13 قەۋەتلىك تاماشا مۇنارى سېلىنىۋاتىدۇ.
تېكەس ئالمىسى ئىنتايىن تەملىك بولۇپ،بۇ تەمنى ھېچقانداق يەرنىڭ ئالمىسىدىن تاپقىلى بولمايدۇ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرىلىك ئوغلانى ئىلاخۇن كۆككۆز بوۋىمىز دەل تېكەسكە كېلىپ باغ بىنا قىلغان.دېمەك ئىلاخۇن ئاكا تېكەسنىڭ ئالمىچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەرگەن دېيىشكە بولىدۇ.تېكەسنىڭ ئۇيغۇرلىرى ئىنتايىن خۇش پېئىل،چىقىشقاق ۋە مېھماندوس كېلىدۇ،ھەر ۋاقىت ھەممىڭلارنىڭ كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىشىڭلىزلارنى قارشى ئالىدۇ.
مەنبە:ئۆزۈم