ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 20قەۋەت elkelem كە 2011-07-12 08:46 PMئەۋەتىلدى :
كۈزنەك قېرىنداش تولىمۇ چۈشۈنۈكسىز بايانلارنى بايان قىلىپسىز ،قۇرئاننىڭ رەقەملىرىگە ئاساسەن سىھرىنى تېپىش دېگەندەك بايانلىرىڭىزنىڭ ئاساسى نىمىدۇ، قايسى ھەدىستە بار؟ شۇنى دەپ بەرسىڭىز.بولمىسا مۇقەددەس دىنىمىزنى بەكمۇ سىرلىقلاشتۇرۇپ،بۇتپەرەسلەر، يەھۇدىلار، خىرىستىئانلارنىڭ ئەپسانىسىگە ئوخشاش نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويسىڭىز بولمايدۇ.يۇقارقىدەك گەپنى قىلسىڭىز، خۇددى ئامرىكىنىڭ قەدىمكى مىسىلىقلارنىڭ يازغان خەتلىرى، ياكى قەدىمكى كىتاپلىرىدىكى نامەلۇم ھەرپلەرنىڭ سىرىنى تېپىپ ئۇنىڭدىن خەزىنە تاپقىنىدەك،ياكى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ مىڭ يىلدا بىر ئەجدەرھا چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان نامەلۇم ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن كىتاپلىرى بايان قىلىنغان ئەپسانىۋى كىنولىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدىكەن.
دىنى كومۇنىستلىك دېگەندەك چۈشۈنۈكسىز ئىبارىلىرىڭىزنى سەل ئاددىيلاشتۇرۇپ، پىكىرىڭىز،ئوي تەپەككۇرىڭىزنى بىز چۈشۈنىدىغان ئاۋام تىلىدا بايان قىلسىڭىز بوپتىكەن، سۆزلىرىڭىزنىڭ بەزى يەرلىرىنىڭ گۇڭگالىقىدىن مەھەللەمدىكى ھىلىقى جىنكەش موللامنىڭ سۆزلىرى ئېسىمگە كەپ قالىدىكەن.خېلى مۇرەككەپ كىتاپلاردىكى، خېلى مۇرەككەپ بايانلارنىمۇ ئىككى ئۈچ قىتىم ئوقۇسام چۈشىنەتتىم،لېكىن سىزنىڭ بايانلىرىڭىزنى قانچە ئوقۇساممۇ چۈشۈنەلمىدىم.
بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ ئاساسى قۇرئان ۋە ھەدىس بولغان ئىكەن، سىز دېگەن شۇ ھەرپلەردىن قان تىپىنى يەنە يولتۇز تۈركۈمىنى تېپىشتەك بايانلىرىڭىزنىڭمۇ قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئاساسى بولۇشى كىرەك.
1400 يىل ئىلگىرى رۇسۇللاھ مەيدانغا كېلىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان شۇنىڭدەك يۇلتۇزغا چوقۇنغۇچى ( يەنى شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ سىھرى كۈچى ، ھەر خىل رەۋىشتە يۇلتۇزلار تۈركۈمى ئىلمىللىرىگە ئەگەشكۈچى ) ، پەرىشتىلەرگە ( يەنى شۇ خىل ئىلىمنى ئاللاھ تەرىپىدىن قۇبۇل قىلغۇچى ئالىملارغا ، مۇتتەقىيلەرگە ) چوقۇنۇشتەك ئىشلار ، گوروھلار ئەڭ كۆپەيگەن ئىدى . ئەنە شۇنىڭدەك ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن 600 يىل پەيغەمبەر كەلمەي كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا قەدەم ئېلىشلىرىدەك ، قاراڭغۇلۇقتىكى يۇلتۇز ئىلمىلىرى ( ھەر خىل رەۋىشتە ماتىرىياللار ) بىلەن يول ئىزلەپ يۇرۇقلۇق بولغان ئاي يۇرىقىغا ( ئىلىمدار ، ئالىملىق پەللىسىگە ) يىتىش ۋە ئاندىن قۇياشتىن ئىبارەت نۇر چاچقۇچى پەيغەمبەرلىك ( يەنى ، ئەڭ ئۈستۈنكى دىين قۇرۇلىشىدىن ئىبارەت ) شەرىئىتىگە مۇلاقات بولۇشتەك زامانمۇ - زامان داۋام ئىتىدىغان سىلجىتىشلارغا دۇچ كەلگەندە ئاندىن ئاللاھ قۇياشنى چىقىرىش قىلغان .
شۇڭلاشقا ئاللاھ قۇرئانىدا زاماننىڭ بىر ئوقىدا تۇرمايدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تاپىلاپ سۈبھى بىلەن ، قاراڭغۇلىقى ئەتىراپنى باسقان كېچە بىلەن ، چاشگاھ ۋاقتى بىلەن ، پىشىن ۋاقتى بىلەن ، ئەسىر ۋاقتى بىلەن ، ئەتىراپنى قىزىللىقتىن ئىبارەت شەپەقنىڭ شامدىن ئىلگىرى قاپلايدىغان ۋاقىت بىلەن ۋە شۇنىڭدىن كىيىنكى ھەم قاراڭغۇلۇق بىلەن قەسەم قىلىپ ، ‹‹ چوقۇمكى سىلەر بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا ئۆزگەرتىلىنىپ تۇرىسىلەر ›› دىيىش بىلەن ، بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىلگىركى زامانلارغا ئوخشاش رۇسۇللاھدىن كىيىنمۇ ھەم ئۆزگىرىپ تۇرىلىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتىشىمىزغا قىستىغان .
ھەر قانداقلىكى بىر ئىنسان تۇغۇلىشىدىنلا ئىماندار ، ئىلىمدار بولۇپ تۇغۇلمايدۇ . بەلكى ، شۇ بەندىلەر گەرچە جەننەتكە لايىق ئەمەللەر ئۈستىگە تۇغۇلغان بولسىمۇ يەنىلا ئاللاھ ئۇنى شۇ خىل زامان ئىچىدىكى ئەڭ توغرا بولغان يوللارغا ( خۇددى بىر قانچە يىگىتنى كەھف كە يىتەكلىگەن ۋە شۇ يەردە يامان كۈچلەردىن ساقلىغىنىدەك ، خۇددى نۇھنىڭ كېمىسىگە ئوخشاش بىز چۈشىدىغان شەرىئەتتىن ئىبارەت ھەم كېمىلەرگە سېلىش بىلەن توغرىلىقلارغا ) يىتەكلەش قىلىپ شۇ خىل بەندىلەرنى ئۆز دوستلىرى قاتارىدىن قىلىدۇ . بۇ زامانلارنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز قەدىمىدە تۇرسىمۇ يەنىلا جاھىللىق قىلىپ كىملەركى ئېتىراپ قىلمايدىكەن ۋە بىر شەرىئەتنى داۋاملىق تۇتقا قىلىشنى ئىرادە قىلىدىكەن ، باشقىلارغا ھەم تەۋسىيە قىلىدىكەن ، ئۇلار شەكسىز كاپىر بولىدۇ ! گەرچە ئۇ موللا - قارىي بولسىمۇ !
ئاللاھ كۆزنى ياراتتى . كۆز مەلۇم بىر جايغىچە كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە . ئاللاھ ئىلىمنى ياراتتى . ھەم ھەر ئىلىم كىيىنكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا تېپىشلارغا ۋە شۇ بۇيىچە يول تۇتۇشلارغا يىتەكلىگۈچىدۇر ، شۇ خىل ھەقىقەتلەرنى بايان قىلغۇچىدۇر . ئەلۋەتتە ، ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغانلىرىغا ۋەھىي نازىل قىلىپ بەزى ئىلىملەرنى بىلدۈرگىنىدەك ، ھەر ئىلىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئىگىللىرى بولىدۇ . تاللاش ھوقوقى بەندىنىڭ قولىدا ، رايىدا بولمايدۇ . ئاللاھ نىمىنى كىمگە ، قانداق ئادەمگە ئىرادە قىلسا پەقەت شۇ بولىدۇ . ئەمما شۇنداقلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ زالىملار ، ھەقىقەت ئاشكارا تۇرسىمۇ يەنىلا ئۆز دېپىنى چالغۇچى جاھىللار ، ھىچقانداق ئىلىمگە ئىگە بولماي تۇرۇپلا ئۆزىنى نابۇت قىلغۇچى ئەبگا نادانلار ، ھىچ پىكىر قىلىشنى ئىختىيار قىلمايدىغان ھاماقەتلەر ئاللاھنىڭ ئەسلىدىن پۈتكەن بۇ خىل ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كېچەيۇ - كۈندۈز تىپىرلايدۇ .
رۇسۇللاھ كېلىشتىن ئىلگىرى تەۋرات - ئىنجىللارنىڭ ئۆلىمالىرى شۇنىڭدەك يۇلتۇز ۋە ئاي ئىلىملىرى بىلەن پات ئارىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارا بايان قىلغان . ئىلگىرى يەھۇدىيلار مەيلى قايسى قەۋملەر بىلەن ئۇرۇشۇپ ، تاكاللىشىپ قالسا پات ئارىدا پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقى ، شۇ ۋاقىتتا ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ يۈكسەك كۈچ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ كىشىلەرگە تېرە تاراقشىتاتتى . ئەمما كىيىن شۇ خىل پەيغەمبەر ئۆز ئىچىدىن ئەمەس بەلكى قۇرەيىش خەلقىدىن چىقىۋىدى ، كىبىرلىكى ، ھەسەت قىلىشى بىلەن ئىنكار قىلىشتى .
شۇ ۋاقىتلاردا شۇ خىل ئۆلىمالار قايسى دەلىل بىلەن مەيلى قايسى بىر قەۋمنىڭ ئارىسىدىن بولسۇن بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىلىم بايان قىلالىغان ؟ پەقەت ، شۇنىڭدەك تەۋرات - ئىنجىل ئىچىدىكى ئالدىن مەلۇمات بىرىلىدىغان يۇلتۇز ، ئاي مەسەللىك ئىچكى مەلۇماتلارغا ، لەۋھۇلمەھپۇزىغا ئاساسلانغان . ئاللاھ ئېيتتىكى ‹‹ ئۇلار پەيغەمبەرنى خۇددى ئۆز ئوغۇللىرىنى تۇنىغاندەك تۇنۇيدۇ ›› ئەنە شۇ خىل ئىلىم ئاخىرى ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندا خۇددى قولىمىزدا تۇتقاندەك ، كۆزىمىزدە كۆرگەندەك ھەممە ئاشكارا بولىدۇ .
مۇنەججىملەر ( يەنى شۇنىڭدەك يۇلتۇز ئىلمىسىگە ئىگە كىشىلەر ) شۇ كىشىنىڭ ئۆز ئىسمى ۋە ئانىسىنىڭ ئىسمىنى رەقەمگە ئايلاندۇرۇپ ئۇنىڭ يۇلتۇز تۈركۈمىنى ، ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى ئەڭ يۇرۇيدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ قان تىپى ، مىجەز - خارەكتىرى ھەتتە ئۇنىڭ بەدىنىدە رەڭگى قانداق ، چوڭلىغى قانچىلىك بولغان مەڭلەرنى ھەم بايان قىلىپ بىرەلەيدۇ . بۇ خىل ئىلىملەر نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سىھىركەش ، جىنكەش دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ، ئۇلارغا قارغۇلارچە تۆھمەت قىلىپ ئۆزىمى بۇ ئىلىمدىن ، ھەقىقەتتىن قېچىپ ، باشقىلارنىمۇ ھەم بۇ ئىلىملەرنى ھارام بىلگۈزۈپ كېلىۋاتقان ھەقىقىي بار بولغان ئىلىمدۇر !
جىن بىلەن پاراڭلارشقانغىلا ئۇ جىنكەش ، كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ . ئاللاھ بەقەر سۈرىسىدە ئېيتتىكى ‹‹ سۇلەيمان سىھىر ئۆگىنىپ كاپىر بولغىنى يوق ، شەيتانلار كىشىلەرگە سىھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى ›› دىيىش بىلەن ، ئەسلى بۇ خىل ئىلىمنىڭ ھارام ئەمەسلىكىنى ، ئەمما شۇنىڭدەك كىشىلەرنى ئازدۇرغۇچى شەيتانلارنىڭ قولىغا بۇ ئىلىملەر چۈشۈپ كىتىپ ئەر - خوتۇننى بىر - بىرىدىن ئايرىۋىتىدىغان ، ئىمانى ئىمونىت كۈچى ئاجىزلارنى سىھىرلەپ بىر - بىرلىرىگە ، ئۆزلىرىگە جەلىب قىلىدىغان ، سىھىر ئارقىلىق بىر - بىرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان ، ھەتتە شۇ ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ۋاستىلەرنى قوللىنىۋالغانلىقتىن ، كىشىلەرنىڭ ، جەمىيەتنىڭ شۇ خىل بۇزۇلىشىنى ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بىلمەستىن بۇ خىل نىمەتنى ھارام دەپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋېلىشلىرىنى كەلتۈرۈشكە سەۋەبچى بولغانلىقتىن ، ئاقىۋەتتە ئۇلار ئاللاھنىڭ لەنىتىگە قېلىش بىلەن كاپىر بولۇپ كەتكەن .
سىھىر بىلەنلا ئۆتكۈچىلەرگە ئاللاھ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ ‹‹ يەھۇدىيلار سىھرنى سېتىۋالغۇچىلارغا ئاخىرەتتە ھىچ نىسىۋە بىرەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى ›› دىيىش ئارقىلىق ، كىملەركى شۇ خىل ئۆتكۈنچى ئىلىمدىن ، يولدىن ھەقىقەتنى تۇنىغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا نەپسىگە بىرىلىپ شۇ خىل يولغا رام بولۇپ قالىدىكەن ، ئۇلار ھەقىقەتەن غاپىللىقلارغا دۇچار بولىدۇ . ئۇلارنىڭ باسقان ئىزى پەقەت باتىلدىن ئىبارەت بولىدۇ .